يېمەكلىك بىخەتەرلىك قوراللىرى-1

ھەر ئىشنىڭ بىر قائىدىسى ۋە ئۇسۇلى بار. ئۆپكە- ھىسىپنى ئېلپ قاچقان بۈركۈتكە قاراپ « ئۇنى ئەپقاچقان بىلەن بەرىبىر قۇيۇپ يېيەلمەيسەن، ئۇنى قويۇشنىڭ رېتسىپى قوينۇمدا» دەپ توۋلىغان نەسىردىن ئەپەندىم قائىدە - ئۇسۇلنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن قائىدە- ئۇسۇلنىڭ ئوخشاشمىغان تۈردىكىلەرگە ئوخشاش مەنە ئىپادە ئەتمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى كۆزدىن قاچۇرغان. باشقىلارنىڭ قائىدە - تۈزۈمگە رېئايە قىلىپ قىلماسلىقىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن ئاۋۋال، ساغلاملىقىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، باشتا ئۆزىمىز ساغلاملىق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قوراللىرىنى ئۆگۈنۈپ كۈندىلىك ھاياتىمىزدا تەتبىق قىلشىمىز لازىم.

« يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى » دە  دېيىلگەندەك، « « ئېتىزدىن داستىخانغا قەدەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى» سىتارتىيگىيسى بىزگە ھەققىي ساغلاملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن « ئۇرۇقتىن قورساققا قەدەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى » پرىنسىپى بىلەن يېمەكلىك بىخەتەرلىك قوراللىرىنى بېكىتىپ چىقىشىمىز لازىم. بۇ يەردىكى مەقسەت كۆرۈنۈشتە ساغلامدەك كۆرۈنگەن يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ مىكروبلار بىلەن بۇزۇلۇشى، زەھەرلەر بىلەن بۇلغىنىشى ۋە ئەڭ مۇھىمى تەبئىيلىكىنىڭ يوق بولىشىدىن كېلىپ چىققان يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئالدىمىزدىكى يىللاردا راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرسىنىڭ يېمەك- ئىچمەكلەرگە قېتىلغان ۋەياكى بۇلغانغان خىمىيىلىك ماددىلار ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلماقتا. يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىش، راكتەك ساغلاملىق ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ، يېمەك- ئىچمەكنىڭ زەھەرلىنىشىگە يول ئاچىدىغان تاللاش، ئىشلەپ- چىقىرىش، ساقلاش، بولاش، توشۇش، سېتىش، پىشۇرۇش ۋە يېيىش قاتارلىق باسقۇچلارنىڭ ھەر بىرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىك بىخەتەرلىك قوراللىرىنى ئۆگىنىشىمىز ۋە ئەڭ مۇھىمى ھاياتىمىزدا ئىشلىتىشىمىز لازىم. تۆۋەندە بۇ قوراللاردىن بىر قانچىسىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز:

1. ساغلاملىق ئەسلىدە بىر تاللاش مەسىلىسى. بىر ئۆمۈرلۈك ھايات سەپدىشڭىزنى قانداق تاللىغان بولسىڭىز ساغلاملىقنىڭ ئاساسى بولغان كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەكلەرنىمۇ ئاشۇنداق ھېسيات، ھاياجان ۋە ھاماسەت بىلەن تاللىشىمىز لازىم.

2. يېمەك- ئىچمەك تاللىشىمىزنىڭ ئۆلچىمى قىز تاللاشقا ئوخشاش رەڭگى روھى چىرايلىق، ئوزۇقلۇق ئىلمىنىتلەرگە باي، قەدىمىي يېمەك- ئىچمەك ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن ۋە ئەڭ مۇھىمى تەبىئىيتى پاك ۋە تەبىئي بولىشى لازىم.

3. يېمەك- ئىچمەك ئۈچۈن ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى تاللاش بىلەن ساغلاملىققا قەدەم تاللاش ئوخشاش مەنىگە ئىگە بولۇپ، تەبىئىيلىك ۋە تەبىئىي ئوزۇقلىنىش يارىتىلىشنىڭ چاقىرىقى، ساغلاملىقنىڭ سىرى ۋە ھەكىم ئىزىنىڭ دەۋىتى.

4. ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى تاللاش ، قاتناش قوراللىرىدىكى يېشىل چىراغدا يولدىن ئۆتەشكە ئوخشاش بولۇپ، ھەم بالا- قازاسىز بىر ھايات، ھەم بىخەتەر بىر دۇنيا ئۈچۈن قەدەم تاشلاش.

5. ئۇرۇقلارنىڭ تەبئىي بولىشى ، تەجىربىخانلاردا « پەن- تېخنىكىلار» بىلەن زەھەرلەنمىگەن، گېنى ئۆزگەرتىلمىگەن، ھورمونلار بىلەن تەبىئىيتى بۇزۇلمىغان بولىشى لازىم. چۈنكى ئۇرۇق بىلەن ساقلىق بىر تۇغقان.

6. دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلگەن خىمىيىلىك ئوغۇت، ياۋا ئوت ۋە ھاشارەت دورىلىرى مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، ئەمما ئۆمۈرمىزنى قىسقارتىدۇ. دېھقانلارنىڭ مەسۇم چىرايى سىزنى ئالدىمىسۇن. ئورگانىك  ئىشلەپچىقىرىشنىڭ جاپاسى جىق، مەھسۇلاتى ئاز، خاپىلىقى كۆپ بولغاچقا، دۇنيادا ھەممىدىن تەبىئىي دېھقانى تاپماق تەس. ئاز ئەمما ساز بولغاننى تاللاڭ، ساغلاملىق ماز بولۇپ قالمىسۇن.

7. زامانىۋى چارۋىچىلىقتا ئىشلىتىلىۋاتقان ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى ۋە ھورمونلۇق يەملەرنىڭ جىقلىقىدىن ئۇلارنىڭ سۈتلىرىدىن دورا، گۆشلىرىدىن ئوغا تامچىيدۇ. ناتەبىئىي ۋە ساختا گۆش يەيمەن دەپ، ساغلاملىقىمىز مۇش يېمىسۇن.

8. ئىنسانلارنىڭ ئاڭسىزلىقى تۈپەيلى پايانسىز دېڭىز- ئوكيان ، كۆل- دەريالار بۇلغاندى، ساغلاملىقنىڭ ئىكسىرى بولغان بېلىقلار ئېغىر مېتاللار بىلەن زەھەرلەندى. بېلىق يېگەندە بېلىقنىڭ قىلتىرقىدىن بەك بېلىقنىڭ زەھىرىدىن ھەزەر ئەيلەڭ.

9. ھازىر مېۋىلەرنى شاختىن ئۈزۈپ يېسىڭىز، ئۇلارغا سېپىلگەن دورىلاردىن تۈپەيلى ئۆزىڭىزنى دوختۇرخانىدا كۆرىسىز. شۇڭا مېۋە - چىۋە ۋە سەي كۆكتاتلارنى ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال ئەڭ ئاز يىرىم سائەت سۇغا چىلاپ، ئوبدان يۇيۇش كېرەك. ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى شېخىدىن ئۈزۈپ، باغدا ئوتۇرۇپ يېگەندەك يېسىڭىز بولىدۇ.

10. بىزنىڭ ساغلاملىققا بولغان ئىنتىلىشىمىز، تەبىئىيلىككە بولغان تەشنالىقىمىز، ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى تاللىشىمىز، مەسىلىگە تۇتقان قەتئىي پوزىتىسىيمىز ۋە خاھىشىمىز، يېمەك- ئىچمەك ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ ئۇسۇلىنى، شەكلىنى بەلگىلەيدۇ.  پاك ۋە تەبئىي يېمەك- ئىچمەكلەرنى تاللاش ئارقىلىق ساغلىقىمىزنى قوغدايلى، ناپاك  ۋە ناتەبىئىي ماللارنى ھاياتىمىزدىن قوغلايلى! 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى