كېسەل بولدۇڭ دېمەك، ئۆزگىرىشىڭ لازىم دېمەك

 ئۆزگىرىش تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى، زاماننىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا ئىنساننىڭ قابىلىيىتىدۇر. ئىنسان دۇنيادىكى پۈتۈن ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىناكارى بولۇپ، ھەم تەبىئەتنى ئۆزگەرتىشكە ھەم ئۆزنى ئۆزگەرتىشكە قادىر قىلىپ يارىتىلغان.  ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ۋۇجۇدقا چىقارغان بۇ ئۆزگىرىشلەر دەل ھايات ئىمتىھانىمىزنىڭ جاۋابى بولۇپ، بۇ جاۋابنىڭ توغرا - خاتالىقى ھايات سائادىتىمىزنى ، تۇرمۇش خۇشاللىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەمىز، تۇرمۇش قاراشلىرىمىز، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىمىز ۋە يېمەك - ئىچمەك ئادىتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر بىزنىڭ ئىجتىمائىي، روھى ۋە بەدەن ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ، بىزنىڭ ساغلام ۋەياكى بىمار بولۇشىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ئىنسان تۇغۇلۇشىدىن كېيىنلا بۇ ئۆزگىرىش جەريانى باشلايدىغان بولۇپ ، ئىنسان يا ئۆزگىرىپ ساغلام بولىدۇ، يا ئۆزگىرىپ بىتاپ بولىدۇ. ياكى ئۆزگىرىپ ھەققىي ئىنسانلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ ۋەياكى ئۆزگىرىپ ھايۋان بولىدۇ.

يۇقىرىدىكىلەردىن ھېس قىلىشقا بولىدىكى ئۆزگىرىش ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى مۇسبەت  ئۆزگىرىش، يەنە بىرى مەنپىي ئۆزگىرىش. مۇسبەت ئۆزگىرىش ئادەمنىڭ ئەڭ ئاۋۋال تەبئىي ئوزۇقلار بىلەن ۋۇجۇدىنى ، تەبئىي پىكىر- قاراشلار بىلەن روھىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، توغرا يول ۋە توغرا ئۇسۇللار بىلەن ۋجۇدىدا يېتىلدۈرۈۋالغان جىق يىۋېلىش ۋە  يەپ يېتىۋېلىشتەك  خاتا ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى، ئاچكۆزلۈك، بېخىللىق، ھورۇنلۇق، يالغانچىلىق قاتارلىق بۇزۇق خاراكتېرلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ھەم بەدەن ھەم روھ ساغلاملىقىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن  جەمئىيەت، مىللەت ۋە ۋەتەننى ئۆزگەرتىشكە ئاساس سېلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىسمى  ئاقارتىش، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتتۇر.

مەنپىي ئۆزگىرىش مۇسبەت ئۆزگىرىشنىڭ زىتى بولۇپ، ئادەملەرنىڭ « زامان ئۆزگەردى» ، « تەرەققىيات » دېگەن باھانەلەر بىلەن ئۆز تەبىئىتىگە يات بولغان ، ئەمما ئارزۇ - ھەۋەسلىرىگە باپ بولغان ناتەبىئىي ئوزۇقلۇقلار، ناباب پىكىرلەر بىلەن  بەدەن ۋە روھىنى زەھەرلىشى، تاتلىق دەپ ھەسەل يالىتىلغان زەھەرلەرنى يۇتۇشى، ئاقچە - ئابروي دەپ ئەخلاق - پەزىلەتلەرنى يوق قىلىشى بىلەن  تەبئىي مىجەز ۋە مىزاجدىن، ئىنسانلىق تەبىئىتىدىن يىراقلىشىش جەريانى بولۇپ،  بۇ بەدەن ۋە روھنى  ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك كېسەللىكلەر بىلەن نەتىجىنىلىدۇ. بۇ ئۇلار دېگەندەك « تەرەققىيات » بولماستىن بەلكى چېكىنىش، رودىمېنتلىشىش ۋە ھايۋانلىشىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.

`ھەكىم ئىزىدە` كۆپ قېتىم تەكرارلاپ ئۆتكەندەك، كېسەللىك يىغىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ بىتاب دۇنيا قارىشىمىز، ھاياتقا تۇتقان ساقسىز تۇرمۇش پوزىتسىيەمىز، ساغلاملىققا بولغان خاتا تونۇشىمىز ۋە ئەڭ مۇھىمى ئىنسانلىق تەبىئىيتىمىزگە يات يېمەك- ئىچمەك پىچىمىمىزدۇر. ئەگەر ھاياتىمىزدا مەنا بولمىسا، تۇرمۇشىمىزدا خۇشاللىقتىن ئەسەر كۆرۈلمىسە، شۇندقلا مەلۇم كېسەللىكلەرنىڭ دىئاگنوزى قويۇلغان ۋە  روھ ساغلاملىقىمىز زېدىلەنگەن بولسا، بۇ دېمەك بولىدۇكى بۇ كېسەللىك ۋە مەسىلىلەر يېمەك- ئىچمەك پىچىمىمىزدىكى، دۇنيا قارىشىمىزدىكى، تۇرمۇش پوزىتسىيەمىزدىكى مەنپىي ئۆزگىرىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ يەردە تاشلاشقا تىگىشلىك تۇنجى قەدەم ئاللىقانداق  دوختۇر- دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈش بولماستىن، ئۆزىمىزنى مۇسبەت يۆلنىشكە قاراپ ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىماقتۇر.

تۇرمۇشىمىزدىكى بۇ  ناتەبىئىي ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى، روھىمىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان   ناتوغرا پىكىرلەرنى ۋە  تۇرمۇش پوزىتسىيەمىزنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ، دورا- دەرمەك، دوختۇر- تىۋىپ، پىسكىياتىرسىت- پىسخولوگ بىلەن  دەردىمىزگە داۋا تېپىشنى ، كېسەللەرگە شىپا بولۇشىنى، ھاياتتا مەنىلىك ياشاشنى ، تۇرمۇشتا خۇشاللىق تېپىشنى ئۈمىت قىلىش خۇددى ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ ئىچكەندەك ئەخمقانىلىق. « ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىز » دا دېيىلگەندەك بەدىنىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى، روھ ھالىتىڭىزنى، ساغلاملىقىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئاشكارا- مەخپىي سەۋەبلىرىنى سىزدىن تېخىمۇ ياخشى بىلىدىغان باشقا بىرسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن مۇ؟ كېسەللىكلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قان ئانالىزىدا كۆرۈنمەيدىغانلىقى، ئىلغار تېخنىكا ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممە كېسەللىكلەرنى تېپىپ چىقىشقا قادىر ئەمەسلىكى، روھ ۋە ئىجتىمائىي كېسەللىكلەرگە قارىتا مېدىتسىنانىڭ قول- پۇتى باغلاقلىق ياكى چارىسىز ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەت كۆز ئالدىمىزدا تۇرسا، پەقەت قان ئانالىز نەتىجىلىرىنى بىلىدۇ دەپ بىر دوختۇرنىڭ سىزنى سىزدىن ئوبدان بىلىدىغانلىقىغا  ئىشىنىۋېلىش، شۇنداقلا ئۆزىڭىزنى دوختۇرخانىغا ۋە مېدىتسىناغا تولۇق تەسلىم قىلىۋېتىش ئەقىلغا سىغامدۇ؟ دوختۇر- تىۋىپ، پىسكىياتىرسىت- پىسخولوگلار پەقەت سىزگە ياردەم قىلىدىغان تاشقى ئامال- چارە بولۇپ، ئەڭ مۇھىم بولغىغنى ئىچكى ئامالدۇر،  يەنى شوتىغا يامىشىدىغان كىشى دەل ئۆزىڭىز ۋە ئەڭ ياخشى دوختۇر ئۆزىڭىزدۇر.

ئۆزگىرىشنىڭ تەسلىكى بەرھەق. ئۇ زامان ، ماكان، كۈچ، ئىرادە ۋە سەبىر تەلەپ قىلىدۇ. « ساقايمايدىغان كېسەللىك يوق، ئۆزگەرمەيدىغان كېسەللەر جىق » ناملىق يازمىدا قەيت قىلىپ ئۆتۈلگىنىدەك، بىر ئىنساننى ئۆزگەرتىش، پىكىر - ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرۈش، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە بىر كېسەللىكنى تۈپتىن ساقايتىش قاتارلىقلار كائىناتقا سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بېرىشتىنمۇ تەسرەك بولغان بىر ئىش. ئەمما تارىخ بۇ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن قەھرىمانلار ، ئىسلاھاتلار ۋە مەدەنىيەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقان. شۇڭا كونىلار «  قىيىن ئىش يوق ئالەمدە ، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە » دېگەن بولۇپ، بۇنىڭ `ھەكىم ئىزى`دىكى تەرجىمىسى « كېسەللىك يوق ئالەمدە، ئىرادىسى بار ئادەمگە »دۇر.  تەبىئىي ئوزۇقلىنىش ۋە تەبىئي ياشاش- ساغلام بولۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئەمما تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان قەدەملەردۇر. بۇ قەدەملەرنى سىز تاشلىشىڭىز، بۇ يولنى سىز يۈرۈشىڭىز، بۇ ئامانەتنى سىز قوغدىشىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز قەدىرلىشىڭىز ۋە داۋالىشىڭىز لازىم.

 ئۇنۇتماڭ، دۇنيانى دۇنيا ئۆزگەرتەلمىگەن ئىنسانلار ئۆزگەرتىدۇ.  دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۆزگىرىڭ. بىز بۇ دۇنيانىڭ بىر پارچىسى ۋە بىز ئۆزگەرسەك دۇنيا ئۆزگىرىدۇ. بىز دۇنيانى، كېسەلنى پۇرسەت، رەھمەت دەپ بىلەيلى، ئۆزگىرىشكە بەل باغلاپ ساغلاملىققا قەدەم تاشلايلى، نەسىللەرگە ساغلام ۋە خاسىيەتلىك بىر ئىز بېغىشلايلى!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى