قول تېلېفۇنى راك پەيدا قىلامدۇ؟

 پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھاياتىمىزغا بۆسۈپ كىرگەن رادىئو، تىلۋۇزۇر، قول تېلېفۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سىگنال تارقىتىش مەركەزلىرى رادىئو چاستوتىسى ( 30MHz-300GHz ) ئارىلىقىدا ئېلېكتروماگنىت دولقۇنلىرى قويۇپ بەرمەكتە بولۇپ، بۇ رادىئاتسىيىنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە پەرقلىق تەتقىقات نەتىجىلىرى تۈپەيلى ئىنساننىڭ كاللىسى قايمۇقۇپ قالماقتا. بۇرۇنقى بەزى تەتقىقاتلار بۇ ئارىلىقتىكى ئېلېكتروماگنىت دولقۇنلىرىنىڭ ئىنساندا راك پەيدا قىلىش رولى يوق دېگەن نەتىجىگە ئۇلاشقان بولسىمۇ، بۇ تەتقىقاتلاردىكى كۆزتىش زامانىنىڭ بىر رادىئاتسىيىنىڭ راك پەيدا قىلىش زامانى بولغان ئەڭ ئاز 10 يىلدىن ئىبارەت بۇ ۋاقىتتىن تولىمۇ قىسقا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قول تېلېفۇنلارنىڭ توختىماي يېڭىلىنىپ قويۇپ بىرىۋاتقان  ئېنېرگىيىسىنىڭ ئارتىۋاتقانلىقى، ئەڭ مۇھىمى بۇلار بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزنىڭ توختىماي ئۇزراۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتلەرنى كۆزدىن ساقىت قىلمىساق تىخىمۇ توغرا كۆزقاراش ۋە پىكىرگە ئىگە بولالايمىز.

گەرچە قول تېلېفۇنلارنىڭ راك پەيدا قىلىش سەۋەبى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما كېسەللىك تارقىلىش ئىلىمى (Epidemiology ) بويىچە ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقات ۋە تەجرىبىلەر قول تېلېفۇنىنىڭ باش ئاغرىقى، باش قىيىش، تىترەش، ئەستە تۇتۇش قابىليتىدە تۆۋەنلەش، دىققىتىنى يىغالماسلىق ۋە ئۇيقۇ ئانورماللىقلىرىغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. 1

يېقىن زاماندا 900-1800MHz  ئارىلىقىدىكى قول تېلېفۇن دولقۇنلىرىنىڭ ھامىلىنىڭ كرومىزوملىرىغا بولغان تەسىرى تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، 12 كۈن بويىچە ھەر كۈن6،3 ۋە 12 سائەت 900-1800MHz  رادىئاتسىيىگە دۇچار بولغان ھۈجەيرىلەردە كىروموزوم زەدىلەنمىسى ۋە كىچىك پارچىلىنىش مەيدانغا كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە 1800MHz نىڭ 900MHz گە قارىغاندا تىخىمۇ جىق زىدىلىنىشىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى ۋە دۇچار بولغان ۋاقىت ئۇزىغانسىرى بۇ زىيانلىق تەسىرنىڭمۇ ئارتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. 2 بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى قول تېلېفۇنلارنىڭ ئىنسان گېنىغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن بولۇپ،قول تېلېفۇنى بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاقىتنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى، قول تېلېفۇنلارنىڭ ھامىلە ۋە بالىلارغا بىر يوشۇرۇن خەۋپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

كىروموزوم ۋەيا DNA دىكى ئۆزگىرىشلەر راكنىڭ باشلانغۇچى بولۇپ، قول تېلېفۇنىنى ئىشلەتكەن چېغىمىزدا قۇلقىمىزغا تەگكۈزۈش ۋە مىڭىمىزگە يېقىن بولۇش قاتارلىق ئامىللار قول تېلېفۇنىنىڭ راك پەيدا قىلىش ئەكىس تەسىرىگە بولغان ئەندىشىمىزنى ئاشۇرماقتا. شىۋىتسىيە تەتقىقاتىدا، قول تېلېفۇن قۇللانغۇچىلاردا Glioma ( بىر خىل مىڭە ئۆسمىسى ) نىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى 30% تىخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغانلىقى، بۇ ئېھتىماللىقىنىڭ 25 يىلدىن كۆپ قول تېلېفۇن ئىشلەتكەنلەردە 200% گە يۈكسىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان . (Hardel 2011 ) . بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن خەلقئارا راك تەتقىقات ئورگىنى ( The international agency for research on cancer-IARC ) 2013 دىكى دوكلاتىدا، « قول تېلېفۇنى بەلكى راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن » دېگەن ماددا يەر ئالماقتا. 3  گەرچە يۇقىرىقى تەتقىقاتتا بەزى خاتالىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ دەتالاش قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما قول تېلېفۇنى چوقۇم راك پەيدا قىلمايدۇ دەيدىغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىمۇ بىر ھەقىقەت.

بىزنىڭ ئەندىشىمىز قول تېلېفۇنى بىلەن راك ئوتتۇرسىدىكى سەۋەپ- نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان كەڭ كۆلەملىك، ئۇزۇن كۈزىتىش زامانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەتقىقات نەتىجىسى ئوتتۇرىغا چىققىچە نۇرغۇن بىماردا ئەكىس تەسىرنىڭ ئاللىقاچان كۆرۈلۈپ پۇشمان بولۇشقا قاچا تاپالماي قىلىشتۇر.  يىغىنچاقلىساق قول تېلېفۇنىنىڭ بەدىنىمىزگە ئەكىس تەسىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتىمىزنى ئازايتساق، ئۇنىڭ بىلەن ئارلىقىمىزنى ئۇزارتساق، ئۇنىڭ ئەكىس تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغان بالىلار ۋە ھامىلىلەردىن يىراقلاشتۇرساق قول تېلېفۇنىنىڭ ئىسپاتلانغان ۋە ئىسپاتلانمىغان پۈتۈن يامان تەسىرىدىن ئۆزىمىزنى قوغدىغان بولىمىز. كونترول قىلىش كۈچى ئۆزىمىزنىڭ ئىلكىدە. قول تېلېفۇنى بەدەن ساقلىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ بىزنى كېسەل قىلشتىن ئاللىبۇرۇن  ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز بولغان ۋاقتىمىزنى ئوغرىلاپ، ئائىلىمىز بىلەن ئۆتكۈزىدىغان مۇھەببەتلىك مىنۇتلارنى قولىمىزدىن ئىلىپ ئۆمرىمىزنى قىسقارتىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇمايلى.

   

1. Asghari A, Afshin Khaki A, Rajabzadeh A. A review on electromagnetic fields (EMFs) and the reproductive system. Electronic Physician 2016;8(7): 2655–2662.

2. Uslu N, Demirhan O, Emre M, Seydaoğlu G. The chromosomal effects of GSM-like electromagnetic radiation exposure on human fetal cells. Biomed Res Clin Prac, 2019;4:1-6.

3. https://www.akademikakil.com/iyonlastirici-olmayan-elektromanyetik-dalgalarin-uzun-surec-etkileri-cep-telefonlari-kanser-yapar-mi/mehmetdoganbor/

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى