ئەڭ ئېغىر روھ كېسەللىكى - ئۆلۈمدىن قورقماسلىق

 ئۆلۈم، دۇنيا ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى. ئۆلۈم ھايات جۇملىلىرىمىزگە، ھىكايىمىزگە قويۇلغان چىكىت. ئاپتۇۋۇزدا ئۇخلاپ قىلىپ ئاخىرقى بېكەتكە بىردەمدە كەپ قالغاندەك، ئۇيقۇدا، غاپىللىقتا ئۆتكۈزگەن ھاياتىمىزنىڭ ئاخىردا ئۆلۈمنىڭ بوسۇغىسىغا نەقەدەر بالدۇر كەپ قالغانلىقىمىزنى سەزمەي قالىمىز. مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك، ئۇششاق- توڭ ھەممەيلەن ھايات سەپىرىدە پەرۋاسىزچە مېڭىۋېتىپ تۇيۇقسىز خىياللارنى، ئارزۇلارنى، يىقىنلىرىمىزنى، بالا- چاقىلىرىمىزنى، دوست- بۇرادەرلەرنى ھايات دەپتىرىمىزنىڭ ئىچىگە كۆمۈپ، دوختۇرخانىلارنىڭ ياتاقلىرىدا شۇ ئاخىرقى تىنىق بىلەن  ھايات ھىكايىمىزگە چىكىت قويىمىز.  ئىزچى بەلكى دوختۇرلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈمگە ئەڭ جىق شاھىت بولغان دوختۇرلاردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆلۈم پەيتتىكى ئۇ ئېغىر تىنىقلارنى، روھنىڭ بەدەننى تاشلاپ ئۇچۇپ كەتكەن چاغدىكى جەسەتتە مەيدانغا كەلگەن ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنىكى ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، ئۆلۈمدىن ئىبارەت  بۇ سىرلىق ۋە دەھشەت ھادىسە ئۈستىدە ئويلارغا پېتىپ قالاتتى. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆلەك كەينىدىن تۆككەن كۆز ياشلىرى، مۇرەككەپ تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇلغان يىغا- زارىلىرى ئىزچىنى ئۇ چۇڭقۇر ئويلاردىن ئىلىپ، يۈرىكى تىترىگەن، پۇت- قولى بوشاشقان ۋەزىيەتتە بۇ قېتىم خىيال كەپتەرلىرىنى ئۆلۈكنىڭ كەينىدىن بۇ سىرلىق سەپەرلەرگە ئۇچۇرۇپ تاشلايتتى.

بولۇپمۇ كورونا ئۆلۈمنىڭ ھەركىمنىڭ بېشىغا تۇيۇقسىز كېلىدىغانلىقدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى بىزگە تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ھاياتقا يېڭى قەدەم باسقان بالىلار، قورسىقىدىكى بالىسى يىتىم قالغان ياش ئانىلار، ئائىلىسىنى قورغانسىز تاشلاپ كەتكەن 40-30 ياشلاردىكى ئەركەكلەر، بالا- چاقىلىرىنىڭ تويىغا ھازىرلىنۋاتقان ئاتا- ئانىلار، نەۋرىلىرىنى قولغا ئېلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان چوڭ دادا- چوڭ ئانىلار، مۇقەددەس تۇپراقلارغا چاقىرىق كەلگەن مومايلار، ۋالىينىڭ دادىسى، باينىڭ ئانىسى، ئانا ۋەتەنگە تەشنا قېرىنداشلار ...... ، خىياللىرىنى، ئارمانلىرىنى، پىلانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى. ناخشىلاردا ياڭرىغان « ئۆلۈمدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى يالغان » بىر ھەقىقەت ئىدى.  بۇ ھەقىقەتنى يىلىكلىرگىچە ھېس قىلغان ئىزچى ئەتراپىدىكىلەرگە تەدبىرگە دىققەت قىلايلى، ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلايلى دەپ نەسىھەت قىلغان چېغىدا " ئۆلۈمدىن قورقماسلار" ناھايىتى پەرۋاسىزچە « ئەجەل كەلسە ھېچكىم قۇتۇلالمايدۇ»،« ئەجەل قورققانلارغا ئىشتىك كېلىدۇ»، « بىز ئۆلۈمدىن قورقمايمىز»،« بۇ ۋىرۇسنىڭ مەقسىتى ماۋۇ، ئاۋۇ » دېگەندەك پەندى - نەسىھەتلارنىڭ ئوق- يامغۇرىغا تۇتۇلدۇم. گويا قەدەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان نادان، تەدبىر بىلەن ئۆلۈمگە تاقابىل تۇرۇشقا تەمشىلىدىغان بىر ئەخمەق دەپ بىلىندىم. ئەجىبا ئۇلار راستىنلا ئۇ قەدەر ئۆلۈمدىن قورقمامدىغاندۇ؟ ئىمتىھانغا بولغان تەييارلىقى مۇكەممەل، نەتىجىسىگە بولغان ئىشەنچىسى مۇتلەقمۇدۇر؟! نورمال ۋاقىتتا دېگەن سۆزلىرىنى، نوچىلىقىنى ئېغىر كېسەللىك بۆلۈمىنىڭ شۇ سوغۇق ياتاقلىرىدىمۇ ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى كەلگەندە ،بۇرۇنقى سوغۇققانلىقىنى، تەۋەككۈلىنى كۆرىستەلەرمۇ؟ دەپ ئويلاپ قالاتتىم. ئىسنىڭ ئاچچىقىنى كۆرۈۋاتقان كېسەللەرنىڭ تونۇردەك ئىسىق ياز كۈنلىرى قىزىتمىدىن تىترىگەن بەدەنلىرى ، نەپىس ئىلىپ بېرەلمەي قىينىلىۋاتقان ۋۇجۇتلىرى، ياتاقتا ئامالسىزلىقتىن چوڭ- كىچىك تەرەت قىلىشتىن تۇيغان نەپرەت- پىغانلىرى، كانىيىغا تىقىلغان شىلانكا تۈپەيلى جاندىن تويغان ئىسيانلىرى، ئۆلۈمنى ھېس قىلغان چاغدىكى كۆزلىرىدىن سىيرىلىپ چۈشىۋاتقان ياشلىرى ماڭا پەرقلىق ئىنسان ھالەتلىرىنى، پەرقلىق گەپلەرنى پىچىرلايتتى. « مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا » دېگەندەك « بىلىۋالغانلار بىلەن ئەمەلىي ياشىغانلار بىر ئەمەس » دىن ئىبارەت ھەقىقەت بىلەن ئۆز- ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرەتتىم، ئۇلارنىڭمۇ مىخقا ئۈسسۈمەي تۇرۇپ بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ تەكتىگە يېتىشنى تىلەيتتىم.

كىچىكىمىزدە  ئۆلۈمدىن قورقماسلىق بىر قەھرىمانلىق سۈپتىدە ئۆگىتىلگەچكە، تارىخىي قەھرىمانلارنىڭ ئىش- ئىزلىرىدىن ھاياجانلىنىتۇق. تونۇيدىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىنكى يىغا- زارىلار، قەبرىستانلىقنىڭ سۈرلۈكلىكى، ئاپپاق كېپەنگە ئورالغان ئۆلۈكلەرنىڭ قەبرىگە قويۇلىشى ۋە ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ مازارلىقتىن قايتىپ كېلىشىمىز كىچىك يۈرەكلىرىمنى ئېزىپ تاشلاپ مىنى ئاستا- ئاستا ئۆلۈمدىن قورقۇتۇشقا باشلايتى. دوختۇر بولغاندىن كېيىن ئۆلۈكلەر ئۈستىدە ئىلىپ بېرىلغان دەرس ۋە تەجرىبىلەر، ئەمەلىي خىزمەتتە ئۇچرىغان ئۆلۈم ۋەقەلىرى جىقايغانسىرى ئۆلۈم بىر نورمال ھادىسىدەك بىلىنىشكە باشلىدى.  ئەمما ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتى ۋە ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئۆلۈمنىڭ قىيىن بىر ئىمتىھان ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىقنىڭ لازىملىقىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ، ئۆلۈمنىڭ باشقىلارنىڭ ھەرخىل مۇددىئالىرى ئۈچۈن پەردازلاپ بازارغا سىلىپ، ئىمتىھاندا 100 نومۇرنى ھۆددىگە ئالغاندەك ئۇ قەدەر ئاددىي ھادىسە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ئۆلۈمدىن تەكرار قورقۇشقا باشلىدىم.

ئۆلۈمدىن قورقۇش نەپىسنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ، بۇ تۇيغۇ بولغان چاغدا ئىنسان  ئاندىن ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ، نەپىس- ئارزۇلىرىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ. ئۆلۈم بىلەن قارشىلاشقاندا ئىچكى ھېسياتلىرى دولقۇنلاپ ساغلام تەپەككۈر قىلالايدۇ. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىك قورقىسى بولغان بىر ئىنسان ماددىي ۋە مەنىۋىي تەييارلىقنى باشلايدۇ. تەبىئىي يېيىشنى، پاكىز كىيىشنى، ياخشىلىق قىلىشنى، باشقىلارنى سۆيۈشنى، يالغان گەپ قىلماسلىقنى ، باشقىلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلماسلىقنى، غەيۋەت قىلماسلىقنى، پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىرىشىپ، ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك تەييارلىق قىلىشنى ئۆزىنىڭ شوئارى قىلىدۇ.  ئۇ « ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان  » ۋەياكى « ئىمتىھاندىن 100 نومۇر ئەپ بولغانلار»نى ئۆلۈمنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە تەكرار تەپەككۈر قىلىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىمەن. ئۆزنى بىردەملىك بولسىمۇ ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ياتىقىدا، قەبىردە دەپ ئويلاپ باقسۇن، تەييارلىقىنى كۆزدىن كەچۈرسۇن، ئەگەر ئىمتىھاندا بىلمىگەن يەردىن، خاتا ئۆگىنىپ قالغان يەردىن سۇئال چىقسا قانداق قىلارمەن؟ دەپ ئىزدەنسۇن. چۈنكى بۇ ئىككىنچى بىر پۇرسەت بېرىلمەيدىغان، تولۇقلىما ئىمتىھانى بولمىغان بىر ئىمتىھان. ئۆلۈمدىن قورقۇش تەبىئىيتىمىزدە بار بولۇپ ، بار بولىشى ئىنسانلىق قىممەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ شەرتى، روھىمىزنىڭ ئېھتىياجى، ئۆلۈمدىن قورقماسلىق بولسا روھنىڭ بىر ئېغىر كېسەللىكى!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى