رادىئاتسىيە پاجىئەلىرى

 ئالدىنقى ماقالىلەردە ئىنسان بەدىنى يېتەرلىك تېشىپ ئۆتكۈچى رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغاندا، رادىئاتسىيىنىڭ ئىئونلاشتۇرغۇچى تەسىرى بىلەن، تىز خاراكتېرلىك رادىئاتسىيە كېسەللىك يىغىندىسى ( Acute Radiation  Syndrome ) دەيدىغان ئېغىر ئەھۋالنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق. ناھايىتى ئەپسۇسكى ئىنسانلىق تارىخى رادىئاتسىيىنىڭ تىز خاراكتېرلىك تەسىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمگە، ئاستا خاراكتېرلىك تەسىرى بىلەن چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ راك كېسىلىگە سەۋەب بولۇش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىنساننىڭ ھاياتنى دوزاخقا ئايلاندۇرغان قانلىق، ئېچىنىشلىق، ئىبرەتلىك ۋەقەلەرگە شاھىت. تۆۋەندە بۇلارنىڭ بىر قانچىسىنى ئەسلەپ ئۆتمەكچى.

1. خروشىما ۋە ناگاساكى ئاتوم بومبا پاجىئەسى: 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 08:15  دە ئامېرىكا ياپونىيە خروشىما ئارىلىغا « كىچىك بالا »  (  little boy) لەقەملىك تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى ئاتتى. ئاتوم بومبىسىنىڭ فىزىكىلىق زەربىسى ( 50% )، ئىسسىقلىق كۈچى ( 35% )  ۋە رادىئاتسىيە تەسىرى (15% ) بىلەن ئاتوم بومبىسى پارتلىغان پەيىتتە 80 مىڭ كىشى، ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر جەمئى 140 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن 8- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 11 دە ناگاساكى ئارىلىغا ئېتىلغان « سېمىز ئادەم » ( Fat man ) لەقەملىك 2. ئاتوم بومبىسىدا شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە 50 مىڭ كىشى جەمئى 80 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.  پارتىلاش جەريانىدا يۈكسەك رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرىگە دۇچار بولغان ئىنسانلار كېيىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، نۇرغۇن ئانا قورسىقىدىكى ھامىلە ۋە كىچىك بالىلاردا رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرى بىلەن بەدەن، زېھىن ۋە گېنېتىك كېسەللىكلەر كۆرۈلگەنتى.  رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېيىن بۇ كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنى قاتقاندا 2008 - يىلى ئېتىبارى بىلەن جەمئى ئۆلۈم سانى 400000 (خروشىمادا 258310، ناگاساكىدا 145984 ) گە يۈكسەلدى.

2. چەرنوبىل ( Chernobyl ) پاجىئەسى : 1986- يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى سوۋىت ئىتتىپاقىغا تەۋە ئوكرائىنا پىرىپىيات شەھىرىنىڭ يىقىنلىرىدىكى  چەرنوبىل ئاتوم قازىنىنىڭ پارتلىشى بىلەن ئىشلەۋاتقان 134 ئىشچىدە تىز خاراكتېرلىك رادىئاتسىيە كېسەللىك يىغىندىسى (  ARS) كۆرۈلگەن بولۇپ ئۇ پەيىتتە 26 كىشى كىيىنكى زامانلاردا 19 كىشى ئۆلگەن ئىدى. 1986- 2000- يىللار ئارىسى رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن دۆلەتلەردىن بېلوروسىيە، روسىيە، ئوكرائىنادا جەمئىي 350 مىڭدىن كۆپ كىشى يۇرت- ماكانلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلىدۇ. 2008- يىلدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاتوم رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرىنى باھالاش ئىلمىي كومىتېتىنىڭ ( UNSCEAR ) دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا رادىئاتسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك راك بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى قوشقاندا جەمئىي 3940 كىشى ئۆلگەن بولۇپ، قاتتىق پارتىلاشنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن رادىئوئاكتىپ بۇلۇت ياۋروپانىڭ سەمالىرىغا قەدەر يىتىپ بارغان. ياۋروپادا قالقانسىمان بەز راكىغا گىرىپتار بولغان 1000 كىشى ۋە باشقا ئەزالاردا راك پەيدا بولغان 4000 كېسەلنىڭ بۇ پارتىلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ بىلىنمەكتە. ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلارغا قارىغاندا  2065- يىلىغا بارغاندا 16000 كىشىنىڭ قالقانسىمان بەز راكى، 25000 كىشىنىڭ باشقا راكلارغا گېرىپتار بولىدىغانلىقى قىياس قىلىنماقتا.

3. فۇكۇشىما(  Fukushima )  پاجىئەسى: 2011- يىلى 3- ئاينىڭ 11- كۈنى ياپونىيىنىڭ تۆھوكۇ يەر تەۋرىشى ۋە كەينىدىن مەيدانغا كەلگەن تۇسۇنامى ( tsunami ) بىلەن توك تارقىتىش مەركەزلىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئاتوم مەركىزىنىڭ توك ماشىنىلىرىنى سۇ باسقان ۋە ئاتوم قازانلىرىنى سويوتالمىغاچقا قازانلاردا قىسمى ئېرىش ۋە پارتىلاش مەيدانغا كەلگەن. تۇسۇنامىدە 1800 كىشى ئۆلگەن، 200 مىڭ كىشى ئاپەت رايونىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان. بۇ پاجىئەدە رادىئاتسىيە مىقتارى چەرنوبىل پاجىئەسىنىڭ %10 قەدەر بولۇپ ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئۆلۇم ۋەقەدىن 7 يىل كېيىن مەيدانغا كەلدى. گەرچە رادىئاتسىيە تەسىرىدە كىشىلەر دۇچار بولغان راك كېسىلىنىڭ سانى جىق بولمىسىمۇ، ئەمما يۇرت- ماكانلىرىدىن كۆچكەن ئىنسانلاردا روھ كېسەللىكلىرى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، ئەندىشە ئىچىدە كېرەكسىز بالا چۈشۈرۈش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1600 ئىدى.

ئىنسانىيەت بۇ قانلىق تارىخلاردىن دەرس ئالمىسا، ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقى بولغان ساغلام ھايات كەچۈرۈش ھوقوقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەر ۋە قارارلاردا دۇنيادىكى پۈتۈن ئىنسانلار ئورتاق كۆرەش قىلمىغاندا، دۇنيانىڭ  بىر بولۇڭىدىكى ھەرقانداق بىر ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى كۆرۈپ يەتمىگەندە بۇ پاجىئەلەر تەكرارلىنىدۇ. كۆز ياشلىرىمىز، نالە- پەرياتلىرىمىز، قان- ژىرىڭلىرىمىز، جانسىز ۋۇجۇتلىرىمىز يىڭى پاجىئەلىك تارىخ ۋاراقلىرىنىڭ پەش- چېكىتلىرى ۋە ھېكايىلىرى بولىدۇ!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى