ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى- 7

76. شېكەر خۇمارىڭىز تۇتسا، تالا مىقدارى كۆپ بولغان خورما، گۈلە ۋەيا جىگدە- چىلاندىن 4- 5  تانە يېسىڭىز بولىدۇ. تالا ھەم شېكەرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىدۇ ، ھەم قورسىقىڭىزنى توق تۇتۇپ قالايمىقان يېيىشتىن ساقلايدۇ، قەۋزىيەتتىن قوغدايدۇ. 2-3 ھەپتىگە قالماي خۇمارىڭىز تۈگەيدۇ.

77. مېۋە- چىۋە ، سەي- كۆكتاتلاردىكى تالالارنىڭ پارچىلىنىپ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن مېۋە سۈيىنى ئەمەس مېۋىنىڭ ئۆزىنى يەڭ. ئىبىن سىنامۇ:< مېۋىلەرنى پۈتۈن يېيىش كېرەك> دەيدۇ. سەي- كۆكتاتنى خام يەڭكى، تالا ئۆلمىسۇن! تائامدا يوقسا تالا، بېشىڭىزغا ئاچىدۇ بالا.

78. تۆۋەن شېكەر كۆرسەتكۈچلى ( 50 دىن تۆۋەن ) يېمەك- ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىڭ. بۇنداق بولغاندا يۈزىڭىز دانخورەكتىن، چاچلىرىڭىز كىپەكتىن، قىزلار ئادەت ئاغرىقىدىن، نېرۋىلىرىمىز غەزەپ ۋە قايغۇدىن، چىشلىرىمىز ياللۇغىدىن، بالىلىرىمىز دۆتلۈكتىن خالى بولىدۇ.

79. بۇ ساغلاملىق كۆرەش غەلىبىسىنىڭ بىر باشقا كاپالىتى دوست ۋە دۈشمەن ياغلارنى ئايرىپ چىقىپ دوستۇمىزغا دوستەك، دۈشمىنىمىزگە ياۋدەك مۇئامىلە قىلماق. پۈتۈن ياغلارنى دۈشمەن كۆرۈپ بىر كېپەنگە تىقساق، ئۆزىمىزنىڭ كېپەنىنى ھازىرلاپ، گورىمىزنى ئۆزىمىز كولىغان بولىمىز. ھاياتىمىزنىڭ باشلانغۇچ ئوزۇقى بولغان ئانا سۈتى ئەڭ كۆپ دوست ياغلاردىن تەشكىل تاپماقتا.

80. دوست ياغلار: قۇيرۇق ياغ، سېرىق ماي، بېلىق مېيىغا ئوخشاش قاتتىق ياغلار ۋە سوغۇق سىقىلغان زەيتۇن مېيىغا ئوخشاش سۇيۇق ياغلار بولۇپ بۇلارنىڭ قىنىمىزدىكى ۋەكىلى كولەستىرول ( cholesterol ) ۋە ئومېگا ئۈچ.  دۈشمەن ياغلار: مارگارىن ۋە زاۋۇتلاردا ھەرخىل ناتەبىئىي ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىپ شېشە ۋە تۇڭلارغا قاچىلانغان گازىر، قوناق، كۈنجۈت قاتارلىق ياغلار بولۇپ بۇلارنىڭ قىنىمىزدىكى كۆرسەتكۈچى تىرىگىلىسىرىد ( triglyceride ) ۋە ئومېگا ئالتە.

81. ۋۇجۇدىمىزدىكى ئاقسىللار ياغسىز خىزمىتىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ياغسىز گۆشتە پايدا يوق ، دۈمبە جىگەردە ھىكمەت جىق! مىڭىمىزنىڭ ۋە ھۈجەيرە پەردىمىزنىڭ تۈزۈلۈش تەركىبىي كولەستىرول بولۇپ ئۇنىڭسىز ھايات مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ياغ يە، يالىڭاچ يات!

82. < قىنىمدا كولەستىرول يۇقىرى > چۆچىكىنىڭ مودىسى تۈگدى. كولەستىرول بىر ئوكسىدلاشقا قارشى تۇرغۇچ بولۇپ، پۈتۈن ئەزالارىمىزنى ياغلاپ دات بېسىشتىن ساقلايدىغان نوچى جەڭچى. سېمىزلىكنىڭ سەۋەبى ياغلىق تائام ئەمەس، دوست ياغدىن يوقسۇل تائام.

83. دۈشمەن ياغلاردا كولەستىرول يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەڭگىنىڭ گۈزەللىكىگە، پۇرىقىنىڭ مىزلىكلىكىگە قاراپ ئالدىنىپ قالماڭ. ئۇلار ئەسلىدە بەدىنىمىزدىكى inflammation  ئىسىملىك مىكروپسىز ياللۇغ دېگەن ئوتنىڭ ئۈستىگە چىچىلغان كىرسىن بولۇپ، ئۇلار ئىبىن يەمىن دېگەن < ياغ بىلەن روشەنلىك تاپسا ھەم بىراق، ياغ ھەددىن ئاشقاندا ئۆچىدۇ چىراق > دىكى < ھەددىن ئاشقان ياغلار>

84. ئومېگا ئۈچ ۋە ئالتىنىڭ بەدىنىمىزدىكى ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئومېگا ئۈچ بىزنى ھەرخىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكتىن قوغدىسا، ئومېگا ئالتە بەدىنىمىزدىكى مىكروپسىز ياللۇغنى ئۇلغايتىدۇ. تەبىئىيلىكنىڭ تەمىنى تېتىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىنىدىكى ئومېگا ئۇچ ۋە ئالتىنىڭ نىسبىتى 1:1 ئىكەن، بىزدەك ناتەبىئىي ھاياتنىڭ قەھرىمانلىرىدا بۇ 1:20 گە چىقماقتا، ھەر ئاپەت دەل بۇنىڭدىن كەلمەكتە.

85. ۋىتامىن A,D,E,K   قاتارلىق ياغدا ئېرىدىغان ۋىتامىنلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئۈچۈن دوست ياغ بولىشى شەرت. ئەگەر مەيداندا ياغ يوقسا، بۇ ۋىتامىنلارنى تولۇقلاپ ئالسىڭىزمۇ ۋۇجۇد تەرىپىدىن سۈمۈرۈلمەي چوڭ تەرىتىڭىز بىلەن بولىدۇ يوق. سۈنئىي ۋىتامىن ئىچىشتىن ئاۋۋال ياغ چاينا، ئۇنىڭ بەرگەن ئېنېرگىيسى بىلەن قاينا!

86. دوست ياغلار سىزنى سەمرىتمەيدۇ. سىزنى سەمرىتىدىغان، قوسقىڭىزدىكى ياغ تۇڭنىڭ ئىچىدىكى شېكەر ۋە دۈشمەن ياغلاردۇر. يەنە بىر قېتىم تەكرارلاشتا زىيان يوق، سېمىزلىك ياغ راكىدۇر.  تىرىگىلىسىرىد ۋە سۇنئىي ياغلار قان- تومولىرىڭىزنى توسۇپ قان- تومۇر كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغان ئەشەددىي دۈشمەن.

87. تىنىمىزدىكى جىنسىي  ھورمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ھورمونلارنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي كولەستىرول بولۇپ، كولەستىرول ياشلىق باھارىڭىزنى ئۇلغايتىپ، پىسخىكىڭىزنى تەڭشەپ، سىزگە ئائىلە خوشاللىقىنى بەخش ئېتىدۇ. دۇشمەن ياغلار بولسا تۇرمۇشىڭىزنى زىندان قىلىدۇ.

88. ئەگەر ھايات ئېكسىرى نېمە دەپ سورىسىڭىز، سوئالنىڭ جاۋابى بېلىق يېغى بولۇپ، ئۇ ھەقىقەتەن ساغلاملىقنىڭ سىرى. تەركىبىدە مول ئومېگا ئۇچ بولۇپ، بېلىق يىغىنى يېگەن ئىنسانلار ھايات دېڭىزىدا، ساغلاملىق ئوكيانىدا بېلىق بولۇپ كېتىدۇ. كېلىڭ دوستلار، ساغلاملىق خەزىنىمىزگە مېھمان بولۇپ كېتىڭ! 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى