قېرىماسلىقنىڭ دورىسى

قېرىش ئىنسان ھاياتلىق سەپىرىدىكى بىكەتلەردىن بىرى بولۇپ، قېرىش سەۋەپلىك ئىنسانلارنىڭ ئاناتومىيسىدە، فىزىلوگىيسىدە ۋە پىسخولوگىيسىدە  چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. ئىنسان بالىسى قېرىشنى خالىمايدۇ، ئەمما قېرىغانلىقىنىڭ بېشارىتى بولغان ئاق چاچلار، خىرە كۆزلەر، قورۇق باسقان تېرىلەر بىزگە بۇ ھەقىقەتتىن پىچىرلايدۇ، بىز ھېس قىلالمىغان ئىچكى ئەزالىرىمىزنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە بۇزىلىشى بىلەن بىزنى ئۆلۈمگە ھازىرلايدۇ. بىر يازغۇچى دېگەندەك: « ئاق چاچلار، ئۆلۈم بىلەن  ۋەدىلەشمەك، يۈرەككە قويۇلغان دىيەك بۇ تويغا ئۈزۈك تاقاشتۇر».  قېرىلىق كېلىپمۇ ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى پۇرىيالماي، ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلمىغانلارنىڭ سەپىرى مۇشەققەتلىكتۇر. بۇرۇندىن تارتىپ بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانلار، ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشىنى ئېغىر كۆرگەنلەر بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆلمەسلىكنىڭ چارىسى ۋە دورىسىنى تېپىپ چىقىشقا كۆپ تىرىشتى. ئەمما ھەممىسى دېگىدەك قەلبىدىكى بۇ چۇڭقۇر ئۈمىدلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئۈمۈدلەردىن ۋاز كەچمىگەن، ئۇ دۇنياغا ھېچ ئۈمىدى بولمىغان بەزىلىرى بەلكى زامان ۋە پەن- تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ ئۆلۈمنىڭ چارىسى تېپىلىپ قالار ئىشەنچىسى بىلەن ئۆزنى توڭلىتىپ قويماقتا. بۇ ئەقىل ۋە روھ ھالەت بىلەن ئۇلار ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولغانلاردۇر.

ھازىرقى دەۋرىمىزدە كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى تەرەققىي قىلدى، شۇڭا ئۆلمەسلىك ۋە ئۆلۈمگە چارە تېپىشتىن ئىبارەت بۇ ئۆزگەرمەس نەپسىنى بىۋاستە تەلەپپۇز قىلشتىن خىجىل بولدى بولغاي بۇنى تېخىمۇ چىرايلىق بىر شەكىلدە ئىپادىلەش مەقسىتىدە قېرىماسلىقنىڭ يولى ۋە دورىلىرى دەپ ئۆزگەرتمەكتە. بۇنى پەن- تېخنىكىدىن ئىبارەت گۈزەل بوياقلار بىلەن پەردازلاپ، بىر ئىلمىي تەتقىقات تېمىسى سۈپتىدە مۇئامىلە قىلىپ ، بۇنىڭ تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئاغزىغا پاتمايدىغان پۇل- پېچەك خەجلىمەكتە. بۇ قەدەر پۇل ۋە ۋاقىت سەرپ قىلغانلىق سەۋەپلىك كۈندىلىك ھاياتىمىزدا يىڭى يىڭى داۋالاش ئۇسۇللىرى، قېرىماسلىق ۋە گۈزەللەشتۈرۈش تېخنىكىلىرىنى ئۇچۇرتىمىز. بۇلاردىن ئەڭ مودا بولۇۋاتقىنى تېلومېر ئېنزىم بىلەن ئۆمۈرنى ئۇزارتىش.

تېلومېر ئېنزىمى ( Telomerase )  بەدىنىمىزدىكى بۆلىنىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ DNA زەنجىر ئۇچىنى قىسقىراشتىن قوغدايدىغان ئېنزىم بولۇپ، DNA زەنجىر ئۇچىنىڭ قىسقىرىشى تۈپەيلى قېرىش يۈز بېرىدۇ دېگەن ئىلمىي نەتىجىلەرنى چىقىش نوختىسى قىلىپ، بۇ ئېنزىمنىڭ سىرتتىن بېرىلىشى بىلەن ئۆمۈرنى ئۇزارتىش مەقسەت قىلىنماقتا. ئەمما ئىنسان بەدىنىدىكى نۇرغۇن ھۈجەيرىلەرنىڭ قايتا بۆلىنىش ئىقتىدارى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئېنزىم بەلكى بۆلىنىش ئىقتىدارى بولغان ھۈجەيرىلەرنى قېرىشتىن قوغدىغان تەقدىردىمۇ، ئورگانلىرىڭىزنىڭ قېرىشىنى توختىتالمايدۇ. مېدىتسىنادا قېرىشنىڭ سەۋەبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن چىرايلىق نەزەرىيىلەر بولۇپ، بۇلار ئەسلىدە قېرىشنىڭ ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى ئىپادىلىنىش شەكلى. يەنى بۇلار قېرىشنىڭ سەۋەبى ئەمەس، قېرىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. بىز چېچىمىزغا ئاق چۈشكەنلىكى ئۈچۈن قېرىمايمىز، قېرىغانلىقىمىز ئۈچۈن چېچىمىزغا ئاق چۈشىدۇ. شۇڭا چېچىمىزنى قارىغا بوياش ۋەياكى تاز بىشىمىزغا چاچ تىكتۈرۈش بىلەن ياشىرىپ قالمايمىز، پەقەت ئۆز- ئۆزىمىزنى ئالدايمىز خالاس.  

ئەسلىدە قېرىش  بىر نىسپىي ئۇقۇم بولۇپ، پەقەت ياش ۋە قان نەتىجىلىرى بىلەن قېرىشنىڭ يېشىنى ۋە چېكىنى بېكىتىش مۇمكىن ئەمەس.  قېرىلىقنىڭ ئوخشاشمىغان مىللەت، رايون ۋە ئوخشاشمىغان كىشىلەردىكى مەنىسى ۋە ئىپادىلىنىش شەكلىمۇ ئوخشاش ئەمەس.  بىزنىڭ تىببىي ئۇنۋىرستىتىنىڭ داڭلىق بىر يۇرەك- قان تومۇر كېسەللىكى ئوقۇتقۇچىمىز بارئىدى. يېشى 70 تىن ئاشقان بولسىمۇ، قەشقەرلەرگە كېلىپ بىزلەرگە دەرس ئۆتىتى. بىز ياشلار 2 سائەتلىك لېكسىيىسىنى ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ ھېرىپ كېتىتۇق، ئەمما ئۇ ئۆرە تۇرۇپ ھارمايتى. ئۇنى ھەيرانلىق بىلەن كۈزىتەتتىم. تاماكا چەكمەيتى، دورا ئىچمەيتى ، لىفىت ئىشلەتمەيتتى. روھى كۆتۈرەڭگۈ، گەپ- سۆزى خۇش- چاقچاق ئىدى. ئىزچىنىڭ قەلبىدە ئۇ ئەڭ باشتا ئۆز ساغلاملىقىغا ئىگە چىقالىغان ھەققىي بىر دوختۇر ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ھەيران، ئۇ بىزنىڭ خوتەنلىك تاغىمىزغا ھەيرانتى. ئۇ دەرسىدە ھەيرانلىقىنى شۇ سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيتتى : « بىر خوتەنلىك مەي مەي تى  قېشىمغا قان بېسىمىم بار دەپ كەلدى، يېشى 75 ياش بولۇپ ، تېخى يېقىندا كىچىك خوتۇنى ئۇنىڭغا بىر بالا تۇغۇپ بېرىپتۇ.  ساغلاملىق دەپ بۇنى دەيمىز. شۇڭا مەن ئۇنىڭغا سەندىكى قان بېسىمى ئەمەس خان بېسىمى دەپ يولغا سالدىم ». دېمەك ئىنساننىڭ بەدىنى ساغلام، روھى كۆركەم  بولسا، تۇرمۇشى مەنىلىك ، ھاياتى بەركەتلىك بولسا، ئىنساننىڭ يېشى ئىنساننىڭ كىشىلىك تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي غايە يولدىكى توسالغۇ بولۇش كۈچىنى يوقىتىدۇ. يېشى قېرىسىمۇ، يۈركى قېرىمايدۇ، ئۈمىدلىرى يۈرىكىدە قاينايدۇ.

بۇ كۈنلەردە ئىنسانلارنى روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قېرىتىۋاقان ئەڭ مۇھىم ئامىل ناتەبىئىي يېمەك - ئىچمەك، ناتوغرا ھايات پىچىمى ۋە ناخۇش چەشەنچىلىرىدۇر. خوشنامنىڭ 120 يېشىدا ئۆلگەن چوڭ دادىسى ئۆلگەن كۈنى ئادىتى بويۇنچە تىك قامىتى ۋە مەغرۇر قەدىمى بىلەن بازارغا بېرىپتىكەن.  ھەكىم ئىزىدا تەكىتلىگىنىمىزدەك ئىنساننىڭ ئۆلۈشى ئۈچۈن چوقۇم كېسەل بولىشى شەرت ئەمەس. دادىسى 80 ياشتا تېخىچە بىر كېسلى يوق بولۇپ تالادىن ئۆيگە كىرمەيدىكەن. ئۆزى 50 ياشلاردا قېرىلىقتىن تىك ئولتۇرۇپ، تىك قوپالمايدۇ، تىز قېرىپكەتتۇق دەپ ئۇھ تارتىدۇ.  يىڭى نەسىللەرنىڭ قوسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن، ئەمما ياشلىقى قىسقا.

ئەجىبا قېرىماسلىقنىڭ چارىسى يوقمۇ؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ  دەيدىكى « قېرىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياخشى ئىش قىل ۋە ياخشى گەپ قىل » . ئۇ ۋاقىتلاردىكى يېمەك- ئىچمەكلەر تەبىئىي بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ نۇقتا ئۈستىدە توختالماپتىكەن. ھەكىم ئىزى قېرىماسلىق رىتىسپى سۈپتىدە :« تەبىئىي ئوزۇقلان، تەبىئىيتىڭگە باغلان » نى سۇنىدۇ. ئۆمۈرى نامەلۇم بولغان ئىنساننىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ- قىسقارتىدىغان بىر غايىمىز يوق، مەقسىتىمىز ئىنسان ياشلىقىنى ئۇزارتماق، ھايات ساپاسىنى ئاشۇرماق! 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى