ئۆلۈشتىن ئاۋۋال بىلىۋال

 ھەر نەپىس ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. بۇ ھەقىقەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك ھېكمىتى بولسا بۇ ئۆلۈمنى قاچان ۋە نەرىدە تېتىيدىغانلىقىمىزنى بىلمەسلىكىمىزدۇر. بۇ ئۇچۇرلار خۇددى نەرىدە، قايسى مىللەت، قانداق بىر جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتتە ئاپىرىدە بولىشىمىزنى بىلمىگەن، تاللاش ھوقوقىمىز بولمىغان بىر شەكىلدە بۇ دۇنياغا تۇغۇلغانغا ئوخشاش بىر سىر سۈپتىدە شۇ ئاخىرقى تېنىقىمىزغىچە بىزگە ھەمرا بولىدۇ. بۇ سىرنىڭ ھېكمىتى ۋە نېمىتى ھەركىمنىڭ تەپەككۈرىگە ھاۋالە قىلىنغان. بۇ ھەقىقەتنى ئۇنتۇپ، ھاياتنىڭ غايىسىدىن ۋە مەنىسىدىن بىخەۋەر ياشاۋاتقانلار ئەسلىدە ئۆلۈپ بولغانلار بولۇپ بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ خەۋىرى يوق. ئۆلۈم ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىتى ئۈستىدە ئويلانمىغان، تەييارلىق قىلمىغان ئىنسانغا ئۆلۈم ئۆزىنى ئۇنۇتتۇرىدۇ. ئۆلۈمنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان پەيتتىمۇ نەتىجە ئۆزگەرمەيدۇ. قان راكى بۆلۈمىدە تەلىم- تەربىيىمىز داۋام قىلىۋاتقان مەزگىللەر...  قان راكى بىلەن بىر قانچە كۇرۇس خىمىيىلىك داۋالاشنى تۈگىتىپ يىڭى داۋالاش كۇرسىنى ئىلىشقا ھازىرلىنىۋاتقان بىر تاغىمىز، ماڭا ئۆزىنىڭ ھال- ئوقىتىنى ئاڭلىتىپ، بىر قانچە يەردە ئۆيى ۋە مۈلكى بارلىقىنى ئاجايىپ مەغرۇر بىر شەكىلدە ئېيتىپ بەرگەنتى. شۇ كۈنى ئاخشام ئەھۋالى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئەتىسى ئىشقا بارغاندا ئاڭلاپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن بەك ئۆلۈمىنى ھېس قىلالمىغانلىقىغا ئەپسۇسلانغان ئىدىم. بىر ياتاقتىكى ياش ئاكىمىز ئۇ كۈنكى سۆھبەتتىن مەمنۇن بولمىدى بولغاي، « بۇ ئادەم تېخى تۈنۈگۈن بايلىقىنى كۆز- كۆز قىلۋاتقانتى، مانا بۈگۈن ئۆزى يوق » دەپ ئىبرەتلىك سۆزلەرنى تىلغا كەلتۈرگەنىدى. ئۇنىڭ ئەتىسى ئۇ ئاكىمىزنىڭمۇ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى مىنىڭ ئەقلى ھوشۇمنى مەندىن ئالغان ئېدى...؟؟!!

ئۆلۈمنىڭ، ئىككىنچى بىر پۇرسەت بېرىلمەيدىغان، تولۇقلىما ئىمتىھانى بولمىغان بىر ئىمتىھان ئىكەنلىكىنى « ئەڭ ئېغىر روھ كېسەللىكى -  ئۆلۈمدىن قورقماسلىق»1 تېمىسىدىكى ماقالىمىزدە دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئۇنداقتا بۇ ئىمتىھانغا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟ ئەجىبا بۇ ئىمتىھان ئۈستىدە ئويلىنىپ تەييارلىق قىلىۋاتقانلار بارمىدۇ؟ بار بولسا ئۇلارنىڭ بەزى تەييارلىق قىلىش ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشىمىز مۇمكىن مۇ؟ ئىزچى ئۇچراشقان ياشقا چوڭ كېسەللەرنىڭ جىقى « بۇ دۇنيا قۇرۇق، يالغان دۇنيا» دېگەن ھەقىقەتنى بايان قىلتىيۇ لېكىن « بۇ ھاياتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقماي قالدىم  » دېگەندەك سۆزلىرىدىن سوئاللىرىغا قايىل قىلارلىق جاۋاپ ئالالمايتتى. يېقىندا ئوقۇغان Dr john izzo  يازغان « ئۆلۈمدىن ئاۋۋال بايقىشىڭىز كېرەككەن بەش سىر» ( The five secrets you must discover before you die ) كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بەزى سۇئاللىرىنىڭ جاۋابىنى تاپقان ئىدى.

بۇ كىتابنىڭ ئەڭ دىققىتىمنى تارتقان تەرىپى، بىزگە مېدىتسىنادا ئاشىنا بولغان ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى بىلەن ئىلىپ بېرىلغان  بىر سۇئال- جاۋاپ تەتقىقات نەتىجىسىنى يازغۇچىنىڭ بىر پوپ، جەمئىيەتشۇناس ۋە پىسخولوگ كۆزى بىلەن كۆزىتىپ ئوقۇرمەنلەرگە ئاددىي ۋە ئۈنۈملۈك بىر رېتسىپ سۇنغانلىقىدۇر. بۇ تەتقىقاتقا باشقىلار تەرىپىدىن دانا دەپ كۆرسىتىلگەن، ئۆزىنىڭ ھايات پوزىتسىيىسى بىلەن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارغا مۇسبەت ئېنېرگىيە بەخش ئەتكەن، ھاياتنىڭ غايىسى ۋە تۇرمۇشنىڭ مەنىسىنى تونۇپ يىتىپ ھاياتىغا بىرلەشتۈرەلىگەن 1000 ئىنسان ئىچىدىن تاللانغان 235 كىشى قاتناشقان بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇشال ھاياتنىڭ فورمۇلاسى سۈپتىدە بۇ بەش سىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلارنىڭ ئوتتۇرچە يېشى 89- 60 ئارىسىدا بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئوخشاشمىغان ئىجتىمائىي قاتلىمىدىن، ئوخشاشمىغان دىن ، ئوخشاشمىغان ئېرىققا مەنسۇپ كىشىلەردىن تەشكىل تاپماقتا. بۇلار بىلەن تەتقىقاتتىن ئاۋۋال بېكىتىلگەن 14 سوئالنى چۆرىدىگەن ئاساستا 3-2 سائەت سۆھبەت ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ، گەرچە پەرقلىق كەلىمىلەر ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ بەش نۇقتىدا ئورتاق پىكىرگە ساھىب ئىدى، ھەممىسى بۇ بەش رېتسىپنىڭ تۇرمۇشىدىكى روھى ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىغا شاھىت ئىدى. ئەجىبا بۇ بەش سىر، بۇ بەش مۇجىزە خاراكتېرلىك دورا نېمە ئىدى ؟

1. ئۆزەڭگە قارتا دۇرست بول. سەن پۈتۈن ئارتۇقچىلىقىڭ ۋە كەمچىللىكىڭ بىلەن ئايرىم بىر دۇنياسەن. سىنىڭ ھاياتىڭ، تۇرمۇشىڭ، بۇ دۇنيادىكى ئالىدىغان رولاڭ باشقىلاردىن پەرقلىق. باشقىلارنىڭ بادام دوپپىسى ساڭا يا چوڭ يا كىچىك كېلىشى مۇمكىن. مۇھىم بولغان ساڭا ماس كىلىدىغان، بېشىڭدىن چۈشۈپ قالمايدىغان شاپاق دوپپاڭنىڭ بولىشىدۇر. باشقىلارغا ئوخشاش ياشايمەن، باشقىلار ئۈچۈن ياشايمەن دەپ ئۆز ھاياتىڭدىن ۋاز كەچمە. سىنىڭ تۇرمۇشىڭنى مەنىلىك قىلغان نەرسە ئاددىي بولسىمۇ، خاسلىقىڭدۇر.

2. پۇشمان بولما. بەلكىم بەزى ئالغان قارارلىرىڭ خاتا بولغان بولىشى، ساڭا خۇشاللىق ئاتا قىلمىغان بولىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەپلىك بىر ئۆمۈر ئۆتمۈشنىڭ كۆلەڭگىسىدە ياشاش ھاياتىڭغا قاراڭغۇلۇقتىن باشقا بىر نەرسە ئىلىپ كەلمەيدۇ. تەپەككۈر قىل، غايىلىرىڭنى كۆزدىن كەچۈر. بەلكىم غايىلىرىڭ ھەقىقىي خۇشاللىقتىن يوقسۇل بولىشى مۇمكىن. تەجرىبە- ساۋاقلارنى يەكۈنلە، بۇندىن كېيىن پۇشايمان بولمايدىغان قەدەملەرنى تاشلا.

3. سۆيگۈ.  سۆيگۈ- مۇھەببەت بۇ ھاياتلىق بوستانلىقنىڭ قۇياشى. ئەڭ ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ياخشى كۆرۈشتىن باشلاپ، ئائىلەڭ، جەمئىيەت، ۋەتەن ۋە پۈتۈن كائىناتقا مېھرى- مۇھەببەت بىلەن يېقىنلاش. سۆيگۈ ساڭا دۈشمەنلىرىڭنىڭ قەلب ئىشكىنىمۇ ئاچىدىغان بىر ئاچقۇچ بېرىشكە قادىر. 

4. شۇئاننى ياشا. تۈنۈگۈن قولۇڭدىن قاچتى، ئەتە سەندىن ئۇزاق. قولۇڭدىكى بولسا پەقەت شۇ پەيت. تۈنۈگۈن بىلەن، ئەتىدىكى خىياللار بىلەن شۇ پەيتنىڭ پەيزىنى قاچۇرما. بۇ ھايات نۇرغۇنلىغان مەنىلىك پەيتلەرنىڭ ، مىنۇتلارنىڭ يىغىندىسى. مىنۇتلارنى ئىسراپ قىلغان، يىللارنى قۇربان قىلىدۇ.

5. ئالغىنىڭدىن جىق بەر. ئەگەر سەن ھاياتتا بولساڭ، نەپەس ئىلىۋاتقان، يۈرىكىڭ سوقۇۋاتقان بولسا دېمەك ھايات ساڭا ئاز- كۆپ بىر نەرسىلەر بېرىپتۇ دېمەك. باشقىلارغا ياردەم قىلىشتا، سۆيگۈ بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا، خۇش چىراي ئېچىشتا مەرت بول. سەن بەرگەنسىرى تېخىمۇ كۆپ ئىلىشقا ھەققىڭ بولىدۇ.

بۇلار ئەسلىدە بىز ئۈچۈن ھىچ ناتونۇش سىرلار ئەمەس. ئۈستىلىك بىز ئۆسۈپ يېتىلگەن مەدەنىيەت، مەنىۋى ئىقلىم بۇ ھەقىقەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقان، بىز ئۈچۈن بۇ تەتقىقاتتىكىدەك پەقەت بۇ دۇنيا خۇشاللىقى ئەمەس ئۇ دۇنيا خۇشاللىقى ئۈچۈنمۇ رېتسىپلار سۇنغان. مەسىلە بۇلارنى تەپەككۈر قىلشتا، بۇلارنى ئەمەلىي ھاياتقا تەدبىق قىلىشتا. Dr izzo ئېيتقاندەك بۇلارنىڭ سىر بولۇپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى بۇلارنىڭ ھاياتىمىزدىن ئۇزاق، تۇرمۇشىمىزدىن يىراق بولۇشىدا.


1  . ئەڭ ئېغىر روھ كېسەللىكى - ئۆلۈمدىن قورقماسلىق: 
  

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى