ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى- 9

 102. سۆڭەك ۋە مۇسكۇللىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن كالتىسىي مۇھىم. ئەمما D ۋىتامىنى بولمىسا، كالتىسىي ئۈچەيلىرىمىزدىن سۈمۈرۈلمەي سىرتقا ئېتىلىپ ئىسراپ بولىدۇ. كالتىسىي تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى سۆڭەكنى قاينىتىپ ئىچىش، قۇياش مۇنچىسىغا چۆمۈلۈش. ھەم تەبىئىي ھەم ئەزان.

103. ماگنىي ھاياتىمىزدىكى مۇھىم ئىلمىنتلارنىڭ بىرسى بولۇپ قان- تومۇرلىرىمىزنى راھەتلىتىپ شىقىقىنىڭ ۋە تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.  قىنىمىزدىكى كالتسىينىڭ ئېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تاش پەيدا بولۇشتىن ساقلايدۇ. ماگنىينىڭ كەمچىللىكى تۇغماسلىققا ۋەيا بويىدىن ئاجراپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ. ماگنىي ھاياتلىقنىڭ چىرىقى.

104. يود ئەڭ مۇھىم ئوكسىدلاشقا قارشى تۇرغۇچى ئىلمىنت بولۇپ، قالقانسىمان بىزىمىزنىڭ نورمال خىزمىتىنىڭ كاپالىتى. ھامىلىلىقتا ۋە بالىلارنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنكى مەزگىللىرىدە يود كەمچىللىكى بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئانا سۈتىنىڭ ئىچىدىكى يود مىقتارى يېمەك- ئىچمەكتىكى يودنىڭ 4 ھەسسىسى بولۇپ، بالىلارنى ئانا سۈتىدىن ۋە ئۇ بېغىشلىغان يوددىن مەرھۇم قىلماڭ. يود دېڭىز يوسۇنلاردا ئەڭ كۆپ.

105. ئىنسان ھۈجەيرىلىرىنىڭ فۇنكسىيىسى ۋە ئېنزىملارنىڭ خاتاسىز توختىماي ئىشلىشى ئۈچۈن ئاز ئۇچرايدىغان ئىلمىنتلارغا ۋە ۋىتامىنلارغا ئېھتىياجى بار. مەسلەن سىنىك 300 گە يېقىن ئېنزىمنىڭ كاتالىزاتورى ۋە ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ قالقىنى. ئەڭ مۇھىم بولغان خۇسۇس بۇلارنى سىرتتىن تولۇقلاش ئەمەس، تەبىئىي ئوزۇقلىنىپ بۇلارنىڭ بەدىنىمىزدىن قېچىپ كېتىشنى توساش. كىرستال تۇزدا 84 خىل مىنىرال ماددا بار ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن قالمىدى.

106. ئاياللارنىڭ قان ئازلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرسى تۆمۈر كەمچىللىكى بولۇپ بۇنىڭ ئانا سەۋەبى يېگەن تۆمۈرنىڭ ئازلىقىدىن ئەمەس، ئادەتنىڭ ئېگىز پەسلىكىدىن. تۆمۈرجاننى تولۇقلايمەن دەپ تۆمۈردىن چاي دەملەپ ئىچىپ، تۆمۈرخاننىڭ ناخشىسىنى توۋلاپ يۈرگەنلەرنىڭ سانى ئاز ئەمەس. تەبىئىي ھاياتقا قەدەم تاشلاڭ، تۆمۈر قورقۇنچىنى كەينىڭىزگە تاشلاڭ.

107. ۋىتامىن B12   كەمچىللىكمۇ قانسىزلىق، ئەستە تۇتۇش قابېلىتىدە سۇسلاش ۋە باشقا نىرىپ كېسەللىكلىرىگە يول ئاچماقتا، بۇلارنى تولۇقلايمەن دەپ ئىنسانلار دورىخانا ۋە دوختۇرخانىلارغا سەل بولۇپ ئاقماقتا. گۆش يېگەنلەردە بۇ ۋىتامىن   كەمچىللىكى  كۆرۈلمەمەكتە. شۇڭا مەن ئوتخور ۋە ئوتخورئاشتى ( vegan  )  دەپ كۆرەڭلەپ كەتمە، تەسلىم بولۇرسەن بۇ كېسەللىككە.

108. بەزى يوشۇرۇن قاتىل مىنېراللاردىن ئۇزاق تۇرۇڭ، بۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارنى ئوبدان تونۇڭ.  ئاقارتىلغان ئۇنلىرىمىزدا بروم، پىزا- بولكىلاردا گلۇتېن(Gluten  ) ۋە لاكتىن ( Lectin ) ، ئاش تۇزىدا ئاليۇمىن، تىتۇتقۇلاردا ئاسپارتام (Aspartame ) ،چۈشكۈنلۈك دورىلىرىدا فېلور، سوپۇنلاردا خىپوكېلورات ( cıo  ) ، ئەتىر ۋە سىرنىڭ پۇراقلىرىدا دىئوكسىد (dioxide ) بولۇپ، بولار راك پەيدا قىلغۇچى ئىلمىنتلەر ۋەيا ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر. قارارىڭىزنى سىز بىرىڭ، راك مۇ؟ بۇلارنى تەرك مۇ؟

109. ياغدا قىزارتىلغان ياڭيۇ ياپراقچىسى، خاشۇ خالتىدا ساقلىقىمىزغا كۆز تىككەن ياڭيۇ قەلەمچىلىرى، ساقلىقىمىزغا قەست قىلغان خامبۇرگەر ۋە ئۇنىڭ ئاق- قىزىل ئۇپا- ئەڭلىك، گىرىملىرى، توكسىن ۋە زەھەر نۇقتىسىدىن ھەربىرى بىر ئاتوم بومبىسى بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭ زىيىنىنى بىلمىسىڭىز ياپۇنلۇقلاردىن بىر سوراڭ.

110. بەدىنىمىزدە يىغىلىپ قالغان بۇ توكسۇنلارنى يوقۇتۇش، زەھەرلىك ئېغىر مېتاللارنى ئېرىتىش ئۈچۈن يېشىل كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىڭ. كۆكتاتلار نە قەدەر يېشىل بولسا، خلوروفىل (chlorophyll ) مىقدارى ئۇ قەدەر جىق بولغاچقا ئۇ قەدەر ياخشى. ئېغىر مېتاللار بىلەن كۈرەشتە دېڭىز يوسۇنلىرى ۋە بەزى ياۋا ئوت- چۆپلەر قولىمىزدىكى كۈچلۈك قوراللاردۇر.

111. سامساق ھۇجەيرىلىرىمىزنىڭ داتلىشىپ قىلىشىنى توسىيدىغان ئوكسىدلاشقا قارشى تۇرغۇچى. ئىچىدە گۈڭگۈرت بار بولغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر مېتاللارنى ئېرىتىپ يوقۇتۇشىمىزدا ئاجايىپ پايدىلىق. ئىبىن سىنا: < ھەر كۈنى بىر باش سامساق يەڭ > دەپ بىكارغا دېمىگەن.

112. پىيازمۇ يۇقىرى گۈڭگۈرت مىقتارى بىلەن سامساققا ئوخشاش قىممەتلىك. پىيازسىز قىيما بولمىغاندەك، ساغلام ھاياتمۇ تەس بولىدۇ. شەھەرلىكلەر ياخشى كۆرمىسىمۇ، مانتا- سامسىڭىزنىڭ پىيىزى جىق بولسۇن.

113. گەرچە بىزگە بەك تونۇش بولمىسىمۇ، بروكولى (broccoli ) ، كارناباھار (cauliflower )، يېسىۋىلەك (cabbage ) مۇ تەركىبىدە گۈڭگۈرت بولغانلىقى ئۈچۈن داتلارنى سۈپۈرۈپ تاشلار، بىزنى زەھەرسىز، ساغلام ھاياتقا باشلار.

114. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدۇق، سېھىرلىك كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلدۇق، شۇنداق تۇرۇقلۇق ھۇجەيرىلىرىمىز يەنە ئوكسىدلىنىپ تۆمۈر بەدىنىمىز داتلاشسا كونا ئۇسۇل بولغان تەبىئىي ئاچچىقسۇ بىلەن ئۇلارنى ئېرىتىپ تاشلاڭ! تەبىئىي ئېچىتىلغان ئاچچىقسۇنىڭ تەمى ئاچچىق، ئەمما خىسلىتى بەك تاتلىق.  

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى