ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى - 6

63. ساغلاملىق جېڭىدە نەپسىمىزدىن كىيىنكى ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز شېكەر. 1856- يىلى تاتلىق ياڭيۇدىن شېكەر ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغاندىن كىيىن ساغلاملىقىمىزغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. بۇرۇن يىلدا بىر كىلو شېكەر ئىستىمال قىلساق بۇ كۈنلەردا 100 كىلو شېكەر يەيمىز. شېكەرنى تاشلىمىساق  بۇ جەڭدە شېكەر بىزنى يېڭەر.

64. شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر. ھەقىقەتەن ئۇ شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك بولۇپ ھەر زامان، ھەر ماكاندا پۈتۈن ئورگانلىرىمىزنى بومباردىمان قىلماقتا. شېكەر پۈتۈن كېسەللىكلەرنىڭ ئانىسى، بەدىنىمىزدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشنىڭ پىلىكى، بالا- قازالارنىڭ سەۋەبى. شېكەرسىز ھايات ئەڭ ساغلام ھايات.

65. شېكەر شەيتاندەك ھەرخىل سۈرەتتە قارشىمىزغا چىقىدۇ. بەزىدە ھەرخىل ئىچىملىكلەردە سۇيۇق شەكىلدە، بەزىدە ئاق شېكەر، قارا شېكەردەك ئۇن شەكلىدە، بەزەن پېچىنە- پىرانىككە ئوخشاش قاتتىق شەكىلدە. ئەڭ خەتەرلىكى ئاق ئۇن ۋە مېۋە شەكلىدە يوشۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقىشى بولۇپ، سىرلىق ۋە تاتلىق ئەپسۇنلار بىلەن ۋۇجۇدىمىزنى ۋە ساغلاملىقىمىزنى ئەسىرگە ئالماقتا.

66. ۋۇجۇدىمىزنىڭ كۈندىلىك شېكەر ئېھتىياجى 100 گىرام بولۇپ، بۇنىڭدىن ئوشۇقى ياغ بولۇپ بەدىنىمىزدە توپلىنىدۇ. قوسقىمىزنىڭ ھامىلە خوتۇندەك تومپىيشى، ئەمچەكلىرىمىزنىڭ ساڭگىلىشى، بېلىمىزنىڭ توملىشىپ، كاسىمىزنىڭ يوغىنىشىدەك بەدەن شەكلىمىزنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئىچ ئورگانلىرىمىزنىڭ ياغلىنىشنىڭ سەۋەبى شېكەر.

67. شېكەر ئەڭ تاتلىق دۈشمەن. بىر مولىكۇلا شېكەر190 مولىكۇلا سۇ تۇتقاچقا شېكەردىن ۋۇجۇدىمىز ئىششىيدۇ، قان- تومۇرلارنىڭ يۈكى ئېشىپ قان بېسىمى پەيدا بولىدۇ. شېكەر قېنىمىزنى  ھەسەل تۇتقان قولىمىزدەك چاپلىشاڭغۇ قىلغاچقا ئاسان قان نوكچىسى پەيدا بولۇپ پالەچلىكتىن ئوق تەگمەي تۇرۇپ يىقىلىمىز.

68. شېكەر ئەپيۇندۇر. ئۇ مىڭىمىزدە endophins  غا ئوخشاش مەس قىلغۇچى ۋە ئاغرىق توختاتقۇچى ھورمونلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرلىشىنى جىقايتىپ مەس قىلماقتا ۋە ئۆزىگە رام قىلماقتا. ھاياتىمىزدا پات - پات تاتلىق نەرسىلەرنى ۋە ئۇششاق- چۈشەكلەرنى يېگىمىزنىڭ كەپكىتىشى شېكەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى.

69. بەدىنىمىزدىكى شېكەر يۇقىرىلىقى تەبىئىي ھالدا بەدىنىمىزدە ئىنسۇلىننىڭ  كۆپلەپ ئاجىرىلىپ چىقىرىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. بۇ ئىككى دوست بىر يەرگە كەلدىمۇ، يېقىن دوستى تىرىگىلىسىرىد ( triglyceride ) ئىسىملىك ئۈچىنچى دوستىنى چاقىرىدۇ ۋە بەدىنىمىزدە مەشرەپ باشلايدۇ. ئاشقازاندا ناغرا- سۇناي، ئۈچەيلەردە دۇتار- تەمبۇر، ئاخىرىدا كۆز يېشىمىز قان ۋە يامغۇر.

70. ئۈچ دوسىت ۋۇجۇدىمىزدا ئەركىن ئوكسىگېن رادىكالىنىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋە DNA مىزنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، DNA  نىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىمىز تەرىپىدىن رىمۇنىت قىلىنىشىنى توسۇش نەتىجىسىدە راكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئىزچى دېگەندەك سېمىزلىك ئەسلىدە  بىر ياغ راكىدۇر.  

71. قان شېكەر دەرجىمىز ئىستىمال قىلغان ھەرخىل تاتلىق يېمەك - ئىچمەك سەۋەپلىك دولقۇنلاپ، پىسخىكىمىزنىڭ، تۇيغۇلىرىمىزنىڭ، ھىسياتلىرىمىزنىڭ ئېگىز - پەس بولۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ياشلىقتا تولا ئاچچىقلاپ ساراڭدەك يۈرسەك، قېرىغاندا ئەستە تۇتۇش قابىلىتىمىز تۆۋەنلەپ دەلدۈشتەك ياشايمىز.

72. < ئۈچ دوست > بىر يەرگە كېلىپ جىنسىي ھورمونلارنىڭ ئاز ئاجرىلىپ چىقىشىغا، ئۇرۇق- تۇخۇملىرىمىزنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئوغلانلارنى ئەركەكلىكتىن، ئاياللارنى ئانا بولۇشتىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئەركەكلىكىمىزنىڭ ئۈنى پەسلىگەن بولسا، قىزلىرىمىزغا تۇغماس دەپ قالپاق كىيدۈرۈلگەن بولسا دوختۇرغا بېرىشتىن بۇرۇن شېكەرنى يوقۇتۇش لازىم.

73. شېكەر يوشۇرۇن قاتىل. بۆرەك زەھىپلىكىنىڭ، كىيىنكى زامانلاردا قان تازلاش ماشىنىسىغا بېقىندى بولۇپ قىلىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى شېكەر ۋە شېكەر كېسەللىكى. بۇ 20- 30 يىل سۈرىدىغان جەريان بولۇپ، ئاستا- ئاستا يوشۇرۇن بىر شەكىلدە بۆرەكلىرىمىزنىڭ قانداق ئوغۇرلانغانلىقىنى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلەلمەي قالىمىز.

74. شېكەر ھاراقتىن ھەلەق. چۈنكى بىر ھاراقكەشنىڭ ھاراق ئىچىشىگە باشلاپ جىگىرى قىتىشىغا 10- 20 يىل ۋاقىت كەتسە، ھازىر كۆپ شېكەر يېيىش سەۋەپلىك بالىلارنىڭ جىگىرى 5- 10 يېشىدا قاتماقتا. ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بىر شاكىلات ۋەيا كەمپۈت ئۇزىتىشى، < بىر پىيالە مەي > سۇندى دېگەنلىكتۇر. ئويغان، ئەي پېقىر چوڭلار. 

75. مېۋىلەرنىڭ ئىچىدىكى مېۋە شېكىرىمۇ ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، باغدا ئولتۇرغاندەك مېۋە يېسەك، بۇ ھايات قاقاس تاغدەك زور ۋە مۈشكۈل بولىدۇ. < كىمكى شېكەر يېيىشنى قىلسا ئادەت، ئىچى ۋە تېشىنى قاپلايدۇ ئىللەت >. شېكەر يېيىش ئادىتىنى تاشلاپ، ئىللەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ زامانى ئاللىقاچان كەلدى ۋە تاشتى، قولىمىزدىن قاچمىسۇن ! 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى