ئوتخورلۇق مۇ ؟ گۆشخورلۇق مۇ؟

 ئالدىنقى ماقالىمىزدە Vegetarian   ۋە Vegan  غا ئوخشاش ئوتخورلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئالاھىدىلىكلىرىنى، بۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبلىرىنى ۋە بىزنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيەمىزنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. بۈگۈن ئوتخورلۇقتا يۇز بېرىدىغان ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە بىر نەزەر تاشلايلى.

ئوتخورلۇق تۈرى ئوزۇقلىنىشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك ۋىتامىن B12 كەمچىللىكى بولۇپ، ئىنسان بەدىنىدە ۋىتامىن B12  كەمچىللىكى كۆرۈنگەندە قانسىزلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىدە سۇسلاش ۋە بەزى ئەسلىگە كەلمەيدىغان نىرىپ كېسەللىكلىرىگە سەۋەپ بولماقتا. ۋىتامىن B12 كەمچىللىكى Vegan لاردا %80 گە بارىدىغان يۈكسەك نىسبەتتە كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ ۋىتامىن B12  بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن ئوزۇقلار بىلەن ئوزۇقلىنىش شەرت. چۈنكى گۆش يېمگەندە بۇ ۋىتامىننىڭ پەقەت ئۆسۈملۈكلەر بىلەن تولۇقلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. 2002 - يىلى يېڭى زىللاندىيەدە بىر بوۋاقنىڭ بۇ كېسەللىك تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىشى بۇ ۋىتامىننىڭ ئىنسان  ساغلاملىقىدىكى مۇھىم ئورنىنى ۋە ئوتخورلۇققا بولغان شۈبھىلىنىشنى كۈچەيتىۋەتتى.

بۇنىڭدىن باشقا ئوتخورلاردا كالتىسىي كەمچىللىكىگە باغلىق سۆڭەك شالاڭلىشىش، تۆمۈر ماددىسى كەمچىللىكى، ئومېگا ئۈچ ۋە بىر قىسىم ئىنسان  بەدىنى ئىشلەپچىقارمايدىغان ئەمما سىرتتىن ئىلىشى زۆرۈر بولغان ئامىنوئاسىتلارنىڭ كەمچىللىكى گۆشخورلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئۇچۇرماقتا. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئېلمېنتلار بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن ئوزۇقلۇقلارنى يېيىشى ۋە بىر ئوزۇقشۇناسنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قۇلاق سىلىشى، بەزى ھامىيلىلىك، بالا ئېمىتىش مەزگىللىرىدە ئۇلارنىڭ كۈزتىشى ئاستىدا بولىشى لازىم. بۇ كۈچلەندۈرۈلگەن ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قىممەتلىكى، بەزىلىرىنىڭ ھەر دۆلەتتە تېپىشنىڭ تەسلىكى، يېمەكلىك ھازىرلاشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى دېگەنگە ئوخشاش ئۇ قەدەر كۆپ قىيىنچىلىقلار ئىنسان تەبىئىتىگە زىت، تەبىئي شارائىتتىن يوقسۇل.

شۇنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى، بەزى ئوتخورلار يۇقىرىدىكى ۋىتامىن ۋە مېنىرال ئېلېمىنتلارنى تولۇقلاش مەقسىتىدە بەزىلىرى مېۋە - چېۋىلەرگە ھۇجۇم قىلسا، يەنە بەزىلىرى باشقا شېكەر مىقتارى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىشقا يۈزلەنمەكتە. بۇلارنىڭ ھەممىسى ساقسىز يېمەك - ئىچمەك ئادىتى بولۇپ بۇ خىل يېمەك - ئىچمەك ئادىتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ شېكەر كېسەللىكى، سېمىزلىك، قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىشى قاچىنىلماس.  خۇددى بەزى تەتقىقاتلار كۆرسەتكەندەك بەزى ئىنسانلار بۇ خىل ساقسىز يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى نىقابلاش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئوتخور قىلىپ كۆرسەتمەكتە.

بۇ يېمەك - ئىچمەك پەلسەپىسىنى داۋا قىلىدىغانلار گەرچە ئوبيېكتىپ بولمىغان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن كۆز قارىشىنى كۈچلەندۈرۈپ پەردازلاپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ ھەقىقەتلەر تارىخ ۋە زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن سۇ يۈزىگە چىقماقتا. تېخىمۇ كەڭ دائىرلىك ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقات ۋە بۈيۈك ئانالىزلەردە نەتىجىلەرنىڭ دەسلەپتە كۆرسىتىلگەندەك ئۇ قەدەر پايدىلىق، خوش قىلارلىق ۋە ساغلام ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. گېرمانىيە ئوزۇقشۇناسلىق جەمئىيىتىگە ئوخشاش بىرەر ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان، پايدا - مەنپەت كۈتمەيدىغان تەشكىلاتلار Vegan   يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى بالىلار، ياشلار، ھامىلە ۋە ئېمىتىش باسقۇچىدىكى ئاياللارغا تەۋسىيە قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.1    

ئوتخورلارنىڭ بىر ھەقلىق تەرىپى شۇكى، ھازىر ئىنسانلار ئىستېمال قېلىۋاتقان ھەر خېل گۆشلەر ھورمون، ياللۇغ قايتۇرغۇچ دورىلار ئىشلىتىلگەنلىكى تۈپەيلى تەبىئىيلىكتىن يوقسۇل بولۇپ قىلشىدۇر.  پەقەت ئۆز مەنپەتىنى قوغلىشىدىغان باقمىچىلىق شىركەتلىرى، پايدىسىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ناتوغرا باقمىچىلىق ئۇسۇلى، ناتەبىئىي يەملەر بىلەن ئىكلوگىيلىك تەڭپۇڭلۇقنى كۆزلىمەيدىغان ۋە مۇھىت ساغلاملىقنى بۇزىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ قالماقتا. ئەمما ئوتخورلارنىڭ ئىستېمال قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلىردىمۇ ئوخشاش مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە تەجىربىخانلاردا ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقان سۈنئىي گۆشلەرنى ئىستېمال قىلىشقا يۈزلىنىپ سۈنئىي گۆشخورلارغا ئايلىنىپ قالارمۇ تېمىسى ئىنسانلارنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى. 

شۇڭا بىزنىڭ پوزىتسىيەرىمىز ئەگەر تەبىئىي بولمىسا نە ئوتخورلۇق نە گۆشخورلۇق. پرىنسىپىمىز تەبىئىتىمىزگە ئۇيغۇن، تەبىئىي مۇھىتتا تەبىئىي ئۇسۇللار بىلەن يېتىشتۈرۈلگەن تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەر، تەبىئىي گۆش ۋە ھايۋان مەھسۇلاتلىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا بىللە ئىستېمال قىلىشتۇر. چۈنكى تەبىئىيلىك ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئېھتىياجى.

1. Richter M, Boeing H, Grünewald-Funk D, Heseker H, Kroke A, Leschik-Bonnet E, Oberritter H, Strohm D, Watzl B for the German Nutrition Society (DGE) (12 April 2016). "Vegan diet. Position of the German Nutrition Society (DGE)" (PDF)Ernahrungs Umschau63 (4): 92–102. Erratum in: 63(05): M262. doi:10.4455/eu.2016.021

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى