يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى

 بىر جەمئىيەتتە خەلقنىڭ ماددىي ۋە جىسمانىي خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، ئىنسانلارنىڭ مال- مۈلكىنى ئوغرى- يالغاندىن ئاسراش ئۈچۈن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم بولغانغا ئوخشاش، يېمەك- ئىچمەكلەر ئىنسان بەدىنىگە ئوزۇق، قوسىقىغا تاماق ئەمەس، ساغلاملىقىغا توزاق بولىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئوغرى- قاراقچىلار ئۆزىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن نىقاپ- ماسكا تاقاش ئەمەس، بوينىدا گالىستۇك، ئۈستىدە شىم- كاستۇم بىلەن ئارىمىزدا كەڭ- كۇشادە يۈرىدىغان بولۇپ كەتكەن شۇ پەيىتلەردە، ئەڭ مۇھىمى ئوغرى- قاراقچىلارنىڭ جەمئىيەت ئەربابلىرى ۋە خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن ئىش تۇتقان كۈنىمىزدە بىر يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا، يېمەكلىك بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ۋە يېمەكلىك خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى قەلبىمىزگە يەرلەشتۈرۈشكە نەقەدەر ئىھتىياجىمىزنىڭ بارلىقى ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان بىر ھەقىقەت.

بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش، ئىنسانلارغا  بۇ خەۋپسىزلىك ئېڭىنى سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە 6 - ئاينىڭ 7- كۈنى « دۇنيا يېمەكلىك بىخەتەرلىك كۈنى » دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ( WHO ) 2019- يىلى بۇ كۈننىڭ ھارپىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ھەر يىل دۇنيا مىقياسىدا تەخمىنەن 10 كىشىنىڭ بېرىسى يەنى 600 مىليون كىشىنىڭ كېسەل بولىدىغانلىقىنى، 400 مىڭ ئىنساننىڭ باكتېرىيە، ۋىرۇس، پارازىت ۋە خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن بۇلغانغان يېمەك- ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەگەر تەدبىر ئېلىنسا بۇ ئۆلۈملەرنىڭ تەقدىر بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يېمەك- ئىچمەك خەۋپسىزلىكىنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ياۋرۇپا بىرلىكى « ئېتىزدىن داستىخانغا قەدەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى» سىتارتىيگىيسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىليارلىغان ياۋرو خەجلىمەكتە.

ھەكىم ئىزى « ئېتىزدىن داستىخانغا قەدەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى» سىتارتىيگىيسىنىڭ ئىنسان ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېتەرلىك ئەمەس ئىكەنلىكىنى، ئۇنى « ئۇرۇقتىن قورساققا قەدەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى » دەپ ئۆزگەرتىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىمەكچى. چۈنكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇرۇقتىن باشلانمىسا، ھەر خېل باھانىلەر بىلەن گېنى ئۆزگەرگەن ئۇرۇقلار بىلەن ئىنسانىيەتنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا تىرشىلسا، ئۇرۇق تېخى ئېتىزغا بارماي تۇرۇپ ئاللىقاچان « پەن- تېخنىكا » زەھىرى بىلەن بۇلغانغان بولىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەمىن ئەتكەن تەقدىردىمۇ، ئىنسانلار خەتەرلىك يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتمىگەن تەقدىردە يەنىلا بىر پۈتۈن ساغلاملىقتىن گەپ قىلىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ. دىئابىت، قان بېسىمى  ۋە  سېمىزلىك قاتارلىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنىڭ نەتىجىسى بولغان دۇنيا خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ (  Pandemic ) ئەۋج ئىلىپ كېتىشى بۇنىڭ پولاتتەك پاكىتى سۈپتىدە ئالدىمىزدا تۇرماقتا.

ئىنساننىڭ ياشاش ھوقۇقىي كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى بولۇپ، بۇ ھەققىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بىخەتەر يېمەك- ئىچمەككە ئېرشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش. بىر ھوقۇقنىڭ ئىنسانلىق جەمئىيىتىدىكى كاپالىتى قانۇن - تۇزۇم ۋە بەلگىلىمىلەر بولۇپ، ئەسلىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇھىم تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنىڭ خەۋپسىزلىك ئانالىزى ( Hazard analysis and critical control points - HACCAP  ) ، ئېسىل ئىشلەپچىقىرىش پروگراممىسى ( Good manufacturing practices-GMP ) ، ئېسىل تازىلىق ئادىتى ( Good hygiene practices-GHP )  ۋە ISO 22000 قاتارلىق نۇرغۇن قانۇن- تۈزۈم ۋە ئۆلچەملەر بار بولۇپ، ناھايىتى ئەپسۇس بۇلارنىڭ ئەمەلىي ھاياتتا ئەمەلىيلىشى ۋە دۇنيانىڭ ھەممە يەردە ئىشقا ئىششى مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. قانۇن - تۈزۈم ئەڭ ئاۋۋال بۇنى تۈزگۈچىلەر ۋە ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ۋىژدانىدا يەر ئالمىسا، بۇ قانۇن- تۈزۈم خەلق تەرىپىدىن كۆز قارىچۇقىدەك قوغدالمىغان تەقدىردە ئېقى قەغەز، قارىسى سىيا بولۇپ قالىدۇ. چىرايلىق گەپكە قوساق تويمىغاندەك ،  كۆلەڭگىسى بار، جىسمى يوق قانۇن- تۈزۈملەر ئىنسانلارغا ھەقىقىي يېمەك- ئىچمەك خەۋپسىزلىكىنى بەخش ئېتەلمەيدۇ.

دېمەك بىر سىستېمىنىڭ قۇرلىشى ، دۆلەت خاراكتېرلىك ئىجرا قىلىنىشى تەس بولغانغا ئوخشاش ئۇزۇن ۋاقىت ئالىدىغان بىر جەرياندۇر. بولۇپمۇ يۇقىردا دەپ ئۆتكەندەك ئوغرى- قاراقچىلارنىڭ جەمئىيەت ئەربابلىرى ۋە خەۋپسىزلىك خادىملىرى بىلەن ئىش تۇتقان كۈنىمىزدە بۇنىڭ ئىشقا ئىششى تېخىمۇ تەس. ئەمما ساقلىق ساقلاپ تۇرمايدۇ. بىز ھەر ۋاقىت تەكىتلىگەندەك ساغلاملىق ھەرقانداق بىر دوختۇر ۋە دوختۇرخانىغا، ھەرقايسى بىر تەشكىلات ۋە دۆلەتلەرگە ھاۋالە قىلىپ قويغىلى بولىدىغان قىممەتسىز نەرسە ئەمەس. ساغلاملىق بىزنىڭ ئەڭ زور بايلىقىمىز، ئەڭ مۇھىم ھوقۇقىمىز. بۇ بايلىقىمىزنى قوغداش ، بۇ ھوقۇقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىز ساغلاملىق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قوراللىرىنى ئۆگۈنۈپ كۈندىلىك ھاياتىمىزدا تەتبىق قىلشىمىز، ئائىلىمىزدە يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم. يېمەك- ئىچمەكلەر بىخەتەر بولماي تۇرۇپ، بەدىنىمىز تىمەن، روھىمىز ساغلام، تۇرمۇشىمىز شادىمان بولمايدۇ. چۈنكى يېمەكلىكىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى، ساغلاملىقىمىزنىڭ كاپالىتى! ئەستىن چىقارماڭ، ساقلىق ساقلاپ تۇرمايدۇ، بۇ سىزنىڭ ساغلاملىق شۇئارىڭىز بولسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى