دۇنيا ھەكىم ئىزغا ( تەبىئىيلىككە) يۈزلەنمەكتە

شۇئارىمىز ساغلاملىقنىڭ سىرى تەبىئىيلىكنىڭ ئىزىغا كۆمەگلىك، يېمەك- ئىچمەك پەلسەپەمىز تەبىئىيزىم،سىغىنىشىمىز ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ كەچمىشتىكى تەبىئىي تۇرمۇش ئەندىزىسى بولۇپ زامانىۋى دۇنيانىڭ ھازىرقى مودىسىمۇ تەبىئىي دېھقانچىلىق.

« تەبىئىيلىك مۇ؟ ئورگانىك مۇ؟ » تېمىسدىكى ماقالىمىزدە، بۇ تەبىئىي مەھسۇلاتلارنى تاپماق ۋە بۇ ئارقىلىق ساغلام ھايات كەچۈرۈشنىڭ خۇددى چۆلدىكى ئىزلاردەك ئۇ قەدەر ئۇزاق، ئۇ قەدەر تاپماق تەس بولۇپ كەتكەنلىكىنى شەرھىلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمما ساغلاملىقنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن دۇنيا، ساغلاملىقنىڭ سىرىنى بىلىپ يەتكەن خەلقلەر ساغلاملىققا بولغان ئىنتىلىشنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ ئىزلارنى تېپىش، بۇ تەبىئىي مەھسۇلاتلارغا ئېرىشىشنىڭ پېيىغا چۈشمەكتە.  بولۇپمۇ ئىقتسادىي جەھەتتىن تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى خەلقلەر قولىدىكى ئىقتسادىي كۈچتىن پايدىلىنىپ، ساغلاملىققا، تەبىئىي مەھسۇلاتلارغا ھۇجۇم قىلماقتا. ئۆزلىرىنىڭ ساغلام ھاياتىنى كەمبەغەل خەلقلەرنىڭ ساقسىز ھاياتى ئۈستىگە قۇرماقتا. گەرچە ئۇلار ئېرىشكەن مەھسۇلاتلار  تەبىئىي بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەھۋال، ئىجتىمائىي مەنزىرە ھىچ تەبىئىي ئەمەس. كېلىڭ ئورگانىك يىزائىگىلىك تەتقىقات ئىنستىتوتى ۋە خەلقئارا ئورگانىك دېھقانچىلىق پائالىيەتلەر جەمىيىتىنىڭ 2021 - يىللىق دوكىلاتىدىكى سان - سىفىرلارغا بىر نەزەر تاشلايلى1 :

دۇنيا مىقياسىدا ئورگانىك دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا %1.6 كېڭىيىپ جەمئىي 72.3 مىليون گېكتارغا يەتكەن ۋەزىيەتتە بولۇپ، دۇنيا ئورگانىك يېمەك- ئىچمەك بازىرىنىڭ ئومۇمى قىممىتى 129 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى. بۇ بازاردىكى  پېيى ئەڭ چوڭ بولغان ئۈچ دۆلەت 54.3  مىليارد دوللار بىلەن ئامېرىكا، 14.6  مىليارد دوللار بىلەن گېرمانىيە، 13.7 مىليارد دوللار بىلەن فېرانسىيەدىن ئىبارەت.  ياۋرۇپا قىتئەسىنىڭ بازار پېيى 54.6  مىليارد دوللار بولۇپ، پەقەت ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپالا پۈتۈن دۇنيا بازىرىنىڭ %85 نى كونترول قىلماقتا. 

دۇنيادا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كىشى بېشىغا يىللىق ئورگانىك يېمەكلىك ئۈچۈن خەجلىنىدىغان پۇل مىقتارى 17 دوللار بولۇپ، تەبىئىي يېمەكلىكلەر ئۈچۈن كىشى بېشىغا ئەڭ جىق پۇل خەجلىنىدىغان ئۈچ دۆلەت دانىيە، شۋېتسارىيە ۋە ليۇكسىمبۇرگ سۈپىتىدە قارشىمىزغا چىقماقتا. دانىيە 2019- يىلى كىشى بېشىغا ئورگانىك مەھسۇلاتلار  ئۈچۈن 418 دوللار خەجلەش بىلەن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا يەر ئالماقتا. تۈركىيىدە بۇ رەقەم 1.2 دوللار بىلەن ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەتتە. ئەمما بۇنىڭدىن تىخىمۇ ئېچىنارلىقى دۇنيادا ئورگانىك يىزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان نوپۇس جەھەتتىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ھىندىستان، ئۇگاندا ۋە ئەتئوپىيانىڭ كىشى بېشىغا يىللىق ئورگانىك مەھسۇلاتلارغاسالغان مەبلىغى ھىندىستاننىڭ 20  سىنت، قالغان ئىككى دۆلەتنىڭ 0 دوللار.

دېمەككى تەبىئىي مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپچىلىكىنى كەمبەغەل دۆلەتلەر ئىشلەپچىقارماقتا، ئەمما بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلىدىغانلارنىڭ كۆپچىلىكى باي دۆلەتلەردە ياشىماقتا.  كەمبەغەل تاياق يەر، باي غوجام ھالۋا.  دۇنيادىكى پۈتۈن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت %1.5 ئورگانىك يىزائىگىلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە بولۇپ، ئاۋسترالىيە 37.5 مىليون گېكتار بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئورگانىك دېھقانچىلىق مەيدانىغا ساھىپ دۆلەتتۇر. تۈركىيەدىكى تۇپراقلارنىڭ %1.4 دە يەنى 545 مىڭ گېكتار يەردە تەبىئىي مەھسۇلاتلار تىرىلىدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ %90 ئېكسپورت قىلىنماقتا.

خۇلاسىلىغاندا مەيلى ئورگانىك مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىدىغان دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ كۆلىمى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تەبىئىي مەھسۇلاتلارنىڭ دۇنيا بازاردىكى ھەجىمى جەھەتتىن بولسۇن توختىماي يۈكسىلىش بىلەن دۇنيا  ئورگانىك مەھسۇلاتلارغا يۈزلەنمەكتە. گەرچە خەلقلەر ئارىسىدىكى تەبىئىي مەھسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلىش سەۋىيەسىدە ئاسمان- زىمىن پەرق بولسىمۇ، بۇ ھايات ئېقىمى، ئىستىمال مودىسى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنىڭ يۈكسىلىشىگە، تەبىئىي ئىستىمال خاھىشىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاڭ ۋە خاھىش ئىنسانلارنى ساغلام تۇرمۇشقا باشلايدۇ.  ھەكىم ئىزنىڭ مۇددىئاسىمۇ ئەڭ ئاۋۋال خەلقىمىزنىڭ تەبىئىيلىك ئېڭىنى يۈكسەلتىپ، بۇنى بىر تۇرمۇش ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىپ، ئوتتۇرىغا چىققان ساغلاملىق نەتىجىلىرى بىلەن بۇ خەلقئارالىق ساغلاملىق مۇسابىقىسىدە دەرىجىگە ئېرىشتۈرمەك!

 

 

1.https://www.bloomberght.com/yorum/irfan-donat/2275009-organik-pazarin-buyuklugu-129-milyar-dolari-asti 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى