ئېلېكتىرتور ساقلىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى- 2

 9. پەرزەنتلىرىمىزگە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلارنىڭ مەيلى رېئال ھاياتتا مەيلى مەۋھۇم دۇنيادا بولسۇن ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىڭ! ئۆز- ئارا ئالاقىدە باشقىلارغا سەمىمى، ئادىل ۋە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىش لازىملىقىنى، باشقىلارغا ھۆرمەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ قىممەت تاپىدىغانلىقىنى، باشقىلاردىن كۆرۈشنى خالىمىغان ئىش- ھەرىكەتلەرنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىك توغرىسىدا تەلىم- تەربىيە بىرىڭ.

10. توردۇنياسىدىكى ئۆز- ئارا ئالاقە ۋە خەت- چەكلەردە توغرا، مۇكەممەل، پاكىز تىل ئىشلىتىشكە دىققەت قىلايلى. توغرا ئىشلىتىلگەن كەلىمە، چىرايلىق يېزىلغان خەت- چەكلەر، ئىملا خاتاسى ۋە گرامماتىكىلىق نۇقسانلاردىن پاكىز يازمىلار بىزنىڭ ئۆز- ئارا مۇناسىۋەتكە تۇتقان پوزىتسىيەرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

11. مەۋھۇم دۇنيادا باشقىلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيلى. مەلۇم مەنبەدىن ئىلىنغان مەلۇماتلارنى باشقىلارغا تارقىتىشتىن ئاۋۋال ئۇ مەنبەنىڭ ئىگىسىدىن ئىجازەت سوراش لازىملىقىنى ئېسىمىزدىن چىقارمايلى. باشقىلارنىڭ پىكىر ھەققى، قەلەم ھەققى ۋە ماركا ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىشتىن ساقلىنايلى. ھەق يېگەن، ھەقسىز كېزەر!

12. توردۇنياسىدا قارشىمىزغا چىققان ئۇچۇرلار، مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىپ كەتمەيلى. ئۇچۇرغا ئېرىشىشنىڭ قولايلىقى، ئىنسانلارنىڭ دىققەتسىز پوزىتسىيىسى، ھېساب سوراش ۋە تەپتىش مىخانىزىمىنىڭ سۇسلۇقى تۈپەيلى، مەزمۇنلارنىڭ سانى جىق، سۇپىتى تۆۋەن. بۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر ئەگلىكىدىن ئۆتكۈزمەي، تەكشۈرۈپ- تەتقىقات سۈزگىچىدىن سۈزمەي تۇرۇپ، خام ئۇچۇرلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئىستېمال قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەيلى. ئۇنداق  بولمىغاندا ئۇچۇرلارمۇ قورساق ئاغرىتىدۇ!

13. بىزگە ئەۋەتىلگەن ھەر خەت- چەكنى ، ھەر ئۇلىنىش ئادرىسىنى ئاچمايلى. چۈنكى بۇلار ۋىرۇس بولۇشى، كېرەكسىز ئېلان ئەخلەتلىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇلار ھەم ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنلىرىڭىزگە، ھەم تۇيغۇ ۋە زامانىڭىزغا زىيان ئىلىپ كېلىدۇ. نىمىلەرنى كۆرۈش ۋە ئوقۇشقا ئۆزىمىز قارار بېرەيلى.

14. كومپيوتېر ۋە تېلېفونلارنىڭ پروگىراممىلىرىنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىڭ. ۋىرۇس ۋە باشقا مەۋھۇم ھۇجۇملاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۈچلۈك ۋىرۇسقا قارشى پروگراممىلار بىلەن قۇراللىنىشىمىز لازىم. ئۇلارغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك قالقان ئىشلىرىمىز تۈگكەندىن كېيىن ئەسۋابلىرىمىزنى توردىن ئايرىش ۋەياكى ئۇلارنى ئۆچۈرۈش. بۇنداق قىلغاندا ھەم بەدەن ساغلاملىقىمىزغا ھەم ئېلېكتىرتور ساقلىقىمىز كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

15. توردا ھېسابلار ئاچقان چېغىمىزدا بىخەتەر مەخپى نومۇرلارنى قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرەيلى. قۇلۇپى ساغلام بولمىغان ئۆينىڭ ئوغرىسى كۆپ بولغاندەك، مەۋھۇم دۇنيادىكى ئۆيلىرىمىزنى بۇ دۇنياغا ماس شەكىلدە مەخپى نومۇرلار بىلەن قوغدىمىساق ئازراق ۋاقىت ۋە ئاۋارىچىلىقنى دەپ، چوڭ بۇزغۇنچىلىققا دۇچار بولىمىز.

16. توردۇنياسىدا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەم ئۆزىمىز ھەم پەرزەنتلىرىمىزنىڭ روھ ۋە ئېلېكتىرتور ساغلاملىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەنبەسى ساغلام، پايدا- مەنپەت كۆزلىمەيدىغان تور بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىشقا يۈزلىنەيلى. دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى، زەھەرلىك ۋە زىيانلىق مەزمۇنلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئادرېسلىرىنى تور پاش قىلىش مەركەزلىرىگە پاش قىلايلى.

17. پەرزەنتلىرىمىزنى كۆزىتىشكە ماھىر بولايلى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە بولغان قىزىقىشى سۇسلاشسا، دەرس نەتىجىلىرىدە چېكىنىش يۈز بەرسە، توختىماي ھېرىپ- چارچاش ۋە باش ئاغرىقىدىن شىكايەت قىلىشقا باشلىسا، شەخسىي تازلىقلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىسە، مەۋھۇم دۇنيادىن مەھرۇم قىلىش ئۇلارنى ئاچىقلىنىشقا، غەم- قايغۇغا سەۋەبچى بولسا، ئۇلار بىلەن تىخىمۇ سەمىمى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىزنىڭ ۋاقتى كەلدى دېسەك بولىدۇ. كېسەللىكلەرنى ئۆز ۋاقتىدا بايقاپ، تەدبىر ئىلىپ داۋالاشقا باشلىساق، ئۈنۈمى تىز ۋە مۇكەممەل بولىدۇ.

18. ئېلېكتىرتور ساغلاملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچ-- مۇھەببەت ۋە سۆھبەت. بىر- بىرىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن، بىر- بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشنى، قەدىرلەشنى ئۆگىنەيلى، سۆيگۈ بىلەن كۆڭۈللەرگە كۆۋرۈكلەر سالايلى، مەسىلىلەرنى، تۈگۈنلەرنى سۆھبەت بىلەن ھەل قىلايلى، تۈزۈملەرنى ئۆز- ئارا كېڭىشىپ تۈزۈپ چىقىپ ئۇنىڭغا رىئايە قىلايلى. مۇھەببەت ۋۇجۇدىمىزغا كۈچ- قۇۋۋەت، سۆھبەت روھىمىزغا شىپا- بەرىكەت بولسۇن.  بۇ غايە ئۈچۈن شەخسىي شان- شۆھرەت ئاياقلىرىمىزنىڭ ئاستىدا يەر بىلەن يەكسان بولسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى