روھىڭىز بىلەن سىردىشىڭ
ئىنسان ساقلىقى بەدەن ۋە روھ ساقلىقنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، بىرسىنىڭ ساقسىزلىقى يەنە بىرسىنىڭ بىتاب بولىشىغا يول ئاچىدۇ. بەزەن بۇ ئىككىسىنى ئايرىش ئۇ قەدەر تەس بولۇپ، دوختۇرلارمۇ قايسىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىگە دئىاگنوز قويۇشتا، داۋالاشتا قىينىلىدۇ. ھەممىدىن تەس بولغىنى كېسەللەرگە بەدەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك شىكايەتلەرنىڭ نىرۋىدىن، روھتىن كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنى قايىل قىلىش. ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئۇ يۇرەك تاجىسىمان قان- تومۇر كېسەللىكى دىئاگنوزى بىلەن قاغىلىقتىن دوختۇرخانىمىزغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇ 38 يېشىدىكى ئايال بىمار. ئۇ ئايالنىڭ يۈرىكى ھەركۈنى بىر قانچە قېتىم ئاغرىيدىغان بولۇپ، ھەر ئاغرىغاندا خۇددى كىتابتا يېزىلغاندەك تىپىك بىر شەكىلدە ئاغرىيتتى. ئەڭ چاتاق يېرى يۈرىكى ئاغرىغاندا تارتىلغان ئېلېكترو يۈرەك دولقۇنىدا يۈرەك كېسەللىكلىرىگە ئائىت بەزى ئالامەتلەر كۆرۈنەتتى. بۇلارغا ئاساسەن كېسەل ئۆزىنى يۈرەك كېسىلى بولۇپ قاپتىمەن دەپ يىغا- زارىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، دوختۇرلارمۇ يۇرەك تاجىسىمان قان- تومۇر كېسەللىكى قالپىقىنى ئۇنىڭغا چىرايلىق كەيگۈزگەندىن كىيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەن يەنى يۈرەك ئاغرىقى داۋام قىلغان كېسەلنى بىزگە ھاۋالە قىلغانتى. كېسەلنىڭ پىسخىكىسى ئۇ قەدەر ئېگىز- پەس بولۇپ كەتكەن بولۇپ، كېسىلى ھەر ئىسىغا كەلسە، ئۆلۈپ كەتسەم «بالىلىرىم قانداق قىلار؟» دېگەنلەر بىلەن يىغلايتتى ۋە ئارقىسىدىن يۈرىكى ئاغرىپ، نەپىسى سىقىلىپ ئەتىراپىدىكى يېقىنلىرى ۋە دوختۇر- سىستىرالارنى جىددىيلەشتۇرتى. كېسەلگە « ئۆلۈپ كەتسىڭىز يولدىشىڭىز بالىلارغا چوقۇم بىر ياخشى ئانا تېپىپ بېرىدۇ^^ » دېگەنگە ئوخشاش سۆزلىرىمىز ھىچ تەسەللىي ئەتمىدى. كېسەلگە پۈتۈن مەيدانغا كەلگەنلەرنىڭ سەۋەبنىڭ روھ ھالىتىدىن تۈپەيلى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۇ قەدەر تەس بولدىكى، تاكى يۈرەك قان تومۇرىنى سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئېغىر تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ساق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنگە قەدەر. بىمار بۇ نەتىجىگە قايىل بولدى، ئىشەندى، كۈلدى ۋە «يۈرەك كېسىلى» ئىككىنچى قېتىم تۇتمىدى. ئەگەر قايىل بولمىغان بولسا بۇ قېتىم « نېرۋا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى » قالپىقى بىلەن ئۆزىدە كېسەل يوق ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنگە قەدەر نېرۋا دورىسى ئىچەتتى ۋەياكى ئەھۋالى ئېغىرلاشسا بىزمۇ ئۇنى ئۇرۇمچى 4- دوختۇرخانىسىغا ( ساراڭلار دوختۇرخانىسى) يۆتكەپ قوياتتۇق.
ئۇ
ۋاقىت خەلقىمىز ئىچىدە بۇ خىل كېسەللىك بىلەن دوختۇرخانىلارنىڭ يولىنى تۇتىدىغان
بىمارلار كۈرمىڭ بولۇپ، بەزەن ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدىكى بۇ قەدەر زەئىپلىككە ھەيران
قالاتتىم. بەزى رومانتىك كېسەللىرىمىز كۆرۈۋاتقان كۆپ قىسىملىق تىلېۋىزىيە
فىلىملىرىدىكى باش قەھرىمانىنىڭ گىرىپتار بولغان كېسىلىنىڭ ئۆزىدە بار يوقلىقىنى
بىلىش ئۈچۈن بىزگە كېلەتتى. بۇنداق كېسەللەر جىق بولغاچقا ئۇلارنى داۋالاپ
ساقايتىۋىتىپ نام سالغان مەشھۇر دوختۇر- تىۋىپلارمۇ ئاز ئەمەستى. بىزگە كېلىپ
ئۇلارنىڭ سىرلىق دورا- ئۇكۇللىرىدىن ، ئىكسىر- كۇملاچلىرىدىن شالىسى ئېقىپ سۆزلەپ
بەرگەندە، « نېمىشقا تەكرار ئۇلارغا
بارمىدىڭىز؟» دېگەن سۇئال بىلەن ئەس-ھوشىنى توپلاپ چۆچەكلەردىن رېئال دۇنياغا
قايتىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەم بىچارە ھەم بىقارار ھالىتىگە قاراپ، بۇ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ
ئوقۇغۇچىلىرى قانداق بىر روھ ھالىتىدە چوڭ بولار؟ قانداقمۇ ۋەتەن ، مىللەتنىڭ ئېغىر يۈكىنى
كۆتۈرەلەر؟ دەپ بىر تەرەپتىن ئېچىنسا بىر تەرەپتىن ئېغىر ئۇھ تارتىپ چۇڭقۇر
خىياللارغا غەرق بولۇپ كېتەتتى ئىزچى.
روھ
بىزنى بىز قىلغان ئەڭ مۇھىم قىسمىمىز بولۇپ، روھىمىزنىڭ ساغلاملىق سۈپىتىگە
ئاساسەن خارەكتىرىمز، كىشلىكىمىز، كىملىكىمىز بەلگىلىنىدۇ. روھ ساغلاملىقىمىزغا
ئاساسەن ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەرىمىز، ئەتىراپقا تارقاتقان ئېنىرگىيەرىمىز،
كىشلەرگە بەرگەن تەسىرىمىز ۋە دۇنياغا بولغان تونۇشىمىز ۋە غايىمىز ئۆزگىرىدىغان
بولۇپ، روھ كېسەللىكلىرى ۋە پەرقلىق روھ ھالەتلىرىمىز بىزنى بىر ئادەمدىن باشقا
ئىنسانغا، ئوڭ ھالىمىزنى توڭغا، نورمال ھالەتتىن ساراڭغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
روھلارىمىزنى يالغۇزلۇققا تاشلاپ قويساق، ئۇنىڭ بىلەن سىرداشماسساق، ئۇنىڭغا
كېرەكلىك ئۇزۇقلارنى بەرمىسەك، مۇھىملىقىغا ماس كۆڭۈل بۆلمىسەك، پەقەت بەدىنىمىز
بىلەن ئاۋارە يۈرسەك ، روھ بىتاب بولىدۇ ۋە نەپىسكە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نەپىس-
خاھىشىمىزغا ئەسىر بولغان بەدىنىمىزنىڭ تىزگىنى قېچىپ، خامۇشلىققا، ئەندىشىگە،
چۈشكۈنلۈككە، ئاچچىقلاشقا، غەم- قايغۇغا ۋە ئاغرىق - سىلاققا مۇپتىلا بولىدۇ.
ھاياتتىن مەنا تاپالمىغان، ھاياتتىن خۇشاللىق ئالالمىغان روھ غايىنىڭ نېمە
ئىكەنلىكىنى، نەگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيدىغان جەسەتكە ئايلىنىدۇ.
بۇرۇن
« روھ قانداق كېسەل بولىدۇ؟»1 دا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك روھىمىزغا بولغان
تونۇشمىزنىڭ زەئىپلىكى، ئۇنى ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى سۇسلۇق، ئۇنى كۈچلەندۈرۈشتىكى
ھورونلىقىمىز، ئۇ كېسەل بولۇشتىن ئاۋۋال ساقلىقىنى قوغداشتىكى بىخوتلىقىمىز ئۇنىڭ
كېسەل بولىشىغا سەۋەپ بولماقتا. زامانىۋى پىسخىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىچىدە ئەڭ
مۇھىمى ۋە ئۈنۈمى ئىسپاتلانغان ئاڭ- ھەرىكەت داۋالىشىنىڭ ( Cognitive
Behavioral Therapy ) پىرىنسىپىمۇ ئەڭ ئاۋۋال كېسەللىكلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەپ
بولىۋاتقان خاتا روھ ھالەتلىرىنى، چۈشەنچە قىلىپلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنى ئۆچۈرۈپ
باشقىدىن شەكىللەندۈرۈش ۋە بۇ يىڭى ئاڭنىڭ ھەرىكەتكە ئايلىنىشى ئۈچۈن سىزنىڭ
روھىڭىز بىلەن سىزنىڭ يىرىڭىزغا مۇڭداشماق، ئۇنىڭغا كېرەكلىك ئوزۇقلارنى،
ئىلھاملارنى بەرمەك، ئىرادىڭىزنى تاۋلىماقتىن ئىبارەت. يەنى ئۇيغۇرچىسى، بىرسىنى
ساراڭ دەۋەرسە بىر چىشلەم گۆشى ساراڭ بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا كىشلەرگە تۇتقان
پوزىتسىيەرىمىز « سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇ قىزىق نان ياخشى » بولىشى كېرەك دېمەكتۇر.