تاماق مۇ، ساغلاملىققا توزاق مۇ ؟

 موتورلۇق قاتناش قوراللىرى بېنزىن بىلەن ھەرىكەتلىنىپ، فۇنكىسىيىسىنى جارى قىلدۇرغانغا ئوخشاش، ئىنسان بەدىنىمۇ يېمەك- ئىچمەكسىز كۈچ - قۇۋۋەت تېپىپ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. « قۇرۇق تاغا ئۆرە تۇرماس» بولغاچقا، ئاشقازىنىمىزدىن ئىبارەت بۇ تېگى تۆشۈك تاغارنىمۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە زامانلاردا، بەلگىلىك تاماق بىلەن ئىچىنى ئۇستىلىق بىلەن تولدۇرمىساق، ئىنساننىڭ ئۆرە تۇرۇشى، ھەتتا يېتىپ ئۇخلىشىمۇ تەس. ئۇخلىغان تەقدىردىمۇ چۈشىدە قوسىقى ئىچىپ ئويغىنىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. كىرسىن ئايروپىلانلارنى ھاۋادا پەرۋاز قىلدۇرالمايدىغان، سۇ قېتىلغان بېنزىن موتورنى ئىشتىك كاردىن چىقىرىدىغان بولغاچقا، بىزنىڭ كۈندىلىك يېمەك- ئىچمىكىمىز تەبىئىي، پاكىز، يىڭى بولمىغان تەقدىردە بىزگە ئوزۇق، ئېنېرگىيە بولۇش بىر يەردە تۇرسۇن ، بىزنى كېسەل، پەرىشان قىلىشى ، ھەتتا زەھەرلەپ جېنىمىزغا زامىن بولىشى مۇمكىن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە  CDC نىڭ ھىساپلاشلىرغا قارىغاندا ئامېرىكىدا  ھەر يىل76مىليونغا يېقىن ئىنسان يېمەكلىكتىن زەھەرلىندىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 325000 دىن ئارتۇق كىشى دوختۇرخانىلىق ۋە 5000 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. ئەنگىلىيىدە بولسا ھەر يىل مىليون كىشى زەھەرلىنىپ، 500 دەك ئادەم ئۆلىدىكەن         ( Wikipedia ) . شۇڭا تاماق گاھ بولىدۇ ئوزۇق، گاھ بولىدۇ ساغلاملىققا توزاق.  بولۇپمۇ يېقىن زاماندا دۇنيا مىقياسىدا ئەۋجىگە چىققان پۇل پاخاللىقى ۋە ئاشلىق كىرىزىسلىرى تۈپەيلى، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلايدىغانلار، ئاچلىقتىن كۆزى كۆرمەس، بۇرنى سەزمەس، تۇيغۇلىرى ھېس قىلالماس بولۇپ قالغان خەلقلەرگە سۇنى بېنزىن، توپىنى ئالتۇن دەپ سېتىپ ساغلاملىقىمىزغا تەھدىت ئىلىپ كىلىدىغان ۋەقەلەر  كۆپىيشى مۇمكىن.

يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش كۆرۈنۈشتە ساغلامدەك كۆرۈنگەن يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ مىكروبلار بىلەن بۇزۇلۇشى، زەھەرلەر بىلەن بۇلغىنىشى ۋە ئەڭ مۇھىمى تەبىئىيلىكىنىڭ يوق بولىشى بىلەن ئىنسان بەدىنىدە كۆڭۈل ئېلشىش، قۇسۇش، قوساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، قىزىتىش ۋە ھەتتا ئۆلۈشتەك يامان ئاقىۋەتلەرگە يول ئاچىدۇ. ئىچىدىكى مىكرۇپلارنىڭ تۈرى ۋە ئاز- كۆپلۈكى، زەھەرنىڭ مىقدارى ۋە ئىنسان ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ كۈچ- قۇۋۋىتىگە ئاساسەن بەزەن ئىستېمالدىن كىيىنلا ئالامەتلىرى چىقىدىغان بولۇپ، بەزەن زەھەرلىنىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يىللار كېتىشى مۇمكىن. شېكەر كېسىلى، يۈرەك كېسىلى ۋە سۆڭەك- بوغۇم كېسىلى قاتارلىق نۇرغۇن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەر ئەسلىدە ئاستا خاراكتېرلىك يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشتۇر.

يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشتىن ئاۋۋال يېمەك- ئىچمەك زەھەرلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن زەھەرلەنگەن يېمەك- ئىچمەك ئىنساننى زەھەرلەيدۇ. يېمەك- ئىچمەكنىڭ زەھەرلىنىشى ئۇنىڭ ئىشلەپ- چىقىرىلىش، ساقلاش، بولاش، توشۇش، سېتىش، پىشۇرۇش ۋە يېيىش قاتارلىق باسقۇچلارنىڭ ھەرقانداق بىر ھالقىسىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولۇپ، بەزەن ئاڭلىق ۋەياكى ئاڭسىز، بەزەن مەقسەتلىك ۋەياكى مەقسەتسىز شەكىلدە جەريان قىلىدۇ. پەرزەنتلىرىگە بولغان مېھرى- مۇھەببىتى، ئۇلارنىڭ روھى ۋە جىسمانىي ساقلىقىغا بولغان ئىشتىياقى، بالىلىرىنىڭ روھى ۋە جىسمانىي زەھەرلىنىشتىن قورقۇشى تۈپەيلى، پەرزەنتلىرىگە تەبىئىيتى ساپ يېمەك- ئىچمەك تەمىنلەش ئۈچۈن تەر تۆككەن، جاپا چەككەن ئاڭلىق ئاتىلىرمىز، ھاردىم تالدىم دېمەي باغرىنى قازان ، قوللىرىنى چۆمۈچ قىلىپ ئوچاق بېشىدا ئوت- يالقۇندا كاۋاپ، ئېس- تۈتۈندە خاراب بولغان ئېسىل ئانىلىرىمىز ئەسلىدە زەھەرلىنىشكە قارشى ئەڭ مۇھىم قورغان بولۇپ، ئۇلار زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى  ھەقىقىي ھەكىملەردۇر. ئۇلارغا چەكسىز سالام ۋە ساغلاملىق يار بولسۇن! چەككەن جاپا- مۇشەققەتلىرىنىڭ مۇكاپاتى كاتتا، مىۋىسى جىق بولسۇن!

يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ بۇلغىنىشى فىزىكىلىق، خىمىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك بولىدىغان بولۇپ، « خاشۇ بالىلار، سۇلياۋ قىزلار »دا دەپ ئۆتۈلگەندەك يېمەك - ئىچمەكلىرىمىزنىڭ  سۇلياۋ زەررىچىلىرى بىلەن بۇلغىنىشى فىزىكىلىق بۇلغىنىشنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى.  خىمىيىلىك بۇلغىنىشنىڭ كۆلىمى كەڭ، تەسىر ئېغىر بولۇپ، باقمىچىلىقتا پەرۋاسىز قۇللىنىلۋاتقان ياللۇغقا قارشى دورىلار ۋە ھورمونلار، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىۋاتقان ھاشارەت دورىلىرى ، ياۋا ئوت - چۆپ دورىلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا  تۇپراق ۋە سۇلارنىڭ قوغۇشۇن، سىماب ۋە ئاليومىن قاتارلىق مېتاللار بىلەن بۇلغىنىشى ، بولاش، ساقلاش ۋە رەڭ- تەم بېرىش ئۈچۈن يېمەك - ئىچمەكلەر قېتىلىۋاتقان  ھەر خېل سۈنئىي خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ جىقلىقىدىن يەۋاتقانلىرىمىزنى تاماق مۇ، زەھەر مۇ بىر بىرىدىن ئايرىش تەس بولۇپ كەتتى. بىئولوگىيىلىك بۇلغىنىش يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ E.coli , salmonella, clostridium, staphylococcus spp  قاتارلىق باكتېرىيىلەر، جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى، norovirus, rotavirus, adenovirus  قاتارلىق ۋىرۇسلار، قاپلىق قۇرۇت، قىلجام قۇرۇت قاتارلىق پارازىت ۋە زەمبۇرۇغلار بىلەن يۇقۇملىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئىكلوگىيلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلساق، ئۇلارمۇ ساغلىقىمىزغا ھۇجۇم قىلىدۇ.

بىر كاپام تاماق ، بىر يۇتۇم سۇ بىلەن نېمە بولماقچى ؟ دەيدىغان پەرۋاسىز پوزىتسىيە ئەسلىدە ساغلاملىقىمىزغا زىيان ئىلىپ كىلىدىغان ئەڭ دەھشەت زەھەر! يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ تەبىئىتىنىڭ پاك بولىشى روھىمىزنى ئوزۇقلاندۇردۇ، كەيپىياتىنىڭ تەبىئىي بولىشى بەدىنىمىزنى غىزالاندۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار ناپاك ۋە ناتەبىئىي بولسا روھ ۋە جىسمانىي ساغلامىلقىمىزغا چوڭ خەۋپلەر ئىلىپ كېلىدۇ. بۇ سەۋەبلىك يۇقىردا دەپ ئۆتكەندەك تاماق گاھ بولىدۇ ئوزۇق، گاھ بولىدۇ ساغلاملىققا توزاق.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى