سۈنئىي گۆش ساغلاملىققا ئېتىلغان مۇش

گۆش ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇزۇقلۇق مەنبەسىدىن بىرى بولۇپ، بەدىنىمىزنىڭ، پىسخىكىمىزنىڭ نورمال يېتىلىشى، نورمال ھالىتىنى ساقلاپ قىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلارنى بەدىنىمىز تەلەپ قىلغان ئۆلچەمدە ئۆز ئىچىدە توپلىماقتا.  گۆشنىڭ تەركىبىدىكى سىنىك ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنى كۈچلەندۈرسە، ۋىتامىن ب 12 بولسا نىرىپ ۋە قان سىستېمىمىزنىڭ نورمال قۇنكىسىيسى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئېلىمىنت. بۇ سەۋەپلىك گۆش بىزنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدىنىيتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، قوي- كالىلار ھاياتىمىزنىڭ يېقىن دوستلىرى بولۇپ كەلدى. بەزەن مۇلايىملىقىمىز ۋە يۇمشاقىلىقىمىز قوي گۆشى يىگەنلىكىمىزگە باغلىنىپ مەسئۇلىيەتنى بىچارە قويغا ئاتىپ قويغان بولساقمۇ، ئەمما گۆشخور تەبىئىيتىمىز ھىچ ئۆزگەرمىدى ۋە ئۆزگەرمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى مىجەزىمىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىش ئۈچۈن كالا گۆشنى سىناپ كۆرۈپ بېقىشقا پۇرسىتىمىز، ئۇنىڭ پىسخىكىمىزدىكى ئۆزگىرىشنى كۆزتىپ بېقىشقا زامانىمىز قالمايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى دۇنيا يەرشارىنىڭ ئېسىپ كېتىشىنى بىچارە كالىلارغا ئارتىپ، ئۇنىڭ يېرىگە سۈنئىي گۆشلارنى بازارغا سېلىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە.

سۈنئىي گۆش كالىنىڭ مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنى تەجرىبىخاندا، ھەرخىل مىنىرال ۋە ۋىتامىنلار قېتىلغان يوسۇندەك ئۆستۈرگۈچ ( culture media ) ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ۋە جېقىيىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلماقتا. بۇ پىكىر 1950- يىللاردا گوللاندىيىلىك تەتقىقاتچى willem van Eelen  تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا ئېتىلغان بولۇپ، تۇنجى سۈنئىي خانبۇرگەر كالا گۆشى قىيمىسى 2013- يىلى Mark port   تەرىپىدىن  Maastricht ئۈنىۋىرىستىيسىدە ئىشلەپ چىقىرىلدى. بۇ تۇنجى سۈنئىي كالا گۆشى 20000 دىن كۆپ ئىنچىكە مۇسكۇل تالاسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، 2 يىللىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا 330000 دوللار خەجلەنگەن.  شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ساھە نۇرغۇن شىركەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى ۋە ئىشتىھاسىنى تارتقان بولۇپ، يىڭى يىڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ سۈنئىي گۆشنىڭ تەننەرخىنى ئازايتىش ۋە توخۇ، بېلىق قاتارلىق باشقا سۈنئىي گۆش تۈرلەرنى كەشىپ قىلىش كويىغا چۈشتى. بۇ تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئىنسان ئاغزىغا پاتمايدىغان پۇللار خەجلەنمەكتە. بۇ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىدە 2020 يىلى تۇنجى تىجارىي سۈنئىي كالا گۆشى سىنگاپور رىستۇرانلىرىدا خېرىدارلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.  شۇئان بۇ گۆشنىڭ تەننەرخى 3000-2000 دوللار ئەتىراپىدا بولۇپ 2030 -يىللارغا قەدەر كىلوسىنى 6-5 دوللارلارغا چۈشۈرۈش پىلانلانماقتا.

بۇ بازارنىڭ ئىچىلىشى ئۈچۈن گۆش ۋە ياغ ئىنساندا قان- تومۇر كېسەللىكلىرىگە سەۋەب بولىدۇ، كاۋاپ ئىنساندا راك پەيدا قىلىدۇ دەپ بېقىلدى ، ئەمما بۇلارنىڭ ئىلمىي ئاساسىي يوقلۇقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، يەر شارىنىڭ ئېسىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى كالىلارنىڭ چىقارغان مىتان گازىغا باغلىماقتا. يەرشارىنىڭ تېرىسى - ئوزون قاتلىمى1 تىمىسىدىكى ماقالىمىزدە قەيت قىلىپ ئۆتكەندەك ئوزون قاتلىمىنى شالاڭلىشىشى ۋە يەر شارىنىڭ ئېسىپ كىتىشىدە توڭلاتقۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئەتىر قاتارلىقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىشلىتىلىدىغان Chloroflurocarbons ( CFCs ) ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابىدا ئىشلىتىلدىغان Halogen  ۋە يېزا ئىگىلىكىدە ھاشارەت دورىسى سۈپتىدە ئىشلىتىلدىغان Metil bromid مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، كالىلارنىڭ چىقارغان مىتان گازىنىڭ بۇنىڭغا تەسىرى %3-2 لىك بىر قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ. دېمەك بۇ دەلىللەرنىڭ ئىنسانلارنى قايىل قىلىشقا يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى بولغاي، شۇتاپ، سۈنئىي گۆشىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئاچارچىلىققا چارە بولىدىغانلىقىنى، سالامەتلىككە زىينىنىڭ تېخىمۇ ئاز بولىدىغانلىقى، تېخىمۇ ئاز يەر، ئېنېرگىيە، سۇ كېتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر مۇنچە كوزۇرلارنى ئوتتۇرىغا ئاتماقتا.

سۈنئىي گۆش قەقىقەتەن ئوزۇقلۇق قەھەتچىلىكىگە چارە بولارمۇ؟ بۇ ھېكايىلەرنى گېنى ئۆزگەرتىلگەن قوناق، گۇرۇچ قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بازارغا سېلىنىشىنىڭ ئالدىدا كۆپ ئاڭلىغان ئىدۇق. ئامما شۇتاپتا بۇ تېخنىكا ۋە سۇنئىي ئۇرۇقلارنى مونوپۇل قىلىۋالغان بىر قىسىم شىركەتلەر دۇنياغا توننىلاپ ئاشلىق سېتىپ دۇنيانىڭ پۇلىنى تاپماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن ، ھەر كۈن 27000 كىشى ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە. ھېچقانداق ئىرقى، سىياسى، پىكىرى كىملىكى بولمىغان شۇ نارسىدە بالىلاردىن ھەر 10 سېكۇنتتا بىر بالا ئاچلىقتىن ھاياتقا كۆز يۇمماقتا. ئاچارچىلىقنىڭ سەۋەبى نوپۇس جىقلىقىدىن ئەمەس ئىنساپ ئازلىقىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن سۈنئىي گۆشلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە چارە بولۇشىغا ئىنسانىيەتنى ئىشەندۈرۈش تەس. تېخى تۈگىمىگەن كورونادىن ئىبارەت بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكتىن ئىنسان ھاياتى بىۋاستە تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان پەيىتتە، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغان شىركەتلەر دۇنيانىڭ ۋاكسىنا پاتېنتىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلىشتىن ئىبارەت تەلەپلىرىگە ھەرخىل باھانىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ دېگىنىنى قىلدى، شىركەتنىڭ يانچۇقى چۈشىدە كۆرۈپ باقمىغان پايدىلار بىلەن تولدى. بۇنداق تۇرۇقلۇق بىز يەنە ئۇلارغا قانداق ئىشىنىمىز؟

ھازىرقى باقمىچىلىقتا ئىشلىتىلۋاتقان سۈنئىي يەملەر، ھورمونلار،  ياللۇغ قايتۇرغۇچلارنىڭ ئىنسان بەدىنىگە زىيان ئىلىپ كېلىدىغانلىقى توغرا، ئەمما يېمەك- ئىچمەك پەلسەپىسى تەبىئىييىمەكىزىم بولغان ھەكىم ئىزىدىكىلەرنى قايىل قىلىش  ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەب ئەمەس. ئەجىبا سۈنئىي گۆشنىڭ ساغلاملىققا زىيىنى يوقمۇدۇ؟ بۇنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر تەتقىقات نەتىجىسى يوق تۇرۇپ بۇلارنى بازارغا سىلىش ۋە ئېلانىنى بېرىش نەقەدەر ئىلمىيلىككە ئۇيغۇن، ئىلىم- پەنگە ھۆرمەت؟ سۈنئىي گۆشنىڭ ئىنسان بەدىنىگە بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىدىغان، ئەركىن، مۇستەقىل تەتقىقاتلارنىڭ ئىلىپ بىرلىشى بۇ شىركەتلەرنىڭ ياردىمى بولماي تۇرۇپ ئىلىنىپ بېرىلىشى مۇمكىنمىدۇ؟ سۈنئىي گۆشلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرلىشىندا گېن تېخنىكىسى ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى بايان قىلماقتا، ئەمما بۇندىن كېيىنمۇ ئىشلەتمەيدىغانلىقىغا ۋەدە قىلالماغلىق. چۈنكى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەننەرخىنى چۈشۈرۈش گېن تېخنىكىسى ئىشلەتمەي تۇرۇپ قانداق مۇمكىن بولسۇن.  بەزى ئىلىم- پەن ئەربابلىرى سۈنئىي گۆشنىڭ راك پەيدا قىلىش، سېمىزلىككە يول ئېچىشتەك ئەكىس تەسىرنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا.

بىز ئۈچۈن بۇ دەتالاشنىڭ ئىچىدىن چىقماق ناھايىتى ئاسان. بۇ گۆش سۈنئىي بولغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئىي بولمىغانلىقى ئۈچۈن، « سۈنئىي گۆش ساغلاملىققا ئېتىلغان مۇش» دەيمىز، ئىش پۈتتى ۋەسسالام! 

1. يەرشارىنىڭ تېرىسى - ئوزون قاتلىمى:

https://www.hekimizi.com/2021/10/blog-post.html

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى