دورا مۇ؟ ئوغا مۇ؟

ئەلمىساقتىن داۋالاش پرىنسىپى « ئاز يېيىش ئارقىلىق داۋالاش ھەممە دورىلاردىن ئەۋزەلدۇر» ئىدى.  ساغلاملىقنىڭ قەدرىنى ۋە سىرىنى بىلگەنلەر ئاز يېگەنلىكى ئۈچۈن كېسەل بولمايتتى ۋە يا ئوزۇقلۇقلار بىلەن ساغلاملىقىنى تەڭشەيتى. دورا- ئۆسۈملۈك بىلەن داۋالاشتىمۇ قائىدە « ئەڭ ئاۋۋال ئاددىي، كىيىن مۇرەككەپ رېتسىپ » بولۇپ، ھەم داۋالايدىغان ھەم دورا ياسايدىغانلار ھەكىملەر ئىدى. بۇرۇنقى ھەكىملەرنىڭ - مەسىلەن ئەل بىرۇنى (  970-1050) - دورىگەرلىك تېمىسىدا يازغان ناھايىتى مۇھىم ئەسەرلىرى بولۇپ، ئۇلار ھەر يىڭى دورا ۋە رېتسىپنى كېسەللەرگە ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئۆز بەدىنىدە سىناق قىلاتتى. دورىمۇ تەبئىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ساپ ماددىلىرى بولغاچقا ھازىرقى تەجىربىخانلاردا ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقان سۈنئىي دورىلاردىن ئاسمان - زىمىن پەرق قىلاتتى. بۇ گۈزەل ئادەت مىلادى 1240- يىلى دوختۇرلۇق بىلەن دورىگەرلىك ئايرىۋىتىلگەنگە قەدەر داۋام قىلدى. بۇ نۇقتىدا دورا- ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مەقسىتى ۋە ماھىيىتى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئىنسان بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان، پەقەت بىر ماددا ۋەيا مەھسۇلات سۈپتىدە دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر مۇنچە كەسىپ ۋە تېخنىكا بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ زامانىۋى پەن- تېخنىكىنىڭ بۇ ساھەدە كەڭرى ئشلىتىلشىگە ئەگىشىپ تەبئىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆز ئىلىمىنتلىرىنى ئايرىشتىن ئىبارەت بۇ زەخمەتلىك ئىش چۆرۈپ تاشلىنىپ، پەقەت خىمىيىلىك فورمۇلا ۋە تەڭلىمىلەرگە ئاساسەن تەجىربىخانلاردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان سۈنئىي دورىلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. گېن تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى، قايتا ئۇلاش  DNA ئۇسۇلىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن دورا- ئوكۇللار شۇئان ۋىرۇس،  چوشقا ۋە مايمۇنلارنىڭ گېندىن ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك بىر سۈرەتتە تاغا- تاغارلاپ ئىشلەپ چىقىرىلىپ دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ داۋالىشغا ئەمەس ئىستېمال قىلىنىشىغا سۇنۇلماقتا.

يۇقىردا دېگىنىمىزدەك دورا خۇددى بىر يېمەك- ئىچمەك مەھسۇلاتى، بىر مال ۋەيا ئېھتىياج بويۇمى سۈپتىدە دۇنيا مىقياسىدا زاۋۇتلاردا ئىشلەپ چىقىرىلماقتا. بۇ ماللارنىڭ ئامبارلاردا بېسىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىنسانلاردا ھەرخىل باھانە ۋە تېمىلار بىلەن ئېھتىياج پەيدا قىلىنماقتا. يىڭى كېسەللەر مەيدانغا چىقىرىلماقتا. كېسەللەرنىڭ ئېڭىدا دورىلار ئىلاھلاشتۇرۇلماقتا. ھىچ بولمىسا « كېسەللىكنىڭ داۋاسى- دورا » دېگەن ئۇقۇمنى كېسەللەرنىڭ ئېڭىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ دورا يېمىسە ساقايمايدىغان دەرىجىدە خۇددى ئەپيۈنغا خۇمار قىلغاندەك خۇمار قىلىنماقتا. بۇ دورىلارنى سېتىش ، كېسەللەرگە بۇ « ساغلاملىق » نى ئۇلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىلان بەرمەكتە، بازارلىماقتا. بۇ پائالىيەتلەردە دۇنيا بويۇنچە داڭلىق ئىلمىي ژۇرناللار ۋە ئەڭ ئېچىنارلىقى دوختۇرلارنى ئىشقا سىلپ بۇ سودا- سېتىقنى ئۇ قەدەر كەسپىي، ئۇ قەدەر مۇكەممەل ۋە قۇسۇرسىز شەكىلدە ئىلىپ بارماقتا. بۇ دەرىجىدە ئىلمىي ، سەۋىيىلىك ۋە « ياخشى نىيەتلىك» مەھسۇلاتلاردىن تەسىرلەنگەن جىسمانىي ۋە روھى كېسەللەر بۇ بويۇملارغا خۇددى چوڭ تەرەتكە قونغان چىۋىنلەردەك ھۇجۇم قىلماقتا. 

ئەجىبا بۇ ئىشلارنى قىلىش ئۇ قەدەر ئاسان ۋە ئەزان مۇ؟ بۇلارنى باشقۇرىدىغان، تەپتىشلەيدىغان ئورگانلار يوق مۇ؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بىر دورىنىڭ پىكىر باسقۇچىدىن بازارغا چىقىشىغا قەدەر 10-15 يىل ۋاقىت، 4-5 مىليارد دوللار مەبلەغ سەرپ قىلىنماقتا. بۇ دورىلارنىڭ بازارغا چىقىشنى تەستىق  قىلىدىغان ھەر دۆلەتنىڭ سەھىيە تەشكىلاتلىرى مەۋجۇت. ئەمما بۇ قەدەر زامان- مەبلەغنى كىم بىھۇدە بىر نەتىجە بىلەن ئاياغلىشىشنى ئۈمىت قىلسۇن؟! دۇنيادا بۇ ساھەنى مونوپول قىلىۋالغان10-15 شىركەت بۇ  قەدەر زامان ۋە مەبلەغنى دوغا تىكىدىغان قىماۋازلاردەك ئەقىلسىز ۋە ئەخمەق ئەمەس. شۇڭا ھەممە پائالىيەتلەر باشتىن پىلانلانغان بولىدۇ. تەستىقمۇ بۈگۈن بولمىسا ئەتە چىقىدۇ. بەزى دورا- ئۇكۇللارنىڭ ئەكىس تەسىرىنىڭ ئىنسان بەدىنىدە كۆرۈلۈشى ئۈچۈن 20-30 يىل كېتىدۇ. بۇ شىركەتلەر بۇ ۋاقىتنى پۇرسەت دەپ بىلىدۇ. ھەر خىل ئۇسۇلسىزلىق، پارىخورلۇق ۋەيا كېلىپ چىققان ساغلاملىق بالايۇ- ئاپەتلەر ئۈچۈنمۇ ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن سودىلىشىپ، پۈتۈن جاۋابكارلىقتىن 2-3 مىليارد تۆلەم بىلەن قۇتۇلىدۇ. بۇ ۋەقەلەر ئۇ قەدەر كۆپ سادىر بولغان بولسىمۇ، خۇددى يىڭى بىر ئىشتەك ھەر يىل ئوخشاش شىركەتلەر تەرىپىدىن تەكرارلىنىدۇ. مەقسەت باشقا بولغاچقا بۇ ۋەقەلەردىن ھىكمەت ئەمەس داۋاملىق مەنپەت چىقىرىدۇ.

ئەجەبا بۇ دورىلار كېسەللەرگە ساغلاملىق ئىلىپ كەلدىمۇ ؟ داۋا بولاتامدۇ ياكى ئۆلۈمگە سەۋەپ بولاتامدۇ؟ ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا پەقەت ئامېرىكىدا ھەر يىل تىببىي خاتالىقلاردىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى 200000 دىن كۆپ بولۇپ، دورىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك يىللىق ئۆلۈم نىسبىتى 100000 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن 1 . باشقا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى بۇ « دورىلار» دىن ئۆلدىغانلارنىڭ سانى ئىنىق ئەمەس.  سىز ئۆزىڭىز قارارىڭىزنى بىرىڭ، دورا مۇ؟ زەھەر مۇ ؟  

 ئەمما شۇنى ئۇنتۇماڭ ! ئارتۇقچە دورا ئېچىش- ساغلاملىقتىن كېچىش!


1. Daniel, Michael; Makary, Martin A. (May 3, 2016). "Medical error—the third leading cause of death in the US". BMJ. 353: i2139. doi:10.1136/bmj.i2139PMID 27143499S2CID 20691020


 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى