دورا شىپا بولسۇن، بۇدساتۋا بولمىسۇن

پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بولۇپمۇ مېدىتسىنا ۋە بېيومولىكۇللا ئىنژىنىرلىكى ساھەسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى بىلەن دورا كەشىپ قىلىش، لايىھىلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىش قوللىرىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. ئىلىم- پەندىن كۈچ ، پۇلدىن مەدەت، كېسەللەردىن ئۈمىت ئالغان دورا- دەرمەك ئىگىلىكى ئۇ قەدەر يۈكسەلدى ۋە ئۆزگەردىكى ، دورا كېسەللەرگە شىپا بولدىغان بىر ۋاسىتە ۋە مەقسەت بولۇشتىن چىقىپ شىركەتلەتلەرنىڭ قۇرال- ياراقتىن قالسا ئەڭ چوڭ پەيدا ئەكىلىدىغان بىر تىجارەت مېلىغا ئۆزگەردى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە  ھەرخىل ئېلان- مۇبالىغە ۋە سىرلىق ئەپسۇنلار بىلەن بىر ئىلاھ سۈپتىدە  كېسەللەرنىڭ قەلبىدە تاج قۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ئىلاھ كېسەللەرنى ئۇ قەدەر ئالقىنىغا ئىلىشقا باشلىدىكى، كېسەللەر ئۇنىڭسىز ئۇخلىيالمايدىغان، خۇشاللىق تاپالمايدىغان، ئۇنىڭسىز ئەۋلاد قالدۇرالمايدىغان، ساقىيالمايدىغان ، ھەتتا ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغان ھالغا كەلدى. دورىغا ئاشىق- بىقارار بولغان كېسەللەر ئۇنىڭ ئەسلىدى بىر خىمىيىلىك زەھەر- ئوغا1 ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەكىس تەسىرىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان بولۇپ، قىممەتلىك زەھەرنى يەپ- ئىچىپ ئۆلمەكتە. ھەكىم  ئىزى تەكىتلىگەندەك كېسەللەرنىڭ ھېچبىرى دورا ئىچىشكە مەجبۇر ئەمەس، پەقەت ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەك ئۇسۇلى ۋە ناتوغرا ھايات پىچىمى تۈپەيلى پايدا- زىيان ھېسابىغا ئاساسەن ئامالسىز بىرىلگەن بىر قارار.  ئەسلىدە « جېنىڭغا تۇرامسەن مېلىڭغىمۇ؟» دىنمۇ ئۆتە « قولۇڭغا تۇرامسەن پۇتۇڭغىمۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش بىر تەس تاللاش.  ( ئاتۇشلۇق بىر دوستىڭىز بولسا ئۇنىىڭ يولى بۆلەك، چۈنكى بىر كوي بەرسىڭىز دەپ بېرىدۇ ^^^)

« زامانىۋى دورا مۇ؟ دورا ئۆسۈملۈكلەر مۇ؟»2  تىمىسىدىكى ماقالىدە دەپ ئۆتۈلگەندەك بەزى دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرىنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئۈچۈن ۋەياكى ئەكىس تەسىرىنىڭ بايقىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن زامان كېتىدىغان بولغاچقا ، بەزەن پۇشايمان قىلىدىغان قاچا تاپماق قېيىن بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار مەيدانغا كېلىدۇ. تۆۋەندە  تارىختىن ئىزلار، ھاياتىمىزدىن مىساللار ۋە يىڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن بۇ دورا بۇتنىڭ ئېچىنىشلىق يۈزى بىلەن يۈزلىشەيلى.

تارىختا ئەڭ ئېچىنىشلىق دورا پاجىئەسىدىن بىرى ھېسابلنىدىغان دورا Thalidomide  بولۇپ ھازىر بىر تۈر يىلىك راكى بولغان Multiple Myelom  كېسەللىكلىرىگە كەڭرى ئىشلىتىلدىغان بىر دورا. 1961- 1956 يىللاردا تىنىچلاندۇرغۇچ  ۋە كۆڭۈل ئېلىشقىنى توختاتقۇچ سۈپتىدە Contergan  ئىسمى بىلەن بازىغا سېلىنغان بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا ھامىلدار ئاياللارنىڭ بۇ دورىنى ئىچىشى سەۋەپلىك 2000  دىن ئارتۇق باللا ئۆلۈپ كەتكەن ۋە 15000 غا يېقىن بالا كەمتۈك تۇغۇلغان ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قولى ۋە پۇتى، بەزىلىرىنىڭ كۆز ۋە قۇلىقى كەمتۈك بولۇپ، بىر ئۆمۈر بۇ ئېغىر مېيىپلىك ھاياتقا مەھكۇم بولغان ئىدى. بۇ بالا- قازا ئامېرىكا ۋە تۈركىيىگە ئوخشاش بەزى دۆلەتلەردە يۈز بەرمىگەن بولۇپ، ئۇ زاماننىڭ ھەققىي ئىلىم - پەن ئەخلاقىغا ساھىپ، ۋىجدانىنى ئىت يەپكەتمىگەن بىر- ئىككى پەنشۇناسلارنىڭ جەسۇر قارشى چېقىشى سايىسىدە بۇ دۆلەتلەردە بۇ دورىغا رۇخسەت چىقمىدى ۋە بۇ پاجىئەنىڭ ئالدى ئىلىنغان بولدى. دېمەك ئىنسان يالغۇز قالغان تەقدىردىمۇ، ھەقىقەتلەرنى سۆزلەشتە چىڭ تۇرسا دۇنيانى قۇتۇلدۇرۇشقا نائىل بولىدىكەن.

يېقىندا، فرانسىيە ھۆكىمىتى 1967- يىلدىن بۇيان بازارغا چىققان ۋە تۇتقاقلىق كېسىلى ئۈچۈن رېتسىپتا يەر ئىلىۋاتقان Valproic Asit  نىڭ 4000 - 2000  ئارىسىدىكى بالىلاردا بەدەن بۇزۇقلىقى، 34000- 16000 دەك بالىلاردا بولسا نېرىپ تەرەققىيات بۇزۇقىلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرگەنلىك ئېھتىماللىقى بىلەن شۇتاپكى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ دورا شىركەتلىرىدىن بىرىگە، ئاياللارغا بۇ دورىنىڭ يىزىلماسلىقى توغرىسىدا بالدۇر ئەسكەرتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغان ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنىڭ كولېكتىپ بىر شەكىلدە سوتقا ئەزىز سۇنۇشقا رۇخسەت قىلدى. چېقىدىغان ھۆكۈم كۆڭۈل يارىسىغا مەلھەم بولامدۇ؟ ئالدىمىزدا كۆرىمىز.

ئازراق زۇكامداپ قىزىتىپ قالسا ھەمەن ياللۇغ قايتۇرغۇچ ئىچىدىغانلارغا بىر شۇم خەۋىرىمىز بار. يېقىندا British Journal of Cancer   ژۇرنىلىغا بېسىلغان بىر ماقالىدە 50 ياشتىن تۆۋەن ياللۇغ قايتۇرغۇچ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە ئۇچەي راكىغا گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ نىسبىتى ياللۇغ قايتۇرغۇچ ئىشلەتمەيدىغانلارغا قارىغاندا %50 تېخىمۇ كۆپ بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە.

بۇ تەتقىقات نەتىجىسى جىق ئۇخلاپ باشى ئاغرىسىمۇ، ئازراق ئېگىلىپ بېلى چىم بولاپ كەتسە ئاغرىق توختاتقۇچ ئىچىدىغانلارغا كەلسۇن. Circulation   ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان Edinburg   ئۈنىۋەرسىىتىسى ئىلىپ بارغان تەتقىقات ئەڭ مەسۇم ئاغرىق توختاتقۇچ بولغان Parasetamol  نىڭمۇ قان بىسىمىنى يۈكسەلتىپ پالەچ بولاش خەۋپىنى %20 جىقايتىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا.

كورونا مەزگىلدە ئىنسانلاردا مەيدانغا كەلگەن ئۆلۈم قورقۇشى، قەلبىدىكى ئىلاھنىڭ كۈچىگە - كۈچ قوشۇپ ھەرخىل خۇدا ۋە ئۇسۇللارغا مۇراجات قىلىدىغان مۇرىتلارنى مەيدانغا چىقاردى. ۋىرۇسنى ئۆلتۈرىدىكەن دەپ ئىسپىرت ئىچىپ ئۆلگەنلەرنى، ئاسپىرىن ئىچىپ ئاشقازىنى قانىغانلارنىمۇ سۆزلىسەم، كېسەلگە قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ دەپ ئالتۇندىن قىممەت بولۇپ كەتكەن  ھەرخىل ۋىتامىن ۋە مىللىي تېبابەتنىڭ شەربەتلىرىگىمۇ قاخشىسام؟!  جان ھەلقۇمغا كەلگەندە تۆۋە قىلسا ئىشقا يارىمىغانغا ئوخشاش، Toledo  ئۈنىۋەرسىىتىسىدىكى تەتقىقاتچىلار 26 دىن جىق تەتقىقات ماقالىلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ھەرخىل ۋىتامىنلارنىڭ كورونا سەۋەپلىك ئۆلۈم نىسبىتىنى ئازايتمايدىغانلىقىنى تېپىپ چىقتى. دېمەك قورقۇش ۋە ئاتالمىش ئىلاھلارنىڭ ئەجەلگە پايدىسى يوقمىش.

« ھەر كېسەللىكنىڭ بىر شىپاسى بار» دېگەن سۆز بىر ھەقىقەت - ھىكمەت بولۇپ ، بۇ داۋا ئاللىقانداق دورىلاردا ئەمەس ، بەلكى تەبىئىي يېمەك - ئىچمەك ۋە توغرا ھايات ئەندىزىسىدىن مەيدانغا كەلگەن شىپادىدۇر ! 

1. دورا مۇ؟ ئوغا مۇ؟ 

https://www.hekimizi.com/2021/04/blog-post_08.html

2.زامانىۋى دورا مۇ؟ دورا ئۆسۈملۈكلەر مۇ؟

https://www.hekimizi.com/2021/04/blog-post_15.html

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى