قىرىقتىن ئاشقاندا راك بولماي دېسەڭ
بىريگخام ۋە ئاياللار دوختۇرخانىسىدىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا ئۈچەي، ئەمچەك،قىزىلئۆڭگەچ، بۆرەك، جىگەر ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىق بىرمۇنچە راك تۈرلىرىنىڭ 50 ياشنىڭ ئاستىدىكى كىشلەر ئارىسىدا ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئېشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى (Nature Reviews Clinical Oncology ). كۈنىمىزدە راك كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاتا- بوۋىلىرىمىز ياشىغان « كونا» دەۋرلەرگە قارىغاندا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 60 ياشتىن ئاشقان قېرىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولغاچقا، بىلىم دۇنياسى بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزارغانلىقى تۈپەيلىدىن دەپ قاراپ « يېڭى » دەۋرنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن پايدىلىرىنى ھاردىم- تالدىم دېمەي، داڭلاشتىن توختاپ قالمىدى. ئەمما راكنىڭ 50-40 تىن ئىبارەت بالدۇر ياشلاردا كۆرۈلۈشىگە باشلىشى نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئەپسۇسلاندۇردى ۋە راكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئۈستىدە ئويلاندۇرۇشقا باشلىدى.
ئەسلىدە راك 90- يىللاردىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا ئاۋۇشقا
باشلىغان بولۇپ، خۇددى يۇقۇملۇق كېسەللىكتەك دۇنيانىڭ ھەممە تەرىپىگە يېيىلىشقا
باشلىدى. راك تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى بىرىنچى ئۆلۈم سەۋەبى بولسا، تەرەققىي
قىلىۋاتقان ئەللەردىمۇ ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن بولۇپ، دۇنيادىكى راكنىڭ يېرىمى تەرەققىي
قىلىۋاتقان ئەللەردە كۆرۈلمەكتە ( CA: A Cancer Journal
for Clinicians ). راكنىڭ ھەققىي سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ
ئورنىغا، دورا شىركەتلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان بىلىم دۇنياسى گەرچە راكنى
تەلتۆكۈس ساقايتالمىسمۇ، «ماۋۇ دورا بىمارلارنىڭ ئۆمۈرنى بىر يىل ئۇزاتتى ، ئاۋۇ دورا ئىككى يىل» دېگەندەك بىمارلارنىڭ ئارزۇ
ۋە خىياللىرىنى بېزەيدىغان سېھرلىك ۋە قىممەت دورىلار بىلەن راك ئېلىپ كەلگەن روھى
بېسىمنىڭ ئۈستىگە، يەنە ھەم بىمارلارغا ھەم دۆلەتلەرگە زور ئېغىر ئىقتىسادىي يۈك ئېلىپ
كەلمەكتە. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سان- سىفىرلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2010 - يىلى
راكنىڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن يىللىق ئىقتىسادىي چىقىمى 1 تىرىليون دوللاردىن ئېشىپ
كەتكەن. 2015- يىلىدىكى ئامېرىكانىڭ راك
ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلى 80 مىليارد دوللار بولۇپ، پۇلى يوق ئەللەر ۋە كېسەللەر «پۇلىمىز
بولسا ساقىياتتۇق» دېگەندەك ئوي- خىياللار بىلەن تەقدىردىن گۇمانلىنىشقا مەھكۇم
بولماقتا.
راكنىڭ
كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلار ئارىسىدا بەزىلەر
بەدىنىمىزدىكى گېنلارنى دوست ۋە دۈشمەن گېنلارغا ئايرىپ، راكنىڭ بۇ دۈشمەن گېنلار
( Oncogenes ) نىڭ گەۋدىلىنىشى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ
گېن داۋالاشلارنى مەقسەت قىلسا، يەنە بەزىلەر بىر قىسىم مىكروب ۋە ۋىرۇسلارنىڭ
راكنى پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ ۋاكسىنىلىرى بىلەن راكنىڭ ئالدىنى
ئېلىشنى تەشۋىق قىلماقتا. مەسلەن يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا، 50 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەردە چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ كۆرىنەرلىك
دەرىجىدە ئېشىپ كېتىش سەۋەبىنىڭ، ئامېرىكادا ھەر يىل 500000 دىن كۆپ ياللۇغ
ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان Clostridioides
Difficile باكتېرىيە ئىكەنلىكى چاشقان تەجرىبىسى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىلدى( Cancer Discovery ). بىز بۇ مىكروب ئۈستىدە « بولىدىغان زىرائەت
كۆكىدىن مەلۇم، ئۇنداقتا ساغلام ئىنسان؟» دېگەن يازمىدا توختىلىپ، « ئەگەر بۇ مىكروبلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق
بۇزۇلۇپ، دۇشمەن باكتېرىيە دوست باكتېرىيىدىن غالىب كەلسە، بەدەندە ھەرخىل
كېسەللىك باشلايدۇ. ھەتتا ئىنسان بۇ مىكروبلار دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇش
تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدۇ » دېگەن ئىدۇق. يەنى بۇ باكتېرىيە ئىنساننى راك قىلماي
تۇرۇپمۇ ھەريىلى ئامېرىكىدا 15000 كىشىنىڭ
جېنىنى ئالماقتا. كېلەچەكتە بۇ باكتېرىيەنىڭ ۋاكسىنىسى چىقسا، ئىنسانلار راكتىن
قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇ ۋاكسىنىلارنى بەس- بەستە
سالدۇرسا ھەيران قىلماڭ. ئەمما شۇنى سوراش كېرەك: ئەگەر ھازىرغا قەدەر كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان
400 گە يېقىن مىكروبنىڭ ھەربىرىنىڭ راك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىسپاتلانغان
تەقدىردە راكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن 400 ۋاكسىنىمۇ سالدۇرۇش كېرەك؟ ئەگەر ئۇلارمۇ Covid ۋىرۇسقا ئوخشاش توختىماي
مۇتاتسىيە سەۋەپلىك ئۆزگەرسە يەنى ئۇلارمۇ راك بولسا سېلىنىدىغان ۋاكسىنىنىڭ سانى
قانچە بولار؟
نەزەردىن
ساقىت قىلىنغان مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، راك پەيدا بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەب بىزنىڭ تەبىئىي
بولمىغان يېمەك – ئىچمەك ئادىتىمىز، ناباب
تۇرمۇش ئەندىزىمىز تۈپەيلى ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ كاردىن چىقىشىدۇر. راكنىڭ 20
- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ھاياتىمىزغا بۆسۈپ كىرگەن تەييار يېمەك -
ئىچمەكلەر، تىز تاماقلار، چىرايلىق پەردازلانغان قۇتىلاردا سۇنۇلغان خىمىيەلىك
(زەھەرلىك) ئوزۇقلۇقلار ، ھەرخىل ماركىلىق تاماكىلار ( تاماكا بايان )، داۋالاش ۋە تەكشۈرۈش مەقسىتىدە ئىنسان دۇچار
بولىۋاتقان رادىئاتسىيەلەر (CT ئاپپاراتلىرى، راك
ئاپەتلىرى ) گە ماس ھالدا كۆپىيىشى بۇنى كۆرسەتمەكتە. ئەسلىدە گېنىمىز قات- قات
بىخەتەرلىك قالقانلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشى ئاسان ئەمەس.
ئەمما بىز توختىماي زەھەر بىلەن ئۇنى غىدىقلىساق، مىكروبلار زەيلەشكەن ئىممۇنىتېت
سىستېمىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇنى قىچىغلىسا ئاچچىقى كەلگەن قويمۇ چىشلەپ قويغاندەك
گېنلىرىمىزمۇ مۇتاتسىيە بولۇپ، نورمال ھۈجەيرىلىرىمىز راك ، ساغلاملىقىمىز بولسا
ھارام بولىدۇ.
قىرىقتىن
ئاشقاندا راك بولماي دېسەك ، ساغلام ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بولۇشى شەرت. بۇ
خەزىنىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن < ساغلاملىق خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچلىرى > دا
كۆرسىتىلگەن 127 ئاچقۇچ بىلەن قۇلۇپلارنى بىرمۇ بىر ئىچىشىمىز كېرەك.