ھەر ئىشنىڭ بىر ۋاقتى بار، ھەر يېمەكنىڭ بىر سائىتى
يىللار يىللارنى قوغلاپ، پەسىللەر زىمىنلارنى يوقلاپ، بۇ كەڭ تەبىئەت دەستۇرخانىدا بىز ئىنسانلار ئۈچۈن زامانغا ماس، مىزاجقا خاس نازۇ - نېمەتلەرنى سۇنماقتا ئىدى. تەبىئەتنىڭ مېھماندوسلىقى بىزنى شاد قىلسا، بەرگەن خاسىيەتلىك ئوزۇقلار بەدىنىمىزگە كۈچ، روھىمىزغا شىپا بولماقتا ئىدى. ئەمما بۇ مېھماندارچىلىقتىن مەس بولۇپ ھوشىنى يوقاتقان ئىنسان نەپسى، بۇ نازۇ - نېمەتلەردىن بىھۇش بولغان ئىنسان ئەقلى بۇلارنىڭ ھەرۋاقىت يېنىدا بولىشىنى ئۈمىت قىلدى. پەسىللەرنىڭ ئاغزىدىكى ئۇ شىرىن لەززەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا چىداپ تۇرالمىدى. پەسىل دېمىدى، ۋاقىت- سائەت دېمىدى، تەبىئەتنىڭ تەبىئي چاقىرىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، پەسىللەرنىڭ ئوزۇقلارغا بەرگەن خاسىيىتى ۋە بەركىتىگە قۇلاق سالماي، ناپاك نىيەت ۋە ئىدىيە بىلەن ، ناتەبىئىي ئۇسۇل - چارىلەر بىلەن ھەر پەسىلگە باپ سەي- كۆكتات، مېۋە - چىۋە بەرپا قىلىشقا باشلىدى.
بۇنىڭ
ئىسمىنى تەرەققىياتمۇ دېسەك ، ئىسلاھات مۇ دېسەك بىلمىدىم، ئەمما بۇنىڭ بىلەن نەچچە
مىڭ يىللىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش پىچىمى، يېمەك- ئىچمەك ئەندىزىسىگە يات، تەبىئەتنىڭ
قانۇنىغا زىت، بۇلارنىڭ نەتىجىسى سۈپتىدە ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت ئىلىپ
كىلىدىغان بىتاب تۇرمۇش ئېڭى ، ناتەبىئىي ئوزۇقلىنىش ئادىتى شەكىللىنىشكە، تەبىئي
ھاياتنىڭ ، تەبىئەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان، پەسىللەرگە ناتونۇش، ئۆسۈملۈكلەردىن
بىخەۋەر بىر نەسىل پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
گەرچە روھىمىز تەلەپ قىلسىمۇ، تەبىئەتنىڭ
پىچىرلاشلىرىنى تۇيالمايدىغان، مەجنۇن تاللارنى تۇتالمايدىغان، ئۆستەڭلەرنى بويلاپ
ماڭالمايدىغان، پەسىللەرگە خاس مېۋىلەرنى يېيەلمەيدىغان، سەي- كۆكتاتلارنى
تىتىيالمايدىغان، ئۆيىمىزنىڭ پېشايۋانلىرىدا قىش ئۈچۈن لازا- شوخلا قۇرۇتمايدىغان،
ئاچا سەيلەرنى ئىچىتمايدىغان بولۇپ قالدۇق. پەسىللەرنىڭ مۆھىرىنى ۋە پۇرىقىنى
ئالمىغاچقا سەي- كۆكتاتلارنىڭ تەمى بولمىغانغا ئوخشاش، پەسىللەرنىڭ خاسىيىتىدىن مەھرۇم
قالغان يېمەك - ئىچمەكلەر ساغلاملىقىمىزغا شىپا بولۇش تۈگۈل ساقلىقىمىزغا يۈك
بولماقتا.
ھەر مېۋە
- كۆكتاتنىڭ ھەر پەسىلدە داستىخاندا بولىشى، بىزنى پەسىللەرنىڭ سەرخلىقىدىن مەھرۇم
قىلىپ ، خۇددى تاق پەسىل باردەك بىر خاتا تۇيغۇغا ئىتتىرىپ، پەسىللەرنىڭ كەيپىياتىغا
ماس، مىجەزىمىزگە خاس ئېلېمىنتلارنى ئۇ مېۋە- كۆكتاتلاردىن سۈپۈرۈپ تاشلىماقتا.
سىرتى پال- پال، ئىچى غال- غال ، شىپا ماددىلاردىن ئۇزاق بۇ مېۋە - كۆكتاتلار ۋۇجۇدىمىزغا
ئوزۇق ئەمەس، ساغلاملىقىمىزغا توزاق بولماقتا. پەسىللەرنىڭ ساقلىق ئۈچۈن پۇرسەت، ئۆمۈر
ئۈچۈن بەرىكەت، ئەزالىرىمىزغا ئارامدىن كىيىن قۇدرەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاڭ بىر
ياقتا تۇرسۇن، قايسى پەسىلدە قايسى مېۋە - كۆكتاتنىڭ يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىدىن
ئىبارەت ئاساس مەلۇماتلاردىن غاپىل ئەۋلادلار بولۇپ قالدۇق. قىشتا تۇرۇپ، چامغۇر،
سەۋزە، قىزىلچا،
يېسىۋىلەك ،كەرەپشە، پالەك ، ئالما، ئامۇت، ئانار، بىيە، ئاپېلسىن، بانان لىمون، باھاردا پىياز،
سامساق، پۇرچاق، قىچا، غورا، بادام، بۆلجۈرگەن، قارا بۆلجۈرگەن،
يازدا كاۋا، قىزىلمۇچ،
تەرخەمەك، نۇقۇت، پەمىدۇر، پىدىگەن،
ئۇرۇك، گىلاس، شاپتۇل، قوغۇن، تاۋۇز، ئۈجمە، مالىنا،
ئۈزۈم ، ئەنجۈر، ئاپتاپپەرەس،
كۈزدە قىزىلمۇچ، پەمىدۇر، موگو، تۇرۇپ، چامغۇر، ئۈزۈم، زەيتۇن، ئالما، لىمون ، ياڭاق
قاتارلىق پەسىللەرگە خاس مېۋە - كۆكتاتلارنى يېيىش لازىملىقىنى كۆپچىلىكىمىز ئۇنتۇپ
قىلىغلىق. قىشتا يېيىلگەن پەمىدۇر، تەرخەمەك،
قىزىلمۇچ، قوغۇن- تاۋۇزنىڭ، پەسىلنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان سۈنئىي مېۋە - كۆكتاتنىڭ
ئىنسان بەدىنىگە پايدىسىنىڭ يوقلىقىنى نۇرغۇنلىرىمىز بىلمەگلىك.
شۇڭا « ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى » دا، "يېمەك-
ئىچمەكلىرىڭىزدە پەسىلنىڭ پۇرىقى، زاماننىڭ مۆھرى بولسۇن! يېمەك- ئىچمەكلىرىڭىزنىڭ
تۈرىنى پەسىلگە ۋە زامانغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇڭ. پارنىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزىڭىزنى
رودىمىتلاشتۇرماڭ! " دەپ سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق.
پارنىكتا سۇنئىي شارائىتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان، ۋاقىت- سائەت بىلەن كارى بولمىغان
مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، قۇياش كۆرمىگەن ، يامغۇر سۆيمىگەن،
ئەركىن ھاۋا سۈمۈرمىگەن مېۋە - كۆكتاتلارنىڭ ئىنسان ساغلاملقىغا مەنپەت ئىلىپ كېلىشى
ناتايىن. كېسەل بولغاندا شىپا بولىشى ھىچ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى پارنىكتىكى ناتەبىئىي شارائىت ئۇ يەردە
ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىڭ كېسەل بولىشىغا سەۋەپ بولماقتا بولۇپ، بۇ يەردە ئۆسۈپ
چىققان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەبىئي، ساغلام بولىشى ئىھتىمالىقلاردىن كۆپ يىراق. ئەگەر پەقەت
تەبىئي ئاپەتلەردىن قوغداش مەقسىتى بىلەن پارنىكتا پەسىلگە خاس مېۋە - كۆكتات ئۆستۈرسەك ئۇنىڭ يولى بۆلەك، ئەمما
ئويلاپ باقتىقمۇ، شۇ تەبىئي ئاپەتلەرنىڭ سەۋەبىمۇ بىزنىڭ تەبىئەتنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق
سالماي، پەسىللەرنىڭ كەيپىياتىغا ھۆرمەت قىلماي قالايمىقان ئىشلەپچىقىرىش ئىلىپ
بارغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى!؟