ئاچلىق ۋە ساغلاملىق

 ئەلمىساقتىن ساغلاملىقنىڭ سىرىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشقان ۋە پۈتۈن ئۆمرىنى بۇ يولدا سەرپ قىلغان  ھەكىملەر ئۇزۇن يىللىق كۈزتىشلەرگە ئاساسەن ئاز يېيىش ۋە ئاچلىقتىن ئىبارەت بۇ قولاي لېكىن ئەڭ ئۈنۈملۈك رېتسىپنى تېپىپ چىققان ئىدى. بۇ تەبئىي شىپانى، لوقمان ھەكىم: « كىمكى كۆپ يېيىشتىن ساقلانسا، كۆپ دورا يېيىشتىن ئازاد بولىدۇ » ، ئارىستوتېل: « غىزايىڭ بولسا گەر يېنىك ۋە لەتىپ، مىزاجىڭ ھېچقاچان بولمىغاي زەئىپ»، ئىبن سىنا: « دوختۇرغا ئېھتىياجىم چۈشمىسۇن دېسەڭ، ئاز يە، ئاز ئۇخلا، ئاز گەپ قىل»، ئائىدىن سالىھ: « شىپا مۇتلەق ئاچلىقتىدۇر» دېگەن سۆزلەر بىلەن بايان قىلغان ئىدى. بۇ ھېكمەتنىڭ تەكتىگە يەتكەنلەر، بۇنى داۋا بىلىپ قوللانغانلار، شىپا نىيىتى بىلەن بۇ تەبىئي دورىنى ئىچكەنلەر ئۆمۈر بويى كېسەللىك ۋە دورىلاردىن ئۇزاق ياشاپ، ساغلاملىق داستانلىرىنى يازغان ئىدى.

ئۇ زاماندىكى پۈتۈن يېمەك- ئىچمەكلەر تەبىئي ، تۇرمۇش  ھەرخىل سۈنئىي ماددىلاردىن خالىي بىر مۇھىتتا ھەكىملەر ئاچلىقنى تەۋسىيە قىلغان  بولۇپ، بۈگۈنكىدەك يېمەك- ئىچمەكلىرىمىز ناتەبىئىي، تۇرۇشىمىز سۈنئىي ماددىلار ۋە ناتوغرا پائالىيەتلەر بىلەن تولغان بىر شارائىتتا بىزنىڭ ئاچلىققا ۋە ئاز يېيىشكە نەقەدەر ئېھتىياجىمىز بار ئىكەنلىكى ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان بىر ھەقىقەت. ئەسلىدە بۇ ھېكمەتلەر، ئەسىرلەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن مۇتلەق توغرىلار بولۇپ، بۇ زامانىۋى تەتقىقاتلار بىلەن ئېرشىشكە، ئىسپاتلاشقا ۋە تېپىشقا تىرىشىۋاتقان توغرىلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىللەردۇر. پەن- تېخنىكلارنىڭ تەرەققىياتى ئەمەلىيەتتە بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ئىسپاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.  بۇ ئاچلىقتىن ئىبارەت بۇ ئاددىي رېتسىپنىڭ تەن ساقلىقىمىزدىكى مۇھىم رولى  2016- يىلى مېدىتسىنا نوبىل مۇكاپاتىغا نائىل بولغان ياپونىيلىك بىئولوگ Yoshinori Ohsumi  ئىسپاتلاپ چىققان « ئۆز- ئۆزىنى يېيىش مىخانىزمى » ( Autophagy) بىلەن تېخىمۇ چۇڭقۇر بىلىنىشكە باشلاندى.

« ئۆز- ئۆزىنى يېيىش مىخانىزمى » ، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ مۇھىم  فۇنكىسىيسىدىن بىرى بولۇپ ، ۋۇجۇدىمىزدا ھەر كۈن ئۆلىدىغان ئونمىڭلارچە ھۈجەيرىلەرنىڭ بىرتەرەپ قىلىنىشى، يېمەڭ- ئىچمەكلەردىن ھاسىل بولغان ئەخلەتلەرنىڭ تازىلىنىشى، بەدىنىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن مىكرۇپلارنىڭ يوقۇتىلىشى قاتارلىق بىر مۇنچە خىزمەتلەرنى جارى قىلدۇرماقتا. تەجرىبىلەردە « ئۆز- ئۆزىنى يېيىش مىخانىزمى »نى تىزگىنلەيدىغان گېنى چىقىرىلىپ تاشلانغان  ھايۋانلاردا مەيدانغا كەلگەن كېسەللىك ئالامەتلىرى پەنشۇناسلارنىڭ بۇ ساھەگە بولغان قىزىقىشىنى ئالاھىدە ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا. « ئۆز- ئۆزىنى يېيىش مىخانىزمى » نىڭ بەدىنىمىزنى  مىكروبسىز ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلاردىن قوغدايدىغانلىقى، ھورمونلاردىكى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ سېمىزلىكنىڭ ۋە قان شېكەرنىڭ ئۈنۈملۈك كونترول بولىدىغانلىقى، راك ۋە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغانلىقى، مەركىزى نېرۋا توقۇلمىلىرىنى قوغداپ دېۋەڭلىك قاتارلىق كېسەللەرگە ئۈمىت بولىدىغانلىقىغا مۇناسۋەتلىك تەتقىقاتلار كەينى- كەينىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلاندى.

12- 24  سائەتلىك ئاچلىق ، تەنھەرىكەت ۋە شېكەردىن ئۇزاق ئوزۇقلىنىش ئىنسان بەدىنىدىكى « ئۆز- ئۆزىنى يېيىش مىخانىزمى »نى غىدىقلايدىغان بولۇپ، بۇ غىدىقلىنىشنىڭ تۈرتكىسىندە ئىنسان بەدىنى توكسىن، ئەخلەتلەردىن پاكىزلىنىپ ساغلام بەدەن، خۇشال روھ ھالىتىگە ئېرىشمەكتە. روزىنىڭ تەبىئىي دورا بولىشىدا ئەسلىدە بۇ مېخانىزم ياتماقتا. « ئۆز- ئۆزىنى يېيىش مىخانىزمى » بىلەن  ۋۇجۇدىمىزدىكى كېتوز( Ketosis ) بىئوخىمىيىلىك رئىاكسيەلىرى ھەرىكەتلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بەدىنىمىز شېكەرنىڭ يېرىگە ياغلارنى ئېنېرگىيە مەنبەسى سۈپتىدە قوللىنىدۇ. ياغلارنىڭ كۆيۈشى بىلەن ھاسىل بولغان كېتونلار بىلەن « ئۆز- ئۆزىنى يېيىش مىخانىزمى » قايتىدىن تەكرار غىدىقلىنىدۇ. بۇ زەنجىرسىمان جەريانلاردىن كىيىن بەدىنىمىزدىكى ئىنسۇلىن ، glucagon ، ghrelin  قاتارلىق ھورمانلارنىڭ سەۋىيىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن ئىنساننىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، ياغلار ئازلاپ، ئورۇقلاش مەيدانغا كېلىدۇ. كېتون مېڭىنىڭ ساپ ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغاچقا، مېڭىمىزنىڭ خىزمەتلىرى جانلىنىپ، ئەقلىمىز تىخىمۇ ئۆتكۈر، پىكرىمىز ئوچۇق، دىققىتىمىز ئۈستۈن، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىمىز تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.

ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ فۇنكىسىيىسىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاچلىقتىن ئىبارەت دەم ئىلىشقا ناھايىتى ئېھتىياجى بار. بىز كۆپ يەپ نەپسىمىزنى توقلىغان بىلەن ئەگەر بۇلار تولۇق ھەزىم بولمىسا، تولۇق پارچىلانمىسا، ھۈجەيرىلەر كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشەلمەي ئاچ قالىدىغان گەپ. يەنى قوساق توق، ئەمما ئەزالارغا ئوزۇق يوق. شۇڭا:

ئاشقازان تاغار ئەمەس تىقىۋەرمە،

ئالدىڭغا نېمە كەلسە يۇتىۋەرمە!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى