ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى - 5

50. شېكەر كېسىلى، قاندا ماي يۇقىرىلاش، قان بېسىمى، سۆڭەك شالاڭلىشىش، سېمىزلىك ۋە ھەتتا راك قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەر ئويلىغىنىمىزدەك ئىرسىي بولماستىن ئۆزىمىز ھاياتتا تاپقان ئوزۇقلىنىش خاتالىقلىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ. كېسەللىكلەرنىڭ جىقى گېنېتىك ئەمەس، ئەمما كېسەل پەيدا قىلىدىغان مۇھىت، ئىقلىم كىيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالىدۇ .

51. يۇقىردا سانىغان پۈتۈن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى مىكروبسىز ياللۇغ( inflammation  ). بۇ ياللۇغدا بىز بىلىدىغان قىزىتما يوق، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولدىغان بىر مىكروب، دۈشمەن يوق، ئەمما بەدىنىمىزدە بىز ھېس قىلالمايدىغان بىر ئۇرۇش، بىر كۆرەش مەۋجۇت. بۇ ئاستا خاراكتېرلىك، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشنىڭ ئىسمى سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ كۈرەشنىڭ مەغلۇبىيىتى كېسەللىك.

52. بۇ جەڭنىڭ جەڭچىسى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بولۇپ، قارىشىدىكى دۈشمەن ئاللاقانداق مىكروب، ۋىرۇس، پارازىت بولماستىن، بەلكى بىزنىڭ ھاياتىمىزنى داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەركۈنى ئىستىمال قىلىۋاتقان ھەر خىل ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەكلىرىمىز، ناتوغرا  تۇرمۇش ئەندىزىمىز. يەنى دۈشمەن ئۆزىمىز. بۇ دۈشمەننى تونۇپ يىتەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن كۆپۈنچە ھاللاردا ئۇلار غالىپ، بىز مەغلۇپ. ھەكىم قائانىي دېگەندەك < دۈشمەن قولىدىن قېچىپ كېتىمەن، دۈشمەن ئۆزەمدە بولسا نېمە قىلارمەن؟>

53. بۇ كۈرەشنىڭ غايىسى ساغلاملىق، ماھىيىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم سىتراتىگىيسى دۈشمەنلەرنى ئېنىق تونۇپ يىتىپ، دوست يېمەك- ئىچمەكلەردىن دۈشمەن ۋە خائىن مەھسۇلاتلارنى ئايرىپ چىقىپ، ئۆزىمىزنىڭ مىزاجىغا، مىجەزىگە ۋە تۇرمۇش شەرت- شارائىتلارغا مۇۋاپىق بىر ھايات پروگراممىسى تۈزۈپ چىقىپ ئۇنى تۇرمۇشىمىزغا تەدبىق قىلماق. غەلبىنىڭ كاپالىتى پەرھىز، قانائەت، سەۋر، ئىرادە، ئۈمىت ۋە ھەرىكەت!

54. بۇ سىتراتىگىيدىكى باش سىتىراتىگىست ئۆزىڭىز بولۇپ، بۇ سىتراتىگىينىڭ پىكىرى تەبىئىيلىك. يەنى ھەكىم ئىزىنىڭ ھەرقاچان تەكىتلەپ كەلگەن: < ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىز ۋە ساغلاملىق تەبىئىيلىكنىڭ ئىزدە كۆمەگلىك > تىن ئىبارەت.

55. بىرىنچى ئەڭ كۈچلۈك دۈشمەنىمىز نەپسىمىز. بىز نەپسىمىزنىڭ ئارزۇ - ھەۋەسلىرىگە باش ئېگىپ ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قىلىمىز. سالامەت بولاي دېسەك، نەپىسنىڭ خاھىشىغا زىت ئىش قىلىش كېرەك. < نىگارىستاندا > دا يېزىلغاندەك:< كۆڭۈل خاھىشىگە يېتىش يېقىملىقتۇر، بىراق ئاقىۋىتى كۆڭۈلسىزلىكتۇر!>

56. بۇ دۈشمەنگە قارشى قولىمىزدىكى بىرنچى قۇرالمۇ پەرھىز. يەنى ئاز يېمەك، ساز يېمەك. بۇ يەردىكى سازدىن مەقسەت تەبىئىي يېمەك. قوساق پۈتۈن ئىللەتنىڭ ماكانى بولغىنىدەك، پەرھىز ھەر قانداق داۋانىڭ ئاچقۇچى. مەخسۇم ۋاسىلىي دېگەندەك:< جاھاندا پەرھىزى بولغان كىشى دائىم سالامەتتۇر، كۆرۈنگەن نەرسىنى ئاغزىغا تىقماق مالامەتتۇر>

57. ئىككىنچى قۇرالىمىز قانائەت. ھاياتىمىزدىكى بەزى يوقسۇللۇققا، قولىمىزدا بار بولغان ئىمكانلارغا ۋە ئاشخانىمىزدىكى مەۋجۇت يېمەك- ئىچمەكلەرگە قانائەت قىلىپ شۈكۈر قىلساق، مىڭ شۈكرە دېسەك ، ئۇ ۋۇجۇدىمىزغا ساغلاملىق سۈپتىدە ئەكىس ئېتىپ ھاياتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىغا، كۈچلۈك قورالىغا ئېرىشكەن بولىمىزدە، بۇ جەڭدە مەغلۇپ بولمايمىز. < قانائەت ھەركىمنىڭ بولسا يولدىشى، غەم بىلەن ئېگىلمەس ھىچ ئۇنىڭ باشى>

58. بىر باشقا قورالىمىز سەۋر. باشتا ئېيتقاندەك بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش ۋە كېسەللىكلەر پاتمانلاپ كىرىپ، مىسقاللاپ چىقىدۇ. سەۋرنىڭ تېگى سالامەت. كونىلار دېگەندەك:< كۈننىڭ جامالىنى كۆرەي دېسە كىشى، تۈندە سەۋر قىلماق يالغۇز چارىسى>

59. ساغلاملىق سەپىرمىزدىكى ئىرادىمىز بىزنى مەنزىلگە كۆتۈرىدىغان، بىزنى غەلبىگە ئېرىشتۈرىدىغان خەنجىرىمىز. بۇ خەنجەر بىلەن بەزەن شېرىن ئەمما ناتەبىئىي تائام دۈشمىنىنىڭ يۈرىكىگە سانجىساق، بەزەن ھورۇنلۇق، نادانلىقتەك نەپىس- خاھىشىمىزنىڭ بوغىزىنى كېسىمىز.

60. ساغلاملىق ئەسلىدە ئۇ قەدەر يېقىن، ئۇ قەدەر قولاي. ساغلام ھايات ئۆزىمىز ئالقىنىدا. بۇ ھاياتقا بولغان ئۈمىدىمىزنىڭ ئۆزى ساغلاملىق خەزىنىسىنى بىزگە كەڭ ئېچىشقا قادىر. مۇھىم بولغان ئۇ ئۈمىدنى يوقۇتۇپ قويماسلىق. بۇ ئۈمىت بىلەن ياشا، بۇ ئۈمىت بىلەن كۆرەش قىل، بۇ ئۈمىت بىلەن ساغلام ھاياتنى كۈت ۋە قۇچاقلا.

61. نەپسىمىز بىلەن قىلغان جەڭدە، ھەرىكەتكە ئۆتمەك غەلبىنىڭ كاپالىتىدىن بىرى. بىر توغرىنى بىلىش، ئۇنىڭغا ئىشىنىش ۋە ئۇنى قىلىش لازىمكى، ھەقىقەتنىڭ نۇرى پارلىسۇن، ھەقىقەتنىڭ بەرىكىتى كۆرۈلسۇن. ھەرىكەتتە بەرىكەت بار.

62. ھەق - باتىل ئوتتۇرسىدىكى كۆرەش ھاياتنىڭ قائىدىسى، ساغلاملىق- كېسەللىك ئوتتۇرسىدىكى جەڭ تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىتى. بۇ ئۇرۇشتىن قىچىش يېرىگە جەسۇرلۇق، مەردانىلىق بىلەن بۇ جەڭگە ئاتلانماق، بۇ جەڭنى كۈتۈۋالماق، پاسسىپ ئەمەس، ئاكتىپ كۆرەش قىلىشنىڭ ئۆزىدۇر ساغلاملىق. ئىزچى تورخاتىرسىگە:< ئۇزۇن تۇرسا ساپ سۇمۇ سېسىپ كېتەر، جەڭسىز ئىنسان غايىگە قانداق يېتەر> دەپ يازماقتا. 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى