تاماكا بايان - 1

توسما يار مېنى چېكەي بىر نەپەس،

كۆيىدۇ يۈرەك تاماكا بايان.

ئەمەستى چېكىش ماڭا بىر ھەۋەس،

كۆيىدۇ يۈرەك تاماكا بايان.

كۈندىلىك ھاياتىمىزدا كۆرۈنمەس قاتىللار باركى جېنىمىزنى ئاستا - ئاستا قېنىمىزنى ئېقىتماي تۇرۇپ قانداق ئالغانلىقىنى بىلمەي قالىمىز. شۇنداق زەھەرلەر باركى يەپ- ئىچكەن ۋاقتىمىزدا نەپىسلىرىمىزنى پەپىلەپ، تۇيغۇلىرىمىزنى دولقۇنلاتسا، ئاخىردا بىزنى تۇيغۇسىز، غايىسىز مۇردىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇنداق ئوتلار باركى قارىساڭ ئۇنىڭدا نە يالقۇن نە ھارارەت بار ئەمما پۈتۈن ۋۇجۇدىڭنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ تاشلايدۇ. بۇ قاتىل بولسا تاماكا، بۇ زەھەردۇر تاماكا، بۇ ئوت دەل تاماكا.

ئۇ قەدەر زىيانلىرى بولغان، ئۆزى بىلەن بىللە ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىنى كۈل قىلىدىغان، زەھىرى بىلەن ئىنسانلارنى راك قىلىدىغان، سىرلىق تۇمانلار بىلەن ئىنساننىڭ پىسخىكىسىنى ئۆزىگە رام قىلىدىغان بۇ تاماكىنى بىلىپ تۇرۇپ چېكىشنىڭ سىرى نېمە؟ زامانىۋى ئىنسانلارنىڭ قايىل بولۇش ئۇسۇلى بولغان ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى بۇ زەھەرنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن تۇرۇقلۇق بۇ تاماكىنىڭ ئىنسانلارغا تاتلىق بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ چۈنكى ئىنسان ھاياتىدا بەزى ئىشلارنى قىلىش، تاشلاشنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئەقىل بىلەن بولمايدىغانلىقى، بىر شەيئىنى بىلىش ۋە تونۇشنىڭ ئۇنى قىلىشقا، ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەسلىكى، ئەقىل تېشىدا ئىرادىنىڭ، غايىنىڭ مۇھىملىقى، بىر ئىشنى باشلاشتا نىيەت بىلەن تەڭ ئەمەل قىلىش ۋە قەدەم تاشلاشنىڭ تەسلىكى، بولۇپمۇ ھەم بەدەن ھەم روھ خۇمارداپ قالغاندا، ئۇنىڭغا بىردە ئىجتىمائىي خۇمار قېتىلغاندا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نىيەت ۋە ھەرىكەتنىڭ تېشىدا توغرا ئۇسۇل ۋە ئىلمىي چارىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.

ھايات خاتىرەمدىن بىر قانچە مىسال بىلەن دەردىمنى بايان قىلاي. خەلقىمىزنىڭ تۇنجى نەسىل بېيجىڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتىدە تەلەم ئالغان ئۇستازلاردىن بىرى، دادامنىڭمۇ يېقىن ئاغىنىسى، يۇقىرى بىلىم سەۋىيىسى بىلەن خەلقنىڭ كۆڭۈل تاجى بىر قېتىم دادام بىلەن قىلىنغان سۆھبەتتە شۇنى دېگەنتى: " 40 يىل ئوقۇغۇچىلارغا تاماكا ئۆپكە راكى پەيدا قىلىدۇ دەپ دەرس ئۆتتۇق، ئەمما مەندە كۆرۈلمىدى" . شۇ مەزگىللەردە ئۇستاز يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن دوختۇرخانىدا ياتقاندا تارتىلغان ئۆپكە CT دە راكنىڭ ئۆپكە ۋە باشقا يەرلەرگە تارقالغانلىقىنى كۆرگەندە ئىچىم ئاچچىق بولغانتى. ئۆپكە راكى بولغانلىقىدىن ئىبارەت سىرنى قەلبىمىزگە، ئۇستازىمىزنى قارا تۇپراققا كۆمگەن ئىدۇق.

مۇتەخەسسىسلىك ئوقۇشۇمنىڭ ئاخىرقى يىللىرى، ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىم. تاماكا دەردىدىن گىرىپتار بولغان ھەرخىل ئۆپكە- كاناي كېسەللىكلىرى تۈپەيلى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان بىمارلارنىڭ  ئاچچىق يۆتەللىرى، ئوكسىگېن بەرسەكمۇ نەپىسى يەتمەي قىينىلىۋاتقان كېسەللەرنىڭ ئاھۇ- زارى، تاماكا چەككەنلىكىگە مىڭ پۇشمان بولغان لېكىن ھازىر پۇشايمان ئالىدىغان قاچا تاپالمايۋاتقان بىمارلارنىڭ ئاچچىق كۆز ياشلىرىنى كۆرگىنىمدە يۈرىكىم مۇزلىغانتى. بىر يىلدا 100 قېتىملاپ دوختۇرخانىدا يېتىشتىن زېرىككەن بىر كېسەلنىڭ، دادىسىنى دوختۇرخانىغا توشۇشتىن ھېرىپ- چارچىغان ئوغلىغا شۇنى دېگەنلىكىم خاتىرەمدە: " داداڭنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن، داداڭغا ياردەم قىلالمايۋاتقانلىقتىن ئازابلىنىۋاتقان بىر دوختۇر سۈپتىدە ساڭا شۇنى دېمەكچى، ئەگەر سەن بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ تاماكا چەكسەڭ، كۆردۈڭمۇ شۇ بىكار ياتاقنى، كەلگۈسىدە داداڭغا ئوخشاش بۇ ياتاقنىڭ ئىگىسى بولىسەن! " . بىر قانچە كۈندىن كېيىن سىرتتا تاماكا چېكىپ تۇرغان ئۇ ئوغۇلنى كۆرگەندە مەن ئۇھ چەكتىم.

يەنە بىر قېتىم بىر سوتچىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگىنىمدە ئاچچىق تاماكا چېكىپ ئولتۇرغان سوتچى خانىم دوختۇر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ ئالاھىدە قىزىقىش بىلەن ئۆزىنىڭ ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىشقا باشلىدى. مەن ساغلاملىق ئۈچۈن ھۆكۈم بېرىشتە بىرىنچى قەدەم تاماكا تاشلاش دېدىم. سۆھبەتىمىزدە دادىسىنىڭ ئۆپكە راكىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ كونىلارنىڭ « ئەقىلگە ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز » دېگەن ماقال- تەمسىلى ئىسىمگە كەلدى. بۇ يۇقىرى مەلۇماتلىق سوتچى ئايالنى ئەقىللىق ۋەياكى نادان دېيىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالدىم. ھايات ئىشارىتىنى بەرگەن بۇ كىشىنىڭ نادانلىقىغا نېمە قىلىش كېرەك؟

كەسپىي ھاياتىمدا مەن ئەڭ خۇشال بولغان ھېكايىلەردىن بىرسى  دادامنىڭ تاماكا تاشلىشى بولغانتى.  ھېلىمۇ ئېسىمدە، مەن تىببىي ئۈنىۋېرسىتتە ۋە كېيىنكى تۇرمۇشۇمدا دادامنىىڭ تاماكا تاشلىشى ئۈچۈن يالۋۇرۇپ يازغان، كۆز ياشلىرىم بىلەن نەملەنگەن خەتلىرىم.  بۇ ھېكايىلەر تۈگمەس، تاماكا بايان بىر ماقالىدە پۈتمەس.

 

شىئېر ئەل سۆيگەن شائىر ئابدۇرېھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈردىن. 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار