ساغلاملىقىمىزغا يوشۇرۇن خەۋپ - رادىئاتسىيە

مەيلى تەبىئىي مەنبەلەردىن، مەيلى تۇرمۇشىمىزدىكى ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنلەردىن ۋە ياكى دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان دىئاگنۇز ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن پەيدا بولغان، تارقالغان رادىئاتسىيىنىڭ خىلمۇ - خىل بىئولوگىيىلىك ئانورماللىقلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقى كۆپچىلىككە مەلۇم. بىز دۇچار بولغان رادىئاتسىيىنىڭ تۇرى، ئۇنىڭ قۇۋۋىتى ۋە ئۇچرىشىش زامانىنىڭ ئاز - كۆپلىكىگە ماس ھالدا رادىئاتسىيە گېنىمىزغا تەسىر كۆرسىتىش  بىلەن چوڭى ئۆلۈم، ھامىلىدىكى كەمتۈكلۈك، راكتىن تارتىپ كىچىكى ھەر خىل نېرىپ كېسەللىكلەرگە، بىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە پىسخىكىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەرگە، ئۇيقۇسىزلىق، تۇغماسلىق قاتارلىق ھەرخىل نورمال بىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيمىزنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولماقتا.

رادىئاتسىيە زادى نېمە­؟ رادىئاتسىيە، كائىناتتىكى تەبىئىي مەنبەلەردىن ۋە سۈنئىي ئۈسكىنلەردىن ئىلكتىروماگىنىىت دولقۇنى ۋە زەرىچە شەكلىدە يېيىلدىغان ئېنېرگىيە ئېقىملىرى بولۇپ، ئىلكتىروماگىنىىت دولقۇنلارنى، زەرىچە رادىئاتسىيىسى ، ئاۋاز ۋە ئېغىرلىق كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك رادىئاتسىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رادىئاتسىيە، ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى بولغان ئىئونلاشتۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇپ بولمىغانلىقىغا ئاساسەن ئىئونلاشتۇرغۇچى رادىئاتسىيە ۋە ئىئونلاشتۇرغۇچىسىز رادىئاتسىيىدىن ئىبارەت ئىككى سىنىپقا بۆلىنىدۇ. ئىئونلاشتۇرغۇچى رادىئاتسىيە، eV 10 تىن جىق ئېنېرگىيە توشۇيدىغان بولۇپ، بۇ ئېنېرگىيە ئاتوم ۋە مولېكۇلىلارنى ئىئونلاشتۇرۇشقا ۋە خىمىيىلىك باغلارنى ئۈزۈپ تاشلاشقا قادىر.

ئىئونلاشتۇرغۇچى رادىئاتسىيە بىر ۋە بىر قانچە ئىلىكتىروننى ئاتومدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاتوملارنىڭ مۇسبەت زەرەتلىنىشىگە سەۋەبچى بولماقتا. ئىئونلاشتۇرغۇچى رادىئاتسىيىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى Helium ، ئىلىكتىرون، پروتوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رادىئوئاكتىپ ماددىلار بولۇپ α، β ، γ رادىئاتسىيىسى قويۇپ بەرمەكتە. ئىلكتىروماگىنىىت دولقۇنلىرى ئائىلىسىگە مەنسۈپ بولغان گاما نۇرى، X نۇرى ۋە يۇقىرى ئېنېرگىيلىك ئۇلترا بىنەپشە نۇرلارمۇ ئىئونلاشتۇرغۇچى ئىقتىدارغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن ھەرخىل نۇر ۋە زەرىچىلەرنىڭ يەرشارى ئاتمۇسفېراسى بىلەن تەسىرلىشىش تەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىككىلەمچى نۇرلارمۇ ئىئونلاشتۇرغۇچى رادىئاتسىيىنىڭ مۇھىم مەنبەسى. بۇ رادىئاتسىيەلەر زەررىچىنىڭ ئېغىرلىقى، زەرەت مىقتارى ۋە ئىلكتىروماگىنىىت دولقۇنىنىڭ ئۇزۇنلىقى قاتارلىق پەرقلىق فىزىكىلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن ئوخشاشمىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. مەسلەن α رادىئاتسىيىنىڭ ئېغىرلىقى 4 دالتون (Daltons ) بولۇپ بىر  ۋاراق قەغەزنى تېشىپ ئۆتەلمەيدۇ. β رادىئاتسىيەنىڭ ئىغىرلقى پروتونغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى يېنىك بولۇپ، ئۇنى ئاليۇمىن تاختا بىلەن توسۇۋالغىلى بولىدۇ. γ رادىئاتسىيە بولسا ئېغىرلىقى يوق ۋە زەرەتسىز فوتون بولغاچقا α ۋە β نۇرلارغا قارىغاندا تىخىمۇ چۇڭقۇر تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە.  ئۇنىڭدىن باشقا ئىلكتىروماگىنىىت دولقۇنلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقى قانچە قىسقا بولسا ئۇلار ئىگە بولىدىغان ئېنېرگىيە شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

ئىئونلاشتۇرغۇچىسىز رادىئاتسىيە ئىگە بولدىغان ئېنېرگىيە كىچىك بولغاچقا ئۇ ماددىلارنى ۋەيا ۋۇجۇدىمىزنىى تېشىپ ئۆتكەندە زەرەتلەنگەن ئىئونلارنى پەيدا قىلالمايدۇ. ئەمما بۇ رادىئاتسىيەلەر مولېكۇلانى پەيدا قىلغان ئاتوم ئارىسىدىكى باغلارنى ئۈزۈپ تاشلاشقا قادىر بولۇپ بۇ ئارقىلىق مولېكۇلانى پارچىلىيالايدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى قۇياش نۇرىدا كۆيگەن تېرىمىز. دولقۇن ئۇزۇنلىقى ئۇزۇنراق بولغان ئىلكتىروماگىنىىت دولقۇنلار گەرچە مولېكۇلا بېغىنى ئۈزۈپ تاشلىيالمىسىمۇ، بۇ باغلارنى تىترىتىش ئارقىلىق ئىسىسقلىق پەيدا قىلالايدۇ. ئىئونلاشتۇرغۇچىسىز رادىئاتسىيە ئائىلىسىگە تەۋە بولغان رادىئو دولقۇنلار، مىكرو دولقۇنلار، ئۇلترا قىزىل نۇر، كۆرگىلى بولدىغان نۇر ۋە تۆۋەن چاستوتىلىق ئۇلترا بىنەپشە نۇرلار گەرچە ئىئونلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بولمىغان تەقدىردىمۇ ھەرخىل خىمىيىلىك ئۆزگىرىش ۋە مولېكۇلا بۇزۇلۇشقا سەۋەبچى بولالايدۇ. نورمالدا رادىئو دولقۇن ئۇزۇنلىقىدىن تۆۋەن بولغان نۇرلارنىڭ ئىنسان بەدىنىگە ۋە سالامەتلىكىگە زىيىنى يوق دەپ قارالماقتا.

يۇقارقى ئۇچۇرلاردىن ئىئونلاشتۇرغۇچى رادىئاتسىيىنىڭ بەدىنىمىزگە ئەڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئىئونلاشتۇرغۇچىسىز رادىئاتسىيەنىڭمۇ ھەرخىل يوللار بىلەن سالامەتلىكىمزگە خەۋپ ئىلىپ كىلىدىغان مەنبە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. بۇلارنىڭ ساغلاملىقىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئالدىمىزدىكى « رادىئاتسىيىنىڭ ساغلاملىقىمىزغا بولغان تەسىرى» تېمىلىق دەرسىمىزدە تىخىمۇ كونكرېتنى شەكىلدە شەرھىلەيمىز.  بەزى نۇرلار ھاياتىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرسا، بەزى نۇرلار سالامەتلىكىمىزنى قاراڭغۇلاشتۇردۇ! 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى