ئىقلىم بومبىسى، ئاتوم بومبىسىنىڭ بوۋىسى

ئىلىم- پەننىڭ تەرەققىياتى ، ئىنسان ئەقىل قۇۋۋىتىنىڭ ئىشىشىغا تەتۈر تاناسىپ بىر شەكىلدە تەبىئەتنىڭ ساغلاملىقى كۈنسىرى ئارقىغا چىكىنمەكتە. تەبىئەتنىڭ تەبىئىتى ئۆزگىرىپ ، خىمىيىلىك تەركىبى بۇزۇلۇپ ئىنسان ساقلىقىغا بىر دۈشمەن، ئىنسان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەييار، پارتلاشقا ھازىر بىر بومبىغا ئايلانمىش ۋەزىيەتتە. بۇ بومبا تەبىئەتنىڭ مۇھىم ئۇنسۇرلىرى  بولغان سۇ، تۇپراق، ھاۋا، قۇياش ۋە دېڭىز- ئوكيانلارغا كۆمۈلگەن بولۇپ، ھايات چەمبىرىكى ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ئۆزگەرگەنلىكى تۈپەيلى ۋىرۇس، باكتېرىيە، پارازىت، زەمبۇرۇغ، پاشا، چىۋىن ۋە ياۋايى جانلىقلارنىڭ ھەربىرى بۇ بومبىلارنى ئۈستىگە تاڭغان بىر جىنى بار بومبىغا ئايلانماقتا. بۇ بومبىلار يېقىنقى زامانلاردا ئوخشاشمىغان رايونلاردا، پەرقلىق شەكىلدە ۋە پەرقلىق كۈچ- قۇۋۋەتتە پارتلاپ، نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئاددىي تەبىئەت ھادىسەسى بولماستىن،  ئەسلىدە  بىر تەبىئەت تىرورىزىمىدۇر.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 7- ئاپرىل« دۇنيا سەھىيە كۈنى» ھارپىسىدا  117 دۆلەت ۋە 6000 دىن كۆپ شەھەرنىڭ ھاۋا ساپاسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا دۇنيا نوپۇسىنىڭ %99 تى ساقسىز ھاۋا سۈمۈرمەكتە بولۇپ، ھاۋا تەركىبىدىكى زىيانلىق زەرىچىلەرنىڭ مىقتارى PM 2.5 /PM 10 ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن  بۇ ئون يىلدا 6 ھەسسە كۆپلەپ كەتكەن. يەنى كۆپچىلىكىمىز  ھاۋا ئەمەس تۈتۈن، ئىس سۈمۈرۋاتىمىز دېمەك. ئەڭ تەبىئي ھاياتلىق مەنبەرىمىز بولغان ھاۋا بىر كۆرۈنمەس گاز بومبىسىغا ئايلانغان بولۇپ، دۇنيادا ھەر يىلى ئالدىنى ئالغىلى بولدىغان مۇھىت مەسىلىلىرى تۈپەيلى 13 مىليون ئىنساننىڭ ئۆلۈشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. بۇ بومبىنىڭ باشقا بىر خىل شەكلى بولغان ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى 2003- يىلى ياۋروپادا 70000 دىن كۆپ ئىنساننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغان ئىدى. يەرشارىنىڭ ئىسسىشى تۈپەيلى ھاۋادىكى ئاللېرگىيىلىك ماددىلارنىڭ سەۋىيىسى ئارتىپ ۋە ھاۋادا قىلىش سۈرىسى ئۇزىغانلىقى ئۈچۈن بۇلار قوزغىغان زىققا كېسەللىكلىرى دۇنيادا 300 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسانغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.

دۇنيادا سەل- كەلكۈن ئاپەتلىرى 1960 - يىلدىن بىرى  ئۈچ ھەسسىلەنگەن بولۇپ، بۇلار سەۋەپلىك ھەر يىلى 60000 ئىنسان ئۆلمەكتە. سەل ئاپىتى ئىلىپ كەلگەن ئىچىملىك سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىشى ، پاكىز ئىچىملىك سۇغا ئېرىشىشنىڭ قىيىنلىقى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن ئىچ سۈرۈش ھەر يىلى 5 ياش ئاستىدىكى 500000 سەبىلەرنىڭ جېنىنى ئالماقتا. بۇ ئاپەتلەردە تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئازىيىشى ، ئاپەتلەر تۈپەيلى تېرىلغۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كېمىيىشى سەۋەپلىك ئاچلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك تۈپەيلى ھەريلى ئىنسانلىق چوڭ ئائىلىمىزدىن 3 مىليوندىن كۆپ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىز ئۆلمەكتە.

تەبىئەت ئائىلىمىزنىڭ بىر ئەزاسى، ئىنسانلارنىڭ جان دوستى بولغان ھايۋان ۋە ھاشاراتلارنىڭ ياشاش تىرىتورىيسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىمىز ، ئۇلارنىڭ ياشاش ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلار بومبا تاڭغان دۇشمەنلىرىمىزگە، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا ئەڭ چوڭ خەۋپ ئىلىپ كىلىدىغان مەنبەگە ئايلاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پروگراممىسىنىڭ كۆرسىتىلىشىچە پۈتۈن يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ %75 ى  ياۋايى ھاياتتىن كەلمەكتە. بۇنىڭ ئەڭ ئوچۇق دەلىلى تېخى ئەقىللىرىمىزدىن كۆتۈرۈلمىگەن، ھاياتىمىزدىن يوقىمىغان كورونا ۋىرۇسى يەنى SARS-CoV-2  بولۇپ ھازىرغا قەدەر رەسمىي سان- سىفىرلارغا ئاساسەن 5.5 مىليون ، بەزى قىياسلارغا ئاساسەن 15 مىليون ئىنساننى ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ بىلەن بىر قەبىلىدىن بولغان SARS-CoV-1 ، 2003- يىلى 700  دىن كۆپ، MERS-CoV بولسا 2012  - يىلى 858 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى.  باشقا قەبىلىدىن بولغان ئىسپانىيە زۇكۇمى تۈپەيلى 1919-1918 يىللار ئارىسىدا 50 مىليون ئىنسان ئۆلگەن ئىدى. پاشا ئارقىلىق تارقىلىدىغان بەزگەك كېسىلىنىڭ ( malaria ) ھەر يىلى 400000 دىن ئارتۇق ئىنساننى ئۆلتۈرۈشى داۋام قىلماقتا. 

رادىئاتسىيىنىڭ ساغلاملىقىمىزغا يوشۇرۇن خەۋپ ئىلىپ كېلىدىغانلىقى ، تېرىمىزغا ئوخشاشلا يەرشارىنىڭ تېرىسى بولغان ئوزون قاتلىمى ھاياتلىقنىڭ كاپالىتى، ساغلاملىقىمىزنىڭ قورغىنى، خۇشاللىقىمىزنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى ھەكىم ئىزىدا كۆپ قېتىم تەكىتلەندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پروگراممىسىنىڭ قىياسىغا ئاساسلانغاندا ئوزون قاتلىمىدا مەيدانغا كەلگەن %10شالاڭلىشىش ھەر يىل 4500   melanoma تېرە راكىغا، 300000 دىن كۆپ باشقا تېرە راكىغا ۋە 1.7 مىليون كۆزىگە ئاق چۈشۈشكە سەۋەب بولماقتا.  يەنە ھەكىم ئىزىدا ، 1945- يىلى 8- ئايدا ياپونىيىنىڭ خروشىما ۋە ناگاساكى ئارىلىغا ئېتىلغان ئاتوم بومبىسى تۈپەيلى رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېيىن بۇ كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنى قاتقاندا 2008 - يىلىغا قەدەر63 يىلدا  جەمئى ئۆلۈم سانى 400000 (خروشىمادا 258310، ناگاساكىدا 145984 ) گە يۈكسەلگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن ئىدۇق.  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھىسابلاشلىرىغا ئاساسلانغاندا ئىقلىم ئۆزگىرىشى يەنى ئىقلىم بومبىسى 2000 - يىلى 150000 ئىنساننىڭ جېنىنى ئالغان بولۇپ 2030- يىلدىن كىيىن ھەر يىل بۇ رەقەم 250000 غا چىقىدىكەن. بۇ كېتىشتە ئىقلىم بومبىسى  63 يىلدا ئوتتۇرچە ھېساب بىلەن ئەڭ ئاز 13000000 ئىنساننىڭ جېنىنى ئالىدۇ دېمەك. قايسى بومبىنىڭ زەربە بېرىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈككەن؟ ئاتوم بومبىسىمۇ، ئىقلىم بومبىسىمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتوم بومبىسى بىرقانچە دۆلەت ۋە سىياسىي لۈكچەكلەرنىڭ قولدا بولغاچقا بۇلارنى باشقۇرۇش ۋە ئالدىنى ئىلىش بىر قەدەر ئاسان. ئامما ئىقلىم بومبىسغا كەلسەك بۇ بومبىغا سەۋەبچى بولىۋاتقان 8 مىليارد ئىنسان بۇياقتا تۇرسۇن 8 ئىنساننىڭ  ھايات ئېڭىنى ئۆزگەرتمەك، تۇرمۇش شەكلىنى تۈزۈتمەك ئىزچى دېگەندەك ئاتوم بومبىسىنىڭ دادىسى بولغان ھېدروگىن بومبىسىنى پارتىلاتماقتىنمۇ تەس.  بەس! ئىنسان ئۇيقۇڭ يېتەر شۇئارىمىز ئالدىمىزدىكى ماقالىدە. 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى