زامانىۋى دورا مۇ؟ دورا ئۆسۈملۈكلەر مۇ؟

 كېسەللىكلەرنىڭ كۆپى ئىنسانلارنىڭ ئۆز تۇرمۇش ئەندىزىسى، يېمەك- ئىچمەك قېلىپى ۋە ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا بۇ دەۋىردە بىمارلار كېسەللىكنى تىلەپ تاپماقتا. ئەسلىدە ئىزچى كېسەللەرگە دېگەندەك كېسەللەر دورا  ئىچىشكە مەجبۇر ئەمەس. ئەمما كېسەللەر ناتوغرا، ناتەبىئىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكى، دورا ئېڭىدا بىر ئىلاھ سۈپتىدە ئورۇن ئالغانلىقى، كېسەللىكنىڭ ھىكىمىتىنى ۋە سەبىر قىلىشنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بىز دورا يېزىشقا مەجبۇر. 

ئالدىنقى ماقالىدە زامانىۋى دورىلارنىڭ تەبىئىي ئەمەس سۈنئىي بىر خىمىيىلىك ماددا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتۇق. ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ناتەبىئىي نەرسىلەرنى دۈشمەن دەپ بىلىپ كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى ئۆگەندۇق. دورا ناتەبىئىي بولغاندا ئەسلىدە قىسقا مۇددەتتە بىر دورىدەك كۆرۈنسىمۇ كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى ۋە راۋاجلىنىش قانۇنىغا ئاساسلانغاندا ئۇ بىر ئوغا. ئۇلارنىڭ ئەكىس تەسىرى بەزەن شۇزامات ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقى، بىزگە تىز ئارام بەرگەنلىكى، ھازىرنى كۆزلەپ كەلگۈسىدىن ۋاز كەچكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئوغىنى دورا دەپ يۈرىۋىرمىز.

vioxx  ئىسىملىك دورا  5  يىللىق ئىشلىتىلىش جەريانىدا 120 مىڭغا يېقىن ئىنساننى ئۆلتۈرگەنتى. DES 1 نىڭ راك پەيدا قىلغۇچى تەسىرى ئۇنى ئىشلەتكەن ئاياللارنىڭ قىزلىرىدا 20-30 يىلدىن كىيىن مەيدانغا چىققانتى. يېقىندا فرانسىيە ھۆكۈمىتى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى دېۋەڭلىك كېسىلىگە نان- سۇ ئورنىدا يېزىلىۋاتقان دورىلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسىنىڭ يوقلىقى سەۋەپلىك ھەممىسىنى دۆلەت داۋالاش سۇغۇرتىسىدىن چىقىرىپ تاشلىدى2. زامانىۋى دورىلارنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ئېچىنىشلىق ۋە كۈلكىلىك ھېكايىلىرى بەك جىق بولۇپ، تىخىچە دورا  شىركەتلىرى تىرىشىپ ئىشلەپ چىقارماقتا، دوختۇرلار ھارماي يازماقتا، كېسەللەر بولسا جانى كۆڭۈلدىن ئىستىمال قىلماقتا.

نىمىشقا تەبىئىي  دورا  ئۆسۈملۈكلەردىن دورا  ئىشلەپ چىقىرىلمايدۇ؟ چۈنكى دورا  ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەسىرى ئاستا، ئەزان، كۆپ خىل ئېلېمىنتلاردىن تەركىپ تاپقانلىقى ئۈچۈن شىپا ماددىسىنى ئايرىماق تەس.  ئەڭ مۇھىمى شىركەتلەر دورا  ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن پاتېنت ھۇقۇقى تەلەپ قىلالمايدىغانلىقى ئۈچۈن پايدا تاپالماسلىق سەۋەپلىك بۇ ئىشلارغا مەبلەغ سالمايدۇ 3. شوئار ئەڭ ئاۋۋال زىيان تارتما!

يۇقىردا ئاڭلاتقانلىرىمىزدىن ھەرگىزمۇ دورا  ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى يوق، يۈزدە يۈز پايدا قىلىدۇ دېگەن مەنە چىقمايدۇ.  شەك- شۈبھىسىز تەبىئىي  دورا  ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئېلېمىنتلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا خۇددى پەقەت ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقاندەك ئاجايىپ بىر تەڭپۇڭلۇق مەۋجۇت. بەزى ئېلېمنتلار شىپا ماددىسىنىڭ تەسىرنى كۈچلەندۈرسە، بەزىلىرى ئۇنىڭ ئەكىس تەسىرىنى ئازايتىپ ئىنسان بەدىنىگە زىيان بەرمەيدىغان شەكىلدە تەڭشەيدۇ. ئەگەر دورىگەر ۋە دوختۇر- تىۋىپ بۇ تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە ھۇجۇم قىلغاندا بالا- قازا ئۇنىڭدىن كىيىن باشلايدۇ.

ئەڭ ئاۋۋال شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى دورا  ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئۇ شىپالىق ماددا تەبىئىي  مۇھىتنىڭ نەتىجىسى4 . يەنى شىپالىق ماددىلار، دورا  ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەبىئىي  ھايات جەريانىدا ئەتىراپتىكى تەبىئىي  ھاۋا، قۇياش، تۇپراق ۋە سۇنىڭ تەسىرىدە، ھاياتتا قىلىش كۈرەشلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇزۇن يىللىق بوران- چاپقۇنلارنىڭ تاۋلىشدا، تاغلاردا ، ئىنسان ئوغلى كىرلەتمىگەن ئورمان- بوستانلاردا يېتىشىپ چىقىدۇ. ھازىرقىدەك پارنىكلەردە ئۆسۈپ يېتىلىگەن ئۆسۈملۈكلەردە بۇ خىل ئامىللار بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ شىپالىق قىممىتى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ھازىرقى دورا  ئۆسۈملۈكلەر توۋلاپ سېتىلىشقا مۇھتاج. بۇنىڭدىن سىرت دورا  ئۆسۈملۈكلەرنى پەسىلگە ئاساسەن توپلاش، ساقلاش، يۆتكەش ۋە بىر يىلدىن ئېشىپ كەتكەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىپا ماددىسى يوقىلىدىغان بولغاچقا ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ناھايىتى مۇھىم.  بۇ جەرياندا ھەر خىل توكسىن ئارىلىشىپ قىلىشى ۋەيا باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغاچقا ئۇيغۇن ئۇسۇلدا دېزىنفىكسىيە قىلىنىشى شەرت. ئەمما سەكسەن خالتىلارنىڭ جىقى بۇنىڭغا رىئايە قىلالماقتا. بۇنىڭدىن باشقا دورا  ئۆسۈملۈكلەردىن مۇرەككەپ كۇمىلاچ ياساش بىلىم، زامان ۋە تەجرىبە تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىلمىي تەتقىقات ئىشى بولۇپ ھەرگىزمۇ بىرگە بىرنى قوشساق ئىككى چىقىدىغان ماتېماتكىلىق تەڭلىمە ئەمەس.  بۇ ساھەدىكى قېلىپلىشىش، سۈپەت تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇشنىڭ يېتەرسىز بولىشى تۈپەيلى ھەركىم دورىگەر- تىۋىپ، ھەركىم بۇ مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالالايدىغان خوجايىندەك ھەركەت قىلماقتا. شۇڭا ھەرخىل ماركا ئاستىدا ساغلاملىق پارشوكى، قۇۋۋەت ئېچىملىكى ۋە ساقلىق جەۋھىرى ئىسىمى بىلەن سېتىلىۋاتقان، ھېچقانداق زىيىنى يوق لىباسقا ئورىنىۋالغان ئاقسىل، ۋىتامىن، مەلھەم- مەجۇندەك « تەبىئىي» دورا   مەھسۇلاتلار ئىنسانلارنىڭ زامانىۋى دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرىدىن قېچىشتىن ئىبارەت پسىخىكىسىنى سۈيئىستىمال قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەي بىچارە بىمار، شۇ لوقمان ھەكىمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال ۋە دورا- ئوغا دەتالىشىدىن قۇتۇل!

« كىمكى كۆپ يېيىشتىن ساقلانسا، دورا يېيىشتىن ئازاد بولىدۇ» 


1. DES: dietilstilbesterol

2.http://www.bmj.com/content/367/bmj.L6930

3. Dr.Daniel G. Amen-beyninizi değiştirin vücudunuz değişsin

4. Nazım Tanrıkulu- tıbbi bitkileri doğru kullanma rehberi 



                             

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى