تاماكا بايان- 3

 

بىلىمەن دىلدار يۇتىمەن زەھەر،

تېگەر ھەر سائەت يۈرەككە نەشتەر.

مەيلى ئەمەسمۇ شۇ زەھەر بىلەن،

سەگىسە يۈرەك تاماكا بايان.

تاماكا چەككۈچىلەر بولۇپمۇ ئۇزۇن يىللىق بەڭگىلەر بۇ زەھەرگە جىسمانىي، روھى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن خۇمارداپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆزلىكىدىن تاماكا تاشلىشى بىر مۆجىزە. شۇڭا ھەم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ ھەم ئۆزىمىزنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا تاماكا تاشلا دېيىشتىن ئاۋۋال مەن قانداق قىلسام تاماكا تاشلار؟ دەپ سۇئال قويۇشىمىز كېرەك. ئالدىنقى ماقالىمىزدە تەكىتلىگەندەك ئۇلارغا سوزۇلغان ياردەم قولى، ئۆزىمىزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا تاشلانغان بىر قەدەمدۇر ئەسلىدە. يەنى خاتادىن توسا، توغرىنى تولا!

ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ داۋالاش رەھبەرلىرى بىز دوختۇرلارغا A's 5 دەپ قىسقارتىلغان بەش قەدەملىك ئالگورىزىمنى تەۋسىيە قىلماقتا.1

1. سورا ( Ask ): ھەر بىماردىن تاماكا چېكىپ- چەكمەيدىغانلىقىنى سورا. 2. دەۋەت ( Advise ) : ھەر بىمارغا تاماكىنىڭ زىيانلىرى بىلەن نەسىھەت قىل ۋە تاماكا تاشلاشقا دەۋەت قىل. 3. باھالا ( Assess ): كېسەلنىڭ 30 كۈن ئىچىدە تاماكا تاشلاش مەيلىنىڭ بار- يوقلۇقىغا باھا بەر ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن ھەرىكەت قىل. 4. ياردەم قىل(Assist ): ئۇلارنىڭ تاماكا تاشلاشتىكى ھەر باسقۇچىدا ئۇلارغا ياردەم قىل. 5. ئورۇنلاشتۇر (Arrange ) : كېسەللەرنىڭ داۋام زىيارەت ۋاقىتلىرىنى ئورۇنلاشتۇر.  ھەكىم ئىزى بۇ بەش قەدەمنى پۈتۈن كىشلەرگە ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىدۇ. پەقەت ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنلاشتۇرۇش قەدىمىنى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆيىنى، ئەتراپىنى ۋە مۇھىتىنى تاماكا تاشلاشقا لايىق سەرەمجانلاشتۇر دەپ ئۆزگەرتىش لازىم.

تاماكا تاشلاشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى نېمە؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تاماكا پەيدا قىلغان خۇمارلارنى بىرلىكتە يوقۇتۇش ئۈچۈن دورا بىلەن داۋالاش، پىسخىكىلىق داۋالاش ۋە ئىجتىمائىي ئاقارتىشنى تەڭ ئېلپ بىرىش كېرەك.

1. دورا بىلەن داۋالاش : تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ بەدىنىدە زەھەرگە بولغان تەسىر ئۇ قەدەر ئېغىركى ئۇنى چەكمىگەندە تەشۋىشلىنىش، تەرلەش، تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشىنى يوقۇتۇش، ئۇخلىيالماسلىق،تېرىكىش، قورقۇش، دىققىتىنى يىغالماسلىق ھەتتا نەپەس سېقىلىشتەك بىئارامسىزلىق ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولۇپ، باش ئاغرىسا ئاغرىق توختاتقۇچ، قىزىتقاندا قىزىتما دورىسى ئىچكەندەك بۇلارنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن تاماكا دېگەن زەھەرنى دورا سۈپتىدە چېكىدۇ. شۇڭا شائىر دېگەندەك " مەيلى ئەمەسمۇ شۇ زەھەر بىلەن، سەگىسە يۈرەك تاماكا بايان. "  بۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى بۇ خۇمارنى كەسمەي تۇرۇپ ئۇلارغا تاماكا تاشلا دېسەك، " بولىدۇ، چېكىپ بولۇپ تاشلاي " دەيدۇ.  بۇ يوقسۇل قىلىش ئالامىتىنى يوقۇتۇش، بىمارلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر شەكىلدە تاماكا تاشلىشى ئۈچۈن تاماكىنىڭ ئىچىدىكى ئىنساننى خۇمار قىلىدىغان نىكوتىننى بىر دورا سۈپتىدە سىرتتىن بىرىشىمز لازىم. بۇرۇن ئۇزۇنچاق زەھەر چەككەن بولسا، ھازىر يۇمىلاق زەھەر ئىچىش كېرەك. بۇ نىكوتىننىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن تەسىرلىك ۋە پەرقلىق شەكىللەردە دورىسى بار بولۇپ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇلارنى بىرلىكتە ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى خىل دورا بار بولۇپ، كېسەللەرنىڭ ئەھۋالى، دورىغا بولغان جاۋابى قاتارلىق بىر قانچە ئامىللارغا ئاساسەن بۇ دورىلار ئۇستىلىق بىلەن كېسەللەرگە بىرىلىشى، دورا ئىشلىتىشتىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ ئۇلارغا ئۆگتىلىشى مۇھىم نوقتىلاردۇر. ئۇلارنى پەقەت گەپ بىلەن تاماكا تاشلىتىشنىڭ بەك مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، تاماكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولغان ئاق تاماكىنى تاشلىيالمايۋاتقانلارنىڭ قەلبىنى چۈشەندۇق ھەرھالدا. بۇلارنىڭ كۆپى زەھەرنىڭ زىيىنىنى بىلىدۇ، ئەمما ئاسمان يىراق ، يەر بەك قاتتىق.

2. پىسخىكىلىق داۋالاش: بۇخىل داۋالاشنىڭ ئاساسى ئۇلارنى تەپەككۇر قىلىشقا، زىيانلىق قىلمىش ۋە بۇنىڭغا سەۋەپ بولىۋاتقان خاتا چۈشەنچىنى تۈزۈتىشكە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. چۈنكى ئاڭ تۇيغۇمىز ۋە ھەرىكىتىمىزنى بەلگىلەيدۇ.  تەپەككۈر ئارقىلىق ئىنسان غايىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، بەدەننىڭ بىر ئامانەت، تاماكىنىڭ ئامانەتكە خىيانەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەت ئارقىلىق ئۆزىنى تونۇشقا باشلايدۇ. ھازىرقى ھايات بېسىمىنىڭ يۇقىرىلىقى، تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىكى، ئەقلىمىزنى  ئىشغال قىلغان ئارزۇلارنىڭ كۆپلۈكى، باشقا كېلىۋاتقان دەرد- ئەلەمنىڭ جىقلىقى، بىزنى ھەركۈنى 5-10 مىنۇت تەپەككۈر قىلىشتىن، ئۆز- ئۆزىمىز بىلەن مۇڭدىشىشتىن ، بۇ ھاياتنىڭ سىرلىرىنى ھېس قىلىشتىن مەرھۇم قىلماقتا. تەپەككۈر بولمىغاچقا نەگە قانداق كېتىۋاتقانلىقىمىزنى بىلەلمەي تېڭىرقاشتا. شۇڭا پىسخىلوكلار بۇلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلارنى ئويغىتىش، ئۆزىنى تونۇتۇش ئۈچۈن مەيداندا.  پىسخىلوكلار ئۆزگىرىشنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلىرىدا ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن كەمچىل بولغان ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنىڭ قەدىر- قىممىتىنى تونۇش، سۆيگۈ- مۇھەببەت قاتارلىق ۋىتامىنلارنى ئۇلارغا بەرمەكتە. تاماكا تاشلىغاندىن كىيىن دۇچار بولىدىغان چۈشكۈنلىكمۇ ئۇلارنىڭ خىزمەت دائىرىسىدە. كۈندە ئازراق تەپەككۈر قىل، بۇ ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇل.

3. ئىجتىمائىي داۋالاش: يەنى توپلۇلۇقنىڭ كاللىسىدىكى ناتوغرا چۈشەنچىلەرنى توغرىلاش ۋە ئاقارتىش. جەمئىيەتتىكى " ئوغام بالا تاماكا چېكىدۇ، تاماكا ئىجتىمائىي ئالاقىنى كۈچلەندۈرىدۇ، تاماكا كىشىگە بىر سالاھىيەت پىچىدۇ دېگەنگە ئوخشاش خاتا كۆز- قاراشلار، تاماكا تاشلىغاندىن كىيىن ئىشتىھاسى ئېچىلغانلىقىدىن كۆپ يېيىش تۈپەيلى سېمىزلەپ كېتىشتىن قورقۇشلار باشتا ئىنسانلارنى بۇ زەھەرلىك پىكىرلەرنىڭ قۇربانى قىلىپ، ئاستا- ئاستا ماددىي زەھەرلەرنىڭ خۇمارى قىلىدۇ. بىز بۇ پىكىرلەرگە قارشى ھەركىم، ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە زەربە بەرمىسەك، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ۋە زىيىنى ھەر بىرىمىزنىڭ بېشىغا كېلىدۇ. شەخىس تۈزەلمىگىچە توپلۇلۇق تۈزەلمەس، جەمئىيەت تۈزەلمىگىچە شەخىس ئارام تاپالماس!

يىغىنچاقلىغاندا ئىزچى شۇنى بايان قىلماقچى:

توسۋالغىن يار مىنى، قالسۇن ئۇ نەپەس،

كۆيمىسۇن يۈرەكلەر تاماكا بايان.

سەگەتمەس يۈرەكنى بىۋاپا ھەۋەس،

ئۆلمىسۇن غايىلەر تاماكا بايان.

مەقسەت ئۆلۈم بىلەن قورقۇتۇش ئەمەس، مەنىۋى ئۆلۈكلەرنى ئويغىتىش!

 

1.  https://www.uptodate.com

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى