ئىقلىم سىقىلدى، ساقلىق بوغۇلدى

 دۇنيا ئىقلىم ئۆزگىرىشىنىڭ دەھشەتلىك نەتىجىلىرىنى كۆزى كۆرۈپ تۇرۇپ،  ئىقلىمنىڭ ئىچىنىڭ ئاجايىپ سىقىلغانلىقىنى بىر تۈرلۈك تونۇپ يىتەلمەيۋاتقان بىر پەيىتتە، كانادادىكى Meritt   ئىسىمىدىكى بىر دوختۇر ئىقلىم ئۆزگىرىشىنىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا ئېغىر خەۋىپلەرنى ئېلىپ كېلىپ بىز بىلمەيدىغان كېسەللەرگە ۋە شىكايەتلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەچكە، يېقىندا نەپەس قىيىنلىقى بىلەن كەلگەن بىر بىمارغا دۇنيادا تۇنجى قېتىم « ئىقلىم ئۆزگىرىشى »  دىئاگنوزنى قويدى. ئۆپكە ياللۇغى،  يۈرەك زەئىپلىكى ، زىققا ئەمەس، ئىقلىم ئۆزگىرىشى. ئىقلىم ئۆزگەردى دېمەك، بىزنىڭ ھاياتىمىز ۋە ساقلىقىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان شەرتلەر ئۆزگەردى دېمەك. چۈنكى  نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى تەبىئەت بىلەن ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەردەك  ياشاپ ، ئىقلىمنىڭ خۇي- پەيلىگە قارتا ماكان، تۇرمۇش، بەدەن ۋە مەدەنىيەت بەرپا قىلغان ئىنسانلارنىڭ بۇ ئۆزگىرىشىگە قىسا ۋاقىتتا كۆنەلىشى ، بەدىنىنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا نەتىجە كېسەللىك ۋە پالاكەتتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.

ھەكىم ئىزىغا تۇنجى قەدىمىمىزنى ئاتقان چېغىمىزدا ، « ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى » دېگەن ماقالىمىزدە قەيت قىلىپ ئۆتكەندەك يەر شارىدىكى بۇ ئائىلىدە پۈتۈن جانلىق ۋە جانسىز شەيئىلەر بىر بىرىمىزگە ئۇ قەدەر مۇھتاج ۋە چەمبەرچەس باغلانغان شەكىلدە يارىتىلغان بولۇپ، بۇ ئائىلىدىكى ھەر قانداق بىر ئەزانىڭ ساغلاملىقى مەيلى ئۇ بىر ئىنسان، بىر ھايۋان، بىر كۆكتات ۋەياكى بىر ھاشارەت بولسۇن مەيلى ئۇ قارا تۇپراق، سۇ، ھاۋا، كۆل- دەريا بولسۇن پۈتۈن ئائىلىنىڭ ساغلاملىقىغا، خۇشاللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ھەقىقىي ساغلاملىق بىر كىشىنىڭ، بىر ئەزانىڭ ئەمەس پۈتۈن ئائىلىنىڭ، پۈتۈن سىستېمىنىڭ ساغلاملىقىدۇر.  شۇئان بىز تەبىئەتنى كېسەل قىلدۇق. ئىقلىم ئۆزگىرىشى ۋە بۇ سەۋەپلىك مەيدانغا كەلگەن ھەرخىل پالاكەتلەر تەبىئەتتىن ئىبارەت بىزگە ئوخشاش جانلىق ئورگانىزمنىڭ كېسەللىككە كۆرسەتكەن بىئارامسىزلىقلىرى ۋە شىكايەتلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. يەرشارى ئىسسىش بىلەن قىزىتمىسى 38 گىرادۇس بولغان بولسا ، ئورمان ئوت ئاپەتلىرى بىلەن 42 گرادۇسقا چىقماقتا. بۇ قىزىتمىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن  سوغاق ھۆل لوڭگىدەك  ئانتاراكتىكادىكى مۇز پارچىلىرى ئېرىسە، مەيدانغا كەلگەن سەللەر سوغۇق سۇ مۇنچىسىغا چۈشۈرمەكتە. بۇرۇن  ۋە نەپەس يوللاردىكى تۈكلەر مىسالى ئورمانلار بولمىغاچقا مىكروبلار ئۆپكە- كانايلىرىغا قەدەر تەسىر قىلدى بولغاي توپا يۆتىلىپ، قۇم تۈكۈرمەكتە. چىقىۋاتقان شىۋىرغانلار ۋە قۇيۇنلار بىتاب تەبىئەتنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ بەلغەملىرىنى چىقىرىشقا ياردەم قىلماقتا. ياشقا چوڭ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى زەئىپ بولغان تەبىئەتنىڭ ، مىكروبى ۋە زەھىرى كۈچلۈك بولغان بۇ ياللۇغىنى يىڭەلىشى تەس، ئۆلۈم نىسبىتى يۇقىرى كۆرۈنمەكتە.

ئىقلىم ئۆزگىرىشىنىڭ ساغلاملىقىمىزغا بولغان تەسىرنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنى  بەلگىلەيدىغان ئۇنسۇرلار كۆپ بولۇپ، بۇلاردىن ياشاۋاتقان جۇغراپىيلىك بۆلگە، ياش، نورمال ساغلاملىق ساپا، ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي سەۋىيە ۋە ياشاۋاتقان رايونلاردىكى ساغلامىلىق ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئېرىشىش پۇرسىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا ئاساسەن ئىنسانلار ئوخشاش بولمىغان تەبىئىي ئاپەتتىن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە نېسىۋىسىنى ئالماقتا. بۇرۇن 30-20 يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان بالايۇ- ئاپەتلەرنىڭ ھەريلى كۆرۈلىشى ۋە بۇنىڭغا بىر چارە تاپالماسلىق سەۋەبلىك، ئىنسانلار ئۆز يۇرت- ماكانلىرىنى تاشلاپ باشقا يەرلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولماقتا. بوران ئۇچۇرغان غازاڭدەك تەقدىرنىڭ شامالىلىرىغا قوشۇلۇپ، كۆچمەن شارپىسىنى يۆگەپ، ناتونۇش يەرلەرگە سەرگەردان بولۇشقا رازى بولماقتا. ئىشنىڭ چاتاق يىرى ئىنسانچە ياشاشقا لايىق يەرلەرنىڭ كۆلىمى كىچىكلەپ، كۆچمەنلەرنىڭ سانى كۈنسىرى جىقايماقتا. بۇنداق بولغاچقا بەزىلەرنىڭ بىردىن بىر چارىسى ئۇ دۇنياغا كۆچۈش بولماقتا. 

ئىقلىم ئۆزگىرىشىنىڭ ساغلاملىقىمىزغا بولغان تەسىرى كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، بەزى تەسىرىنى بىۋاستە ھېس قىلالىغان بىلەن بەزىلىرىنى يىللار ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن ھېس قىلالايمىز. NASA  نىڭ ھېساپلاشلىرىغا ئاساسەن دۇنيانىڭ تىمپۇراتۇرىسى 1880 - يىلىدىن بىرى 1 گىرادۇس يۈكسەلگەن بولۇپ، بۇ ئىسسىشنىڭ يېرىمىدىن كۆپى 1975 -يىلدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن.  يەر شارىنىڭ ئىسسىشى تۈپەيلى قان بېسىمى ، يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرى بار بولغان كېسەللەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۈكسەلمەكتە. بۇ ئىسسىش تۈپەيلى بەزى دورىلارنىڭ تەسىرى كۈچى ئاجىزلىسا، بەزى دورىلارنىڭ بەدىنىمىزگە ئىلىپ كىلىدىغان ئەكسى تەسىرى ئارتماقتا.  ئىقلىم ئۆزگىرىشى تۈپەيلى مەيدانغا كېلىۋاتقان سەل ، قۇيۇن، ئوت ئاپەتلىرى تۈپەيلى ئىنسان ساغلاملىقى ۋە ھاياتى بىۋاستە تەسىرگە ئۇچۇرماقتا. كېسەل توشۇغۇچى بولغان پاشا، چىۋىن ۋە ياۋايى جانلىقلارنىڭ ھايات چەمبىرىكى ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ئۆزگەرگەنلىكى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ ئىنسان بەدىنىگە تارقىتىدىغان ۋىرۇس، باكتېرىيە، پارازىت ۋە زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تۇرى ۋە سانى كۆپەيمەكتە. دۇنيا ئۇ قەدەر تەرەققىي  قىلدىكى ئەڭ ئىپتىدائى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىدىن مىليونلىغان ئىنسان قۇربان بولماقتا. يىغىۋاتقان توپا، چىقىۋاتقان قۇم بوران، كىرلىنىۋاتقان ھاۋا تۈپەيلى بوۋاقلار تۇغۇلۇشىدىن زىققا ۋە باشقا ئاللېرگىيىلىك كېسەللەرگە مۇپتىلا بولماقتا. ئاسماننىڭ ئوزون قاتلىمى شالاڭلاپ ، قوڭى يىرىلىپ كەتكەچكە زىيانلىق نۇر ۋە رادىئاتسىيە تۈپەيلى تېرىمىز كۆيۈپ كاۋاپ- راك بولماقتا.  بۇ ئەھۋاللارنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچراپ بەدىنى ساق قالغانلارنىڭ ئايرىلىپ قالغان يىقىنلىرىغا قاراپ روھى بىتاب بولماقتا.

تەبىئەت ئانىنىڭ بۇ سۆرۈن تەلەتىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن بالىلىرىمىز ئۆز ئانىسىغا « مىنى نېمىشقىمۇ تۇغقان بولغىيتىڭ؟» دەپ ئىسيان قىلىشتىن ئاۋۋال، ئۇلارغا ياشىغۇدەك بىر يەر قالدۇرۇپ قوياش ئۈچۈن، تەبىئەتنى قوغدايلى، ئىقلىمنىڭ ئىچىنى سىقمايلى!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى