ئېلېكتىرتور ساقلىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى- 1

 ئېلېكتىرتور ساقلىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ساغلاملىقىمىزنىڭ بىر پارچىسى بولغان بۇ تېما ھەققىدە تونۇشىمىزنى تىكىلگەندىن كېيىن ، ياشاۋاتقان دەۋرىمىزنىڭ ھاۋاسىنى، رېئال دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئەمما مەۋھۇم دۇنياغا قېچىۋاتقان بالىلىرىمىزنى يېڭى باشتىن تونۇپ يەتكەندىن كېيىن بىر ئۇزۇنغا سوزۇلغان پىلان ۋە تۆۋەندە ئىپادە قىلىنغان سىتراتىگىيلەر بىلەن ئەمەلىي ۋە قەتئىي قەدەملەرنى تاشلىشىمىز كېرەك.

1. ئاۋۋال بۇ مەۋھۇم دۇنيانى ئۆزىمىز ئۆگىنەيلى. بۇ تور دۇنياسىدىكى ھادىسىلەر، تەرەققىياتلار، كەلگۈسىدە تىخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولدىغان Metaverse (مەۋھۇم كائىنات ) نىڭ نېمىلىكىنى، مەۋھۇم پۇللارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە خەتەرلىرىنى، تور ئويۇنلارنىڭ  سېھرىي كۈچىنى، بۇلارنىڭ پايدا زىيانلارنى، توغرا- خاتالىرىنى بىلىشىمىز لازىم. سۈنئىي ئىدراك، بلوك زەنجىر تېخنىكىسى ، Web 3.0 ، مەۋھۇم رېئاللىق ئەسۋابلىرى، تىگىشتۈرگۈسىز تەڭگە ( NFT ) قاتارلىق يېڭى پەن- تېخنىكا ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن خەۋەردار بولىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىز بىلمەيدىغان بىر تېما ئۈستىدە بالىلارغا ۋە باشقىلارغا تەلىم- تەربىيە بېرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.

2. باشتا ئېلېكتىرتور ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپتىدە، ئېلېكتىرتورنى ئىشلىتىشتە ياخشى ئۈلگە بولىشىمىز لازىم. ئۆزىمىز مەۋھۇم دۇنيادا تۇرۇپ پەرزەنتلىرىمىزنى رېئال دۇنياغا چاقىرالمايمىز. ئۆزىمىز تاماكا چېكىپ تۇرۇپ بالىلارغا چەكمە، ساغلاملىققا زىيانلىق دېگەنگە ئوخشاش سۆزلىرىمىزنىڭ ھېچقانداق تەسىر كۈچى بولمايدۇ. ئۇلاردىن ئاۋۋال بۇ  تور دۇنياسىدىن مىھرىمىزنى ئۈزەيلى.

3. بالىلارنى مەيلى تېلېفون مەيلى كومپيوتېر بولسۇن، ئۆزى يالغۇز، خالىي ۋە تەنھا ئۆيلەردە مەۋھۇم دۇنياغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلماڭ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىز باريەردە، ئۆينىڭ ئومۇمىي يەرلىرىدە تورغا چىقىشىغا، ئويۇن ئوينىشىغا ئاچچىقلانماڭ. يالغۇزلۇق ۋە تەنھا مۇھىت مەۋھۇم دۇنيانىڭ تەسىرىنى كۇچايتىدۇ.

4. ئۇلارنىڭ ئېلېكتىرتورغا ئېرىشىشىنى پۈتۈنلەي چەكلەشنىڭ يېرىگە، ھەركۈنى مەلۇم ۋاقىتلارنى بېكىتىپ ئۇلارنىڭ مەۋھۇم دۇنياسىدىكى زامانىنى قىسىتلاڭ. بۇ ھەركۈنى ئاقساتماستىن ئورۇندالغاندا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا بۇ خىيالى دۇنيانىڭ ئىشكىنىڭ ئۇ ۋاقىتلاردا تاقىلدىغانلىقى توغرىسىدا بىر چۈشەنچە ھاسىل بولىدۇ.

5. بىر قانچە ماقالىمىزدە تەكىتلىگىنىمىزدەك، مەۋھۇم دۇنيا ئەسلىدە رېئال دۇنيادىن قىچىشتۇر. شۇڭا پەرزەنتلىرىمىزنى رېئال دۇنيادا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئويۇن ئوينايلى، ئۇلار بىلەن ساياھەتلەرگە چىقايلى، تەبىئەتكە نەزەر تاشلايلى، ئۇلارنىڭ دوستلۇق ئورنىتىشىغا ياردەمچى بولايلى، ئۇلارغا كىتاب ئوقۇش، تەنھەرىكەت قىلىش، گۈل- گىياھ، ھايۋان بېقىشتەك قىزقىشلىرىنىڭ يېتىلىشىگە مەدەت بېرەيلى. رېئال دۇنيارىمىزنى خۇشاللىق، مۇھەببەت ۋە مەنىلىك نەرسىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ خىيال دۇنياسىدىكىدەك بىزەيلىكى، ئۇلارنىڭ مەۋھۇم دۇنيادا كۆڭلى قالمىسۇن.

6. ئۆزىمىزنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ شەخسىي مەلۇماتلىرىنى قوغداشقا، بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق سان- سىپىرلارنىڭ تور ئوغرى- قاراقچىلىرى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇنۇپ ھەر خىل مۇددالار ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە قارشى تەدبىر ئىلىشقا دىققەت قىلشىمىز لازىم.  بىز ئۈچۈن قىممەتسىزدەك كۆرۈنگەن ھەر مەلۇمات ئۇقەدەر مۇھىمكى، شىركەتلەر دەل بۇ ئۇچۇرلار بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئوي- پىكىرنى، پسىخىكىسىنى ئىگىلەپ ، پەرزەنتلىرىمىزگە خاس، ئۇلارنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان مەھسۇلاتلار بىلەن ئۇلارنىڭ قارشىسىغا چىقماقتا. ئۇچۇرلار زامانىۋى شىركەتلەرنىڭ قان- تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان قان بولۇپ، قېنىمىزنى سۈمۈرۈشىگە رۇخسەت قىلمايلى.

7. تونۇمايدىغان كىشىلەر ۋەياكى ھېساپلار بىلەن ئالاقە قۇرماسلىقنى، بىلمەيدىغان يەر ۋە تور پونكىتلىرىنى زىيارەت قىلماسلىقىنى بالىلارغا چۈشەندۈرەيلى. رېئال ھاياتىمىزدا گەرچە ئاز بولسىمۇ ئەمما ئەسكى نىيەتلىك ئىنسانلار يەنىلا تۇرمۇشىمىزنىڭ ئېچىنارلىق ھەقىقەتلىرى. مەۋھۇم دۇنيادا بولسا بۇلارنىڭ سانى تىخىمۇ جىق بولۇپ، بۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھاياتىغا دەخلى- تەرۇز قىلىشىغا يول قويمايلى.

8. پەرزەنتلىرىمىز ئەگەر تور ئالىمىدە بىر مەسىلىگە، بىر ھاقارەتكە، ئالدامچىلىققا ۋەياكى بىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە بۇلارنى بىزگە ئېيتالىغىدەك دەرىجىدە ئارىمىزدا بىر ئىشەنچ، مەرھەمەت ۋە مۇھەببەت رىشتىسى شەكىللەنسۇن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خاتالىرىغا ئاچچىق بىلەن ئەمەس ئاتا- ئانىلارغا خاس سۆيگۈ بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىڭ، تۈزتىۋىلىشىغا ياردەم قىلىڭ. ئۇنداق بولمىغاندا پەرزەنتلىرىمىزنى ئۆز قولىمىز بىلەن باشقىلارغا تاشلاپ بەرگەن بولىمىز. پەرزەنتلەر ھەر زامان ئاتا- ئانىسىدەك بىر قورغاننىڭ ، غەمگۇزارنىڭ ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلسۇن! قالايمىقان كىشىلەرگە سىرىنى بەرمىسۇن ، دەردىنى تۆكمىسۇن! 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى