رادىئاتسىيىنىڭ ساغلاملىقىمىزغا تەسىرى
رادىئاتسىيە،
ئىچىدىكى ئېنېرگىينىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىقىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان مېخانىزمىلار بىلەن
ئىنسان فىزلوگىيسىگە ۋە ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. يۈكسەك ئېنېرگىيىلىك رادىئاتسىيەلەر بىۋاستە
ئاتوملارنى ئىئونلاشتۇرۇپ ھۈجەيرىلەرنى ئۆلتۈرسە، تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك رادىئاتسىيەلەر
مولېكۇلا باغلىرىنى پارچىلاپ ۋەيا بۇ باغلارنى تىترىتىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن
ئىسسىقلىق ئارتىشى بىلەن ھۈجەيرىلەرنىڭ خىزمىتىگە توسالغۇ بولماقتا. ھەرىكەتسىز
ماگنېتىك مەيدان پەيدا قىلغان رېزونانس تەسىر ۋە ناھايىتى تۆۋەن ئىلىكتىرماگنېتىك
دولقۇنلارنىڭ بەدەندە پەيدا قىلغان توك ئېقىمىمۇ ھۈجەيرىلەر ئارىسىدىكى ئىئون
قاناللىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ ئەركىن ئوكسىگېن رادىكاللىرىنىڭ ئورتىغا چىقىشىغا سەۋەبچى
بولماقتا. بۇ مېخانىزملار رادىئاتسىيىنىڭ
كېسەللىك پەيدا قىلىش زامانغا تەسىر كۆرسىتىپ تىز ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە
يول ئاچماقتا.
رادىئاتسىيىنىڭ
ساغلاملىقىمىزغا بولغان تەسىرىنى ئوبيېكتىپ ئۆلچەش، تەتقىقاتلاردا قوللىنىش ئۈچۈن
خەلقئارادا ئوخشىمىغان ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى ئىشلەتمەكتە. بۇلاردىن ( Becquerel ) Bq رادىئاتسىيىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئۆلچەش ئۈچۈن،
( Gray ) Gy رادىئاتسىيىنىڭ مىقدارىنى ئۆلچەش ئۈچۈن، ( Sievert ) Sv بولسا مىقتار سېلىشتۇرمىسى ئۈچۈن قوللىنىلماقتا. رادىئاتسىيىنىڭ ئۆلتۈرۈش كۈچى LD50 بىلەن ئىپادە قىلىنماقتا بولۇپ، بۇ 50 پىرسەنت كېسەلنىڭ
رادىئاتسىيە بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە ئۆلۈمگە سەۋەبچى بولىدىغان
رادىئاتسىيە مىقتارىنى كۆرسەتمەكتە. ئېنېرگىيە
مىقتارى ۋە تېشىپ ئۆتۈش قابىلىيىتى يۈكسەك بولغان γ نۇرىنىڭ LD50 سى Gy 4.5 ئىكەنلىكى قىياس قىلىنماقتا بولۇپ، ئەگەر
ئىنسان ھىچ قوغدىنىش تەدبىرى ئالماي Gy 10 لىق بىر رادىئاتسىيىگە
دۇچار بولسا 6 ئاي ئىچىدە ئۆلۈپ كەتمەكتە.
بەدەندىكى
ئوخشاش بولمىغان ئورگان ۋە توقۇلمىلارنىڭ رادىئاتسىيىگە بولغان غىدىقلىنىش چېكىمۇ
ئوخشاش ئەمەس بولۇپ ، بۇ چەك يىلىكلىرىمىز ئۈچۈن Gy 0.5 بولسا، ئۇرۇقدىنىمىز ئۈچۈن
Gy 0.15 بولماقتا. رادىئاتسىيە ھەم تېرىمىزدىن بەدىنىمىزگە ھۇجۇم
قىلسا ھەم رادىئوئاكتىپ زەرىچىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ماددىلارنى يېيىش، نەپەس
يوللىرىمىز بىلەن ئىچىمىزگە تارتىش ۋە ئوچۇق يارا ۋە شىللىق پەردىلىرىمىزدىن بىۋاستە
ئىچىمىزگە كىرىش ئارقىلىق ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەسىر پەيدا قىلماقتا. ئەگەر پۈتۈن بەدىنىمىز يېتەرلىك تېشىپ ئۆتكۈچى
رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، تىز خاراكتېرلىك رادىئاتسىيە كېسەللىك
يىغىندىسى ( Acute Radiation Syndrome ) دەيدىغان ئېغىر ئەھۋال
سائەتلەر، كۈنلەر ۋە ھەپتىلەر ئىچىدە مەيدانغا كىلىدۇ. بۇ ئېغىر كېسەللىكتە
ئىنساننىڭ تېرە، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، قان- يىلىك سىستېمىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسى
تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، كېسەللەردە تېرىسى سويۇلۇش، تېرىسى سېسىش، قۇسۇش، ھەزىم
يوللىرى قاناش، قىزىتىش، ئىچى سۈرۈش، قانسىزلىق ۋە ھوشىنى يوقۇتۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەكتە.
رادىئاتسىيە مىقتارى Gy 4.5 بولسا 50 پىرسەنت كېسەل ئۆلۈپ كېتىدىغان بولۇپ، ئەگەر
رادىئاتسىيە مىقتارى Gy 10 بولغاندا كېسەللەردە ئۆلۈم نىسبىتى 100 پىرسەنتكە چىقماقتا.
رادىئاتسىيىنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تەسىرى
ئاستا خاراكتېرلىك بولۇپ، كۆپچىلىكىمىز بۇنى ھېس قىلالمايمىز. پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىزنى ھەرخىل سۈنئىي ئىلىكتىرماگنىت مەيدانىغا دۇچار قىلسا،
دوختۇرخانىلاردىكى ھەرخىل تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى بەدىنىمىزگە ئارتۇقچە
رادىئاتسىيە يۈكى بولماقتا. ئوخشاشمىغان تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ ھايۋان ۋە كلىنىك
تەتقىقاتلىرىدىن رادىئاتسىيىنىڭ باش ئاغرىقى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىدە تۆۋەنلەش، گېنېتىك
بۇزۇقلۇق، پەرقلىق ئورگانلاردا راك پەيدا قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. مەسلەن بىر
ئادەتتىكى رىنتېگىن فىلىمىنىڭ ئىنسان ئۆمرىدە راك پەيدا قىلىش خەۋپى مىليوندا 2-3
كىشى ئىكەن، بىر CT تەكشۈرۈشىدە بۇ خەۋپ مىڭدە بىرگە يۈكسەلمەكتە
بولۇپ، بالىلاردا بۇ خەۋپ تىخىمۇ يۇقىرى.
تۈز سىزىق تېئورىسىگە ( Lineer Non Threshold ) ئاساسەن رادىئاتسىيە
مىقتارى ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ، بىر قېتىملىق رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ھۈجەيرىلەردىكى
DNA نىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋە نەتىجىدە راك پەيدا قىلىشقا يېتەرلىك كۆرۈلمەكتە.
شۇڭلاشقا ھەكىم ئىزدە، « بىكارغا تارتىپ قوياي دېسىمۇ، كېرەكسىز رىنتېگىن ۋەيا CT فىلىمى تارتقۇزماڭ، مىس رەڭ
تەنلىك بولىمەن دەپ مىس كاللا بولۇپ قالماڭ » دەپ تەكىتلىشىمىزنىڭ سەۋەبى بۇ! رادىئاتسىيىدىن قېچىڭ، ساغلاملىقىڭىزنى قەدىرلەڭ!