تىز تاماق، تىز ئۆلتۈرىدىغان تاماق

تىز تاماقخانىلارنىڭ غەرب ئۆلكىلەردە مەيدانغا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ يەرلەردىكى خەلقلەرنىڭ ھايات ئەندىزىسى ۋە يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى بۇزۇپ، ھەرخىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ چىقىشىغا سەۋەبچى بولماقتا.  The Obesity Action Coalition   نىڭ كۆرسەتكىنىدەك، ئامېرىكىدىكى تىز تاماقخانىلارنىڭ سانى 1970- يىلدىن بىرى ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى سېمىزلارنىڭ سانىمۇ ئۇ زاماندىن بىرى ھەسسىلەنگەن. ھەكىم ئىزى دېگەندەك سېمىزلىك بىر ياغ راكى بولۇپ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇ شۇ دېمەكلىك بولىدىكى، تىز تاماقخانىلارنىڭ خىرىدارلىرى سېمىزلىك ۋە كېسەللىك كۇلۇبنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، ئۇ يەردە سۇنۇلغان تىز تاماقلار ( Fast food  ) تىز تويدۇردىغان، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا تىز ئۆلتۈرىدىغان تاماقلار دېگەنلىكتۇر.

مېدىتسىنا ھەقىقەتەن  تىز تەرەققىي قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەرەققىيات سۈرىتى يېڭى پەيدا بولىۋاتقان، ئانام- دادام كۆرمىگەن كېسەللىكلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىش تېزلىكىدىن كۆپ ئاستا. بۇ كېسەللىكلەرنىڭ بېشىدا ئۆزئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرى ( Autoimmune Disease )  كېلىدىغان بولۇپ، ئىسىمدىن كۆرۈنۈپ تۇرغانغا ئوخشاش ساغلاملىقىمىزنىڭ قورغىنى1 بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ، ئۆز ۋە دۈشمەننى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن ئۆز ھۈجەيرىلىرىنى دۈشمەن سۈپتىدە ئۆلتۈرۈشىدىن كېلىپ چىقماقتا. بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ھازىرقى قەدەر 100 خىلدىن ئارتۇق تۇرى بار بولۇپ، كېسەللىكنىڭ  ئۈنۈملۈك بىر داۋالاش ئۇسۇلى يوق .ياشلار تېخى بۇ گۈزەل ھاياتقا يىڭى قەدەم تاشلىغان چاغدا بۇ كېسەللىكنىڭ قۇربانى بولماقتا ۋە بىر ئۆمۈر دورا- ئۇكۇل ئىشلىتىشكە مەجبۇر قالماقتا. لوندوندىكى Francis Crick Enstitute دە بۇ كېسەللىك ئۈچۈن تەتقىقات  ئىلىپ بىرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن James Lee  ۋە Carola Vinuesa  ئەنگلىيىدە 4 مىليون ئىنساننىڭ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقانلىقىنى،  ئۆزئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبنىڭ تىز تاماقلار بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. غەربتە ئۆزئىممۇنىتېت كېسەللىكلەرنىڭ سانى كېيىنىكى 40 يىلدا ئارتىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ كېسەللىك بۇرۇن ھىچ كۆرۈلمەيدىغان ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقى ئاسىيا دۆلەتلەردىمۇ تىز تاماقلارنىڭ بۇ ئۆلكىلەرگە سېڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. دېمەك تىز تاماق بىلەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆزئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرى بىلەن  ئۆزىمىز ئۆلۈشىمىزنى تىزلاشتۇرۋاتىمىز.

تىز تاماقلارنى تاماق ئەمەس ساغلاملىقىمىزغا چوماق قىلغان نەرسە تەركىبىدىكى شېكەر، ئاش تۇزى ، دۈشمەن ياغلار بولۇپ ، بۇ ئۈچ دوسىت بىريەرگە كەلدىمۇ، بەدىنىمىزنىڭ ساغلام قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. تىز تاماقتىن كىيىن تىز سۈمۈرۈلگەن شېكەر تىز سۈرەتتە يۇقىرىلاپ بەدىنىمىزنى كۆپ مىقداردا ئىنسۇلىن ئىشلەپ چىقىرىشقا زورلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن تاماقتىن كېيىنلا ئىنساننى ھارغىنلىق بېسىپ، ئۇيقۇسى كېلىشكە باشلايدۇ. تەركىبىدە تالا بولمىغان تىز تاماقلارنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدا تۇرىدىغان ۋاقتىمۇ قىسقا بولغاچقا قوساقمۇ 2-1 سائەت ئۆتمەي تۇرۇپ يەنە ئاچىدۇ. تىز تاماق شۇڭا ئەسلىدە تىز قوساق ئاچۇردىغان تاماق. دۈشمەن ياغلار  قان تومۇرىمىزنى قاتتىقلاشتۇرۇسا، ئاش تۇزى كىرستال تۇز بولمىغاچقا قان بىسىمىمىزنى يۇقىرىلىتىپ قان تومۇرلىرىمىزنىڭ قېتىشىنى ھەتتا توسۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خىرىدارلارنى جەلىپ قىلىش، ئۇلارنى بۇ تاماقلارغا خۇمار قىلىش ئۈچۈن تاماق ئىنژىنىرلىكى قالپىقى ئاستىدا ئۇلارغا قېتىلغان رەڭۋاز دورا- دەرمەكلەرنىڭ زىيىنىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. 

بەدەنگە قان ۋە ئوزۇق توشۇيدىغان قان تومۇردىن چاتاق چىقسا، بۇ قان تومۇرنىڭ ئىچىدە ئاققان ئوزۇقلۇق ئەمەس زەھەر مىسالى لاي-لاتقا بولسا بەدىنىمىزدىكى پۈتۈن ئورگانلار بۇ مەينەتچىلىكتىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ. ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار تىز تاماق يەيدىغان بالىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ زىققا كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى، تىز تاماق بىلەن ئوزۇقلىنىدىغانلار ئىچىدە چۈشكۈنلىكىنىڭ %50  تېخىمۇ جىق كۆرۈلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا تۇغماسلىقنىڭ، پالەچلىكنىڭ، سۆڭەك شالاڭشىشىنىڭ، مۇسكۇل بوشىشىشنىڭ ، چىش چۈرۈشنىڭ، تېرىدە داغ ۋە دانىخورەك، ئۇيقۇدا خورەكنىڭ تىز تاماق ئىستىمال قىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ كۆرۈنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. 

بەلكى بىز تىز تاماقخانىلاردا تاماق يېمەيمىز دەپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ھازىرقى يېمەك - ئىچمەڭ سانائىتىنىڭ ھەرخىل ھازىر خۇرۇچلار بىلەن، رەڭگارەڭ ۋە لەززەتلىك دورا- دەرمەكلەر بىلەن ، چىرايلىق تۇڭلارغا قاچىلانغان ماي ۋە تېتىتقۇلار بىلەن ئۆيىڭىزنى ئاللىقاچان تىز تاماقخانىلارنىڭ بىر شۆبىسى قىلىپ بولغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭ. تاماقلاردا ئىشلەتكەن بۇ ماتېرىياللار ئەگەر ناتەبىئىي بولسا، پىشۇرۇش ۋە ساقلاش ئۇسۇللىرىمىز ناتوغرا بولسا، يېمەك- ئىچمەك ئادىتىمىز ناخۇش بولسا ، مەيلى سىرتتا ۋەياكى ئۆيدە يەيلى ، يېگەنلىرىمىز  تىز تاماقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيەتىمىزدە بار بولغان سامسا - مانتا، كاۋاپ - شورپا، ئۈگرە- نارىن  دەك تىز تاماقلىرىمىز بىلەن ساغلىقىمىزغا ئىگە چىقايلى، باشقا تىز تاماقلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ گوكارى بولمايلى!

1.ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى- ئىممۇنىتېت سىستېىمى:

https://www.hekimizi.com/2021/02/blog-post_11.html


 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى