ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى- 8

 89. ۋۇجۇدۇمىزنىڭ ئۇل تېشى ئاقسىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنبەسى گۆش. سۇنئىي يەملەر بىلەن بېقىلغان ئەمەس، تەبىئىي ئوتلىغان،يايلىغان ھايۋان گۆشىنى ئىشتىھا بىلەن يېسىڭىز بولىدۇ. كالا، قوي، ئۆچكە گۆشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى تەبىئىي بوردالغان بولىشى. ياغسىز گۆشنىڭ تەمى بولمىغاندەك پايدىسىمۇ بولمايدۇ. كاۋاپ تەنگە ساۋاپ، ھىكمەتنى تاپ زىخقا قاراپ.

90. گۆشنى پىشۇرغاندا كۆيدۈرۈپ كۈلىنى، قاينىتىپ سۈيىنى چىقارماستىن نورمال پۇشۇرۇش لازىم. تەبىئىي ئۇسۇلدا ياسالغان قېزا يېسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ھەرخىل ئىسىملار بىلەن زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان گۆش مەھسۇلاتلىرىدىن ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ. بولمىسا گۆش يەيمەن دەپ بېشىڭىزنى يەيسىز.

91. كاللا - پاچاقنى قان بېسىمى، ماي يۇقىرىلىقى بار دەپ ئولتۇرماستىن خاتىرجەم يېسىڭىز بولدۇ. بۇلار بىلەن پۇت- قولىڭىزغا جان، يۈزىڭىزگە قان كەلسۈن.  ساقسىز ئەمەس ئۆپكە- ھېسىپ، ئەمما قۇيغۇچىلار كېتىدۇ ھېرىپ. خېمىرى ئاز گۆشى جىق چۆچۈرە، سامسا، پىتىر مانتا، نارىن چۆپنى داڭلاشقا، زورلاشقا كېرەك بارمۇ؟

92. توخو گۆشنى يېيىشتىن ئاۋۋال ئانىسىنى سۈرۈشتۈرۈڭ. گۆش توخۇسى، يېزا توخۇسى ۋە باشقا توخۇلار سىزنى ئالدىمىسۇن. سۈنئىي يەم بىلەن ئەمەس، ئەركىن يايلاپ، دانلىغان توخۇلارنى ۋە ئۇچار قاناتلارنى يېسىڭىز شۇڭقار ئاتقۇچى پالۋان بولىسىز. بۇ توخۇلارنىڭ گۆشنىڭ رەڭگى قېنىق ۋە چىڭ بولىدۇ.

93. گۆش يېيىشكە قۇربىتىڭىز يەتمىسە مەيۈسلەنمەڭ. تۇخۇم گۆشنىڭ قوشكىزىكى بولۇپ، ئەڭ سۈپەتلىك ۋە ئەزان ئاقسىل مەنبەسى. لېكىن ئۇنى تۇغقان ئانىسىنىڭ تەبىئىي بولىشى لازىم. كۈندە 1- 3  تانە يېسىڭىز بولىدۇ. تۇخۇم  ئىچىدىكى كولىن ( choline )  ماددىسى بىلەن قاندىكى ماي چۈشۈدۇ، سىنىك، كالتىسىي ۋە ماگنىي ئىلمىنىتلىرى بىلەن قۇۋۋىتىڭىز ئاشىدۇ. خام يېمەڭ، جىق پۇشۇرماڭ. ۋاقتى 10 كۈندىن ئىشىپ كەتمىگەن  يىڭى تۇخۇملارنى يەڭ.

94. سۈنئىي يەم بىلەن بېقىلغان بېلىقلاردا خەير يوق، ئوكيان بېلىقلىرى بىزدىن يىراق. دېڭىزدىكى كىرلىك تۈپەيلى ئېغىر مېتاللاردىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن كىچىك بېلىقلارنى ئىستىمال قىلىڭ. توكسىن مىقدارى كۆپ بولغان قۇلۇلە (stomach ) ، ئىستاكوز (lobster ) ۋە كارىدەس (shrimp ) تىن قېچىڭ.

95. قۇتىدىكى سۈتلەر سۈت ئەمەس، بۇ سۈتلەرنىڭ قايمىقى يوق بولۇپ بۇلارغا پۇل خەجلەپ يۈرمەڭ. كۈنلۈك سۈت تاپالىسىڭىز ئىچسىڭىز بولىدۇ. تاپالمىسىڭىز كالتسىيسىز قالدىم، سۆڭەكلىرىم شالاڭلىشىپ كېتىدۇ دەپ تەشۋىشلەنمەڭ. سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىدىكى كالتىسىي، فوسفور نىسبىتى يۈكسەك بولۇپ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى تۆۋەن. چۈنكى ئۇ ئانا سۈتى ئەمەس.

96. سۈتنىڭ يېرىگە ساپ سۈتتىن ئۆيدە قېتىق ئۈيتۈپ يەڭ. < يولنىڭ ئەسكىسى پېتىق، ئوغۇلۋالىنى بۇزغان قېتىق> سۆزى قېتىققا قىلىنغان تۆھمەت. قېتىق ئىككىنچى مىڭىڭىز بولغان ئۈچەي يوللىرىڭىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولۇپ، قېتىقنىڭ گۇناھى يوق. ئىشلار چاتاقسا، ئۇنىڭ قېتىق تېشىدىكى سەۋەبلىرى جىق.

97. ھەسەلدە شىپا بار ئىدى، مىللىي تىبابەتتە ئۇ بىر دورا ئىدى. ئەمما ھازىر ھەقىقىي ھەسەلنى تېپىش چۆلدىكى ئىزدەك تاپماق تەس ۋەيا ئاجايىپ قىممەت. كىچىك چاغلىرىمدا غۇلجىنىڭ تاغلىرىدىكى ساپ ھەسەلنىڭ تەمىنىڭ قاڭسىقلىقىدىن بىر قوشۇق ھەسەلنى زورلاپ يۇتاتتىم، ھازىرقى ئىسمى ھەسەل شېكەر سۈيىنى ئىنسانلار يالماپ يۇتماقتا. ساختا ھەسەلدە شىپا يوق، ئەكسىچە بالا بار.

98. < كۆپ تۇز يېسەڭ، قان بېسىمىڭ يۈكسىلىدۇ> سۆزى ئىشلىتىۋاتقان ئاش تۇزىمىز ئۈچۈن كۈچكە ئىگە. كرىستال تۇز، ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئېرىتىپ ئىشلەتكەن شو تۇزلار ئەكسىچە قان بىسىمىنى چۈشۈرىدۇ. ئاش تۇزىنىڭ يېرىگە كرىستال تۇزى ئىشلىتىڭ. ئاش تۇزىنىڭ ئىچىدە بىر خىل ناترىي خلور ئىلمىنتى بار بولسا، كرىستال تۇزنىڭ ئىچىدە 84 خىل مېنىرال بار.

99. ئاش تۇزىنىڭ نوكچا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئاليۇمىن قېتىلماقتا. ئاليۇمىن ئالىزخەيمىر دەك دەلدۈشلۈك كېسەللىكىنىڭ مۇھىم سەۋەبى. شۇڭا ئاش تۇزدىن يىراق تۇرۇپ كرىستال تۇز بىلەن دوست بولۇڭ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ تۇز تەمى قاچمىسۇن.

100. ئىنسان تۇزسىز قالغاندا، مىكرو سەۋىيىدە ھۈجەيرىلەر سۇسىز قالىدۇ.  ھۈجەيرىلەر نورمال فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجى بولىدۇ ۋە بۇنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن تاتلىق نەرسىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. دېمەك ئاغزىنىڭ تۇزى تەمى بولمىغان كىشى ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچىغا ئىگە بولالمايدۇ.

101. ئەگەر داۋاملىق ھالسىز ھېس قىلسىڭىز، يەپ تويمىسىڭىز، شېكەردىن ئۆزىڭىزنى تارتالمىسىڭىز، بىشىڭىز قىيىپ يۈرىكىڭىز سالسا، سۇسىز ۋە تۇزسىز قالغان ئوخشايمەن دەپ كرىستال تۇزنى يەڭ ۋەيا يالاڭ. كېسەللىك چۆلىدە سۇسىز، تۇزسىز كەزمەڭ!  

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى