تەبىئەت بىمار، قايدا دوختۇر؟

تەبىئەت ئەلمىساقتىن پۈتۈن ئېلېمىنتلىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ بۈيۈك شىپاخانىسى ئىدى. ئىنسان بەدەن ۋە روھىنى بىر تەرەپتىن تەبىئىي ئوزۇق ۋە ساپ ھاۋاسى بىلەن ئوزۇقلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەبىئىي ئوت- چۆپ، دورا- دەرمەكلىرى بىلەن دەردلەرگە داۋا، كېسەللەرگە شىپا ئىدى. ئەمدىلەردە كېسەل ئازغۇنلۇشۇپ دوختۇرغا تىغ كۆتۈرۈپ ئۇلارنى كېسەل قىلغانغا ئوخشاش، ئىنسانلارمۇ ساراڭلارچە ئۆز قولى بىلەن بۇ شىپاخانىنى بۇزۇپ چىقىپ، ئورنىغا ئىچى شىپا ئەمەس كېسەللىكلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بىمارخانەلەر سالماقتا. بىمارلارنى ياتاققا چۈشۈرگەن مىكروب مىسالى، ئىنسانلار تەبىئەت ياللۇغىغا سەۋەبچى بولىۋاتقان ئەڭ چوڭ ۋىرۇس. پەقەت شەخسىي مەنپەتنى ئۈچۈن ئورمانلارنى ئۆلتۈرۈپ، تۇپراقلارنى زەھەرلەپ، دېڭىز- ئوكيانلارنى بۇلغاپ، ھايۋانلارنى قانلىق قولى بىلەن بوغۇۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلار بۇ تەبىئەت تىرورىزىمىنىڭ باش تىرورىستى. ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز شەكىلدە بۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغان، ئاغزىدىن چىققان ئەپسۇنلارغا مەس بولۇپ پەسلىشىۋاتقانلارمۇ ئۇلارنىڭ قول- چوماقچىلىرى ۋە شايكىلىرىدۇر.

تەبىئەت شۇئان ئېغىر بىتاب. ئەگەر ئىنسانلار شەپكىسىنى ئالدىغا قويۇپ ئوبدان ئويلانمىسا، كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ ئۇيقۇسىدىن ئويغانمىسا، تەبىئەتنىڭ ئىشى چاتاق، ئۇزاق قالماي كانىيىغا شىلانكا تىقىلغان ۋەزىيەتتە ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە كىرىپ قىلىشى مۇتلەق.  يۇقىردا دەپ ئۆتۈلگەندەك كېسەللىكنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ ياخشى دوختۇر يەنىلا ئۆزىمىز. ھەرگىز مەن بىر كىشى نېمە قىلالايتتىم دەپ ئۈمىدسىزلىك بىلەن مەسئۇلىيەتتىن قاچمايلى. ئادەم بەدىنى ئۇ قەدەر كىچىك ھۈجەيرىلەردىن مەيدانغا كەلگەندەك، جەمئىيەتمۇ ھەربىرىمىزنىڭ يىغىندىسى. ئۆزىچە كۈچلۈكتەك كۆرۈنۈپ دېگىنىنى قىلىپ، قالايمىقان ۋاقىراۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى كۈچنى سىزدىن ئالماقتا. بۇيەردە مۇھىم مەسلە ئىقلىم  پاجىئەلىرىدىن ئىبارەت بۇ ۋەقەنىڭ مەۋجۇدىيتى بىلەن ئېڭىمىزنى ئويغىتىش ۋە تەبىئەتكە ئىگە چىقىشتەك خوجايىنلىق تۇيغۇسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش.  بۇ تونۇش ۋە ئويغىنىش ھاسىل بولغاندىن كىيىن ئوتتۇرىغا چېقىدىغان ئىلھام، ئىجادچانلىق نۇرغۇنلىغان يېڭىلىق ۋە چارە- ئۇسۇللارنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە قادىر.  بۇ مۇسبەت ئېنېرگىيە توغرا ستراتېگىيە بىلەن توغرا يولغا ھەركەتلەندۈرۈلسە دۇنيانى قۇتقۇزۇشقا ھازىر.  مەسىلەن ؟!

ئەنگلىيە West Midlands  رايونى  Solihull  دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار دۇنيادا تۇنجى قېتىم كاربوندىن يوقسۇل راك  ئاپىراتسىيەسىنى ئىلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ بەش سائەت داۋام قىلغان ئۇچەي راكى ئاپىراتسىيەسىگە كېتەرلىك ئېنېرگىيەنىڭ %80 ى ئىككى دوختۇرنىڭ ۋېلسىپىت پىدالىنى تېپىشى بىلەن قولغا كەلتۈرىلگەن بولۇپ ، دوختۇرلار كاربون ئاياق ئىزىنى نۆلدە تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن دوختۇرخانا باغچىسىغا ئۈچ تانە كۆچەت تىككەن. ئۇلار بۇلارنى قىزىقچىلىقىدىن ئەمەس ئەنگلىيىدىكى قويۇپ بىرىلگەن CO2 نىڭ %6 ى دوختۇرخانىلاردىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، بۇلارنى پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ سىنىقى سۈپتىدە ئىلىپ باردى.  بۇ ئېنىرگىيىنى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن توك سەرپىياتى بولمىغاچقا، يەر شارى ئىسسىپ كېتىشتىن قۇتۇلدى، دوختۇرلار ۋېلسىپىت ھەيدەپ سېمىزلەپ كېتىشنىڭ ئالدى ئىلىندى. بۇنىڭ ئىسمى ئىكلوگىيلىك تەڭپۇڭلۇق، ئىكلوگىيلىك بەرىكەت.

1980- يىلى دوختۇرلار ۋە باشقا سەھىيە خىزمەتچىلەر بىلەن قۇرۇلغان ئاتوم ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش خەلقئارا دوختۇرلار جەمئىيىتى (International physicians for the prevention of nuclear war ) ئاتوم بومبىسىدىن مەيدانغا كەلگەن رادئىاتسىينىڭ ئىنسان بەدىنىگە ئىلىپ كەلگەن كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ۋە پايدىسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىنىڭ ئۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تونۇش ۋە ئاڭ بىلەن پائالىيەتلىرىنى  باشقىلارنى ئاقارتىش ۋە تەربىيىلەشكە قاراتقان.  بۇ خىزمەتلىرى تۈپەيلى 1985- يىلىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. « ئىقلىم بومبىسى، ئاتوم بومبىسىنىڭ بوۋىسى » ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولغاچقا شۇتاپ ئىقلىم قوغدىغۇچىلىرى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالماقتا. ھەكىم ئىزىدا تەكىتلەنگەندەك، تەبىئەت كېسەل تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئوزوقلىنىدىغان ئىنسانلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكى ناتەبىئىي تۇرۇپ، قىلمىشلىرىمىز ناتوغرا تۇرۇپ، دوختۇرخانا ۋە دورىلار بىمارغا چارە بولماس، دەردلەرگە دەرمان.

بەزى دۆلەتلەردىكى ئىقلىم پىدايىلىرى ياخشى تەشكىلاتلاشقان ۋە ئورگانلاشقان بولۇپ، خەلقئارا سەۋىيىسىندە بىرلىكلەر مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. كۈچلىرى نىسبىتىدە سىياسەتچىلەر ئۇلارغا قۇلاق بەرمەكتە، دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرى ئۇلارنىڭ غايىلىرىگە ئاساسەن شەكىللەنمەكتە. لېكىن بۇ تەشكىلاتلار ئىقلىم كىرزىسىغا سەۋەبچى بولىۋاتقان باش كاتىباشلارنىڭ ئىقلىم مەسىلىسىنىمۇ ، ئەركىنلىك، دىن، ئېرق مەسىللىرىدەك پەقەتلا سىياسەتنىڭ خىمىتۇرچى قىلىپ قويۇشتىن ھۇشيار بولىشى لازىم. يەر شارىدىكى ئەڭ قىممەتلىك جانلىق بولغان ئىنساننىڭ ھاياتلىقى بىر دوللارغا زار بىر شەكىلدە ئۆلەۋاتسا، ئىلىم - پەننى قالپاق قىلىپ، ئاي ۋە مارستىن ھاياتلىق ئىزلەش ئۈچۈن مىليارد دوللار خەجلەش قىپ- قىزىل يالغانچىلىق، بىھۇدە ئىسراپ ۋە كۆز بويامچىلىق . قولغا كەلتۈرىلگەن نەتىجىلەرگە ھەۋەسلىنىپ، شۆلگىينى ئېقىتماق نادانلىق ۋە ئەخمقانىلىقتۇر.

ئىنسان تەبىئەتنىڭ خوجايىنى. ئەمما ئىنسان ئادالەتتىن ۋاز كېچىپ، خوجايىنلىق رولىنى خاتا يولدا جارى قىلدۇرسا، تەبىئەت بىمارىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ۋە گۇناھكارى بولۇپ قالىدۇ. مەن بىر كىشى دېمەي، سۇ- توكلارنى تېجەپ ئىشلەتسەك، ماشىنا يېرىگە كۆپرەك ۋېلسىپىت مىنسەك، باشقىلارغا سوغات ئۈچۈن كۆچەت تىكسەك، يېمەك - ئىچمەك ۋە تۇرمۇش بويۇملىرىمىزدا تەبىئەتنى كىرلەتمەيدىغان ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى تاللاشقا دىققەت قىلساق، كىشىلىك مەنپەتىمىزدىن ئاۋۋال تەبىئەتنىڭ مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلسەك، بىلەت تاشلىغاندا تەبىئەتنىڭ پىكىرنى ئالساق بۇ تەبىئەت بىمارغا كېرەكلىك دورىلارنى بەرگەن ، ياردەم قولىمىزنى سۇنغان پېچەت دوختۇر بولغان بولىمىز. 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى