يېمەك- ئىچمەك پەلسەپەسى

 ئىنسانلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتى، يېگەن ئوزۇقلۇق، ئىچكەن ئىچىملىكلەرنىڭ تۈرلىرى ياشىغان مۇھىت، مەدەنىيەت، ئىتىقاد ۋە شارائىتتىن ئىبارەت كۆپ خىل ئۇنسۇرلارنىڭ تەسىرىدە سەرخىللىق كۆرسەتمەكتە بولسىمۇ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا تەمىن ئەتكەن تەبىئىي مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئېھتىياجىنى قامداش ئاساس ئىدى. يېمەك- ئىچمەك سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ، يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ زاۋۇتلاردا كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى، قاتناش قوراللىرىنىڭ پەرقلىق مەدەنىيەت، جۇغراپىيە ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچلەندۈرۈشى سەۋەپلىك، بەزى گۇرۇھ ۋە تەشكىلاتلار ئىنسان ساغلاملىقى، ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق، ھايۋانلار ھوقۇقى قاتارلىق مودا تېمىلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادەتلىرىگە ھەر خېل پەلسەپىۋى كۆز- قاراش  يۈكلەپ، ئىنچىكە پىلان، مەخپى مەقسەت ۋە ئىقتىسادىي مەنپەت ئۈچۈن يىڭى يېمەك- ئىچمەك ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە، بىر ئىقىم پەيدا قىلىشقا ۋە يىڭى بىر نەسىل يېتىشتۈرۈشكە تىرىشماقتا. بۇ خېل تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىدە تەبىئىيلىكتىن ئۇزاق، تەبىئىي شارائىتلار ھېسابقا قېتىلمىغان بىر قىسىم يېمەك- ئىچمەك پەلسەپەسى ۋە ئۇنىڭغا ماس يېمەك- ئىچمەك ئېقىملىرى مەيدانغا كەلمەكتە .

 بۇلاردىن بېرىسى ئۆسۈملىكچىزىم (Vegetarianism) ۋە  ئوتخورلار ( Vegetarian  ) . بۇلار ھاياتىنى پەقەت ئۆسۈملۈك ۋە تېرىقچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن داۋام قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلغان بولۇپ گۆش تۈرلىرىنى ئىستىمال قىلىشنى رەت قىلىدۇ. بەزىلىرى ھايۋانلاردىن ئىشلەپچىقىرىلغان تىرە، يۇڭ قاتارلىق قوشۇمچە  مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشكە قارشى بولسىمۇ، ئەمما يېمەك- ئېچمەكتىكى تىتىتقۇلاردا ھايۋانلاردىن ياسالغان ماددىلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرى يوق.  تەبىئىي قانۇنغا خىلاپ بولغاچقا بۇلار ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن مەزھەپلەرگە ، پىرقىلارغا بۆلۈنمىش ۋەزىيەتتە. Lacto-Vegetarianism گۆشكە ياق، سۈت مەھسۇلاتلىرىغا ماقۇل دىيىگلىك، Ovo- Vegetarianism  بولسا تۇخۇملارنى ئىستىمال قىلىشنى پەلسەپىسىگە ئۇيغۇن دەپ بىلسە،Ovo- Lacto- vetetarianism   ھەم تۇخۇم ھەم سۈتنى كۆڭلى راھەت ئىستىمال قىلماقتا. Pescetarianism  بېلىق ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تېشىدىكى ھايۋانلارنى ئۆزىگە چەكلىگەن بولسا، Pollotarianism  توخۇ ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ گۆشىنى مەزە قىلىپ يېمەكتە.

 بۇ مەزھەپ خېرىدارلىرىغا رازى بولمىغان يېمەك- ئىچمەك سانائىتى تىخىمۇ كۆپ مەنپەت، مەخپى مەقسەتلەر ئۈچۈن توختىماي خاتا پىكىر- چۈشەنچىلەر بىلەن ئىنسانلارنى رادىكاللىققا ئىتتىرمەكتە. بۇنىڭ سايىسىدە Veganism  ۋە Vegan (ئوتخورئاشتى ) لار مەيدانغا كەلدى. بۇلار گۆش يېمەسلىك بىلەن قالماستىن سۈت، تۇخۇم ۋە ھەسەلگە ئوخشاش ھايۋان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھىچبىرىنى ئىستىمال قىلمايدۇ. بۇلار بەزى ئىنسانلارغا كۈلكىلىك، ئەخمەقلىقتەك كۆرۈنسىمۇ ئۇلار ھەر خېل ئىلمىي- تەتقىقات بىلەن بۇ پىكىر- پەلسەپىنىڭ توغرىلىقى ۋە ئۈستۈنلۈكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشماقتا. ئۆزىگە خاس جەمئىيەت ۋە تەشكىلات قۇرۇپ، ئۆزىگە خاس بايرام كۈنى بەلگىلەپ ئۆزلىرىگە خاس ئوزۇقلىنىش جەدۋەللىرى تۈزۈپ چىقىپ ھەر خېل تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن ئىنسانلارغا دەۋەت ئىلىپ بارماقتا. ئۆزلىرىنى ساغلاملىقنىڭ پەرىشتىلىرى، تەبىئەتنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە ھايۋان ھەقلىرىنىڭ ئادۋۇكاتى دەپ تونۇتماقتا. بۇ خېل پىكىر ئىختىلاپى تەبىئىي شەكىلدە ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا، تۇرمۇش پوزىتسىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئايرىمچىلىقنىڭ سەۋەبلىرى ئازدەك ، بۇ يېمەك- ئىچمەك قىلىپلىرى تۈپەيلىمۇ پەرقلىق گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ بىر- بىرنى مەنسىتمەيدىغان، بىر- بىرنى دۈشمەن كۆرىدىغان ھەتتا بىر- بىرى بىلەن توي قىلمايدىغان دەرىجىدە سىياسى، ئىجتىمائىي كۈرەشنىڭ كەسكىن ئۇرۇش سەپلەردىن ئورۇن ئالماقتا.

بىز بۇ ئىنسانلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنىڭ توغرا بىر قاراش، توغرا بىر تۇتېم ئەمەسلىكىنى، بۇ ئەندىزىلەرنىڭ تەبىئىيلىكتىن ئۇزاق، بىئوسەرخىللىق ئىدىيىسىگە زىت، ئىنسان تەبىئىتىگە قارشى ، تەبىئىي شارائىتتىن يوقسۇل ۋە ساغلاملىققا زىيان بېرىدىغان ناتوغرا بىر پەلسەپە ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلماقچى.

ئۇنداقتا سىزنىڭ يېمەك- ئىچمەك پەلسەپىڭىز ۋە ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ دەپ سورىسىڭىز، شۇنداق جاۋاپ بېرىمىزكى بىزنىڭ پەلسەپىمىز مۇسۇلمانلىق تەبىئىتىمىزگە ئۇيغۇن ، تەبىئىي مۇھىتتىن تەبىئىي ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان، تەبىئەتنى قۇچاقلايدىغان، تەبىئىي ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلارغا دىققەت قىلىدىغان، ساغلاملىقنىڭ سىرىنى تەبىئىيلىكتىن ئىزدەيدىغان تەبىئىي پوزىتسىيە. چوقۇم ئىسمى بولمىسا بولمايدۇ دېسىڭىز، ئىسمى تەبىئىييېمەكىزىم.

 (Naturarianism - Naturarian  )  

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى