سەمرىتكەن ياغ ئەمەس، شېكەر

 1950 - يىللاردا مېدىتسىنا دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تويۇنغان ياغلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە سەۋەپ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ " ئىلمىي" تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتىدە ئاسمان- زېمىن ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا ئېلىپ كەلدى. ئەجدادىمىزنىڭ ياغ چايناپ ئېرىق چاپقان، دۈمبە جىگەر يەپ مادار تاپقان، تويۇنمۇش ياغ سىيالىرى بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر چولپان داستانىنى يازغاندەك پولاتتەك پاكىت، كۆز بىلەن كۆرۈنىدىغان ئەمەلىيەت ئالدىمىزدا تۇرسىمۇ ئىزچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، زامانىۋى مېدىتسىنا بىلەن كۆزى قاماشقان، داۋالاش رەھبەرلىرى بىلەن ئەقلىنى كىراغا بەرگەن دوختۇر- تېۋىپلارنىڭ ھەدەپ بۇ ئېقىمغا ماي قاچىلىشى ، تەشۋىقاتلارغا ئاۋاز قوشۇشى بىلەن خەلق  يۈرەك كېسىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قاتتىق ياغلاردىن سۇيۇق ئۆسۈملۈك ياغلىرىغا ، گۆش- ياغلاردىن شېكەر- تاتلىقلارغا يۈزلەندى. نەتىجىدە ئىنسانلار سۇيۇقلىشىپ، ساغلاملىقى چاپلىشىپ يۈرەك كېسەللىكلەرى تېخىمۇ ئاۋۇشقا، ياغدىن قېچىپ بەللىرى ياغ باغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن قاندىكى ماينى چۈشۈرىدىغان دورىلار ساغلاملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە رامبودەكلا پەيدا بولدى.

پروفېسسور دوختۇر ئەھمەت ئايدىن « تاش دەۋىرىدىكى يېمەك - ئىچمەكلەر» ناملىق كىتابىدا دەپ ئۆتكەندەك، تويۇنغان ياغلارنىڭ يۈرەك كېسەللىكلەرىگە سەۋەپ بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ " ئىلمىي" تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى Ancel Keys  بولۇپ،  ئۇ بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان 22 دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى 15 دۆلەتنىڭ سان- سىفىرلىرىنى تەتقىقاتنىڭ سىرتىدا تۇتۇپ بۇ نەتىجىگە ئېرىشكەن.  ئەمما بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ 4 يىلدىن كېيىن  Yerushalmey  بىلەن Hilleboe  قالغان 15  دۆلەتنىڭ سان- سىفىرلىرىنى قوشۇپ  قايتىدىن ئانالىز قىلىش ئارقىلىق يۈرەك كېسەللىكلىرى بىلەن تويۇنغان ياغلار ئارىسىدا ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەت يوقلۇقىنى كۆرسەتكەن. سەۋەبىنى بىلىشتە قىينالساقمۇ ئەمما ئامېرىكا  يۈرەك جەمئىيىتى ( American Heart Association ) بۇ جەمئىيەتنىڭ مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ  ئەزالىرىدىن بولغان  Ancel Keys نىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپتۇ. قاغا بالام ئاپپاق، كىرپە بالام يۇمشاق، ۋەياكى ئىشنىڭ ئىچىدە باشقا ئىش بارمۇ ؟

ئۇنداقتا ياغ يېمەي تۇرۇپ قاندىكى ياغ نېمىشقا يۈكسەلدى؟ بۈگۈنلەردە كولۇمبىيە  ئۇنىۋېرسىتى مىكروبىئولوگىيە ۋە ئىممۇنولوگىيە دوكتورى İvalyo İvanov نىڭ چاشقانلار ئۈستىدە ئېلپ بارغان تەتقىقاتىنىڭ ئېلان قىلىشى بىلەن ياغ ۋە شېكەرلەرنىڭ تەسىرى ھۈجەيرە سەۋىيەسىدە كۆرسىتىلىپ بىرىلدى. بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدا ئۇزۇندىن بىرى گىراناتلىشىپ كەتكەن « ياغ زىيانلىق» پىكرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكچە بولۇشى ئۈمىت قىلىنماقتا.

« بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇمدۇر، ئۇنداقتا ساغلام ئىنسان؟» دېگەن ماقالىدە قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك، كائىناتنىڭ غوجائاكىسى دەپ چوڭ گەپ قىلىدىغان ئىنساننىڭ بەدىنىدە ئىنسان ھۈجەيرىسىدىن كۆپرەك باكتېرىيە بار. دەل بۇ باكتېرىيە ئىنسان ھاياتىنىڭ قالقىنى بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى پىدائىيلىرى بولۇپ ، ۋۇجۇدىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەنلەر بىلەن كۈرەش قىلىشتا، بەدىنىمىزگە سۈمۈرۈلىدىغان ئوزۇقلۇقلار ۋە مۇھىم بەزى ۋېتامىنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىدا ئاشقازان- ئۈچەي يوللىرىغا جايلاشقان بۇ باكتېرىيەلەر مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇلار ئۆز ئالدىغا بەدىنىمىزدە بىر ئىمپېراتورلۇق قۇرغان بولۇپ، بۇ ئىمپېراتورلۇقنىڭ ئىسمى مىكروبلار دۇنياسى(  Microbiome )دۇر. ئەگەر بۇ مىكروبلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، دۇشمەن باكتېرىيە دوست باكتېرىيەدىن غالىپ كەلسە، بەدەندە ھەرخىل كېسەللىك  كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ھەتتا ئىنسان بۇ مىكروبلار دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇش تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسان ھۈجەيرە پەردىسى ئىككى قەۋەت ياغ مولېكۇلىسىدىن تۈزەلگەن بولۇپ، ياغسىز ھۈجەيرىلەر نورمال فۇنكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.

يۇقىرىقى تەتقىقاتتا چاشقانلارغا يۈكسەك شېكەرلىك يەم بىلەن تۆت ھەپتە باققاندىن كېيىن چاشقانلاردا سېمىزلىك ، ئىنسۇلىن قارشىلىق كۈچى قاتارلىق دىئابىتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. شۇنداقلا شېكەر چاشقانلارنىڭ ئۈچەيلىرىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ ئازىيىشىغا، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ بولسا ئۈچەيدىكى دۈشمەن ياغلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىدىغان ۋە ئۈچەيلەرنى ياللۇغىدىن قوغدايدىغان Th17  ھۈجەيرىلەرنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. چاشقانلارنى شېكەرسىز يۈكسەك ياغلىق يەملەر بىلەن بېقىپ، ئوخشاش كالورىيە بېرىلگەن بولسىمۇ، Th17  ھۈجەيرىلەرنىڭ سانى ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ۋە دىئابەتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن. Th17  ھۈجەيرىلىرى ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، شېكەرلەر شېكەر يالىتىلغان بومبا بىلەن بۇ ئەسكەرلەرنى كاردىن چىقارىدۇ، ساغلاملىقىنى قورغىنى بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنى ئىچىمىزدىن چۈرۈتىدۇ. ياغلار بولسا بۇ قەلئەنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەرلەرنى مايلاپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىمىزنىڭ ئۇلىنى چىڭىتىدۇ.

بۇ دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كەچمىشنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، تاتلىقلارغا تەسلىم بولغان، ھاياتىنى پەقەت بۇ دۇنيانىڭ تاتلىقلىرى بىلەن شەكىللەندۈرگەن، ئۆزىنى، ھاياتىنى، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىرادىسى يوقىتىپ قويغانلار بىز چاشقان بولمىساق دېيىشى مۇمكىن. « ئۇلارغا پۈتۈن دەلىللەرنى ئەكەلسەڭمۇ ئۇلار بەرىبىر ئىشەنمەيدۇ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزدە كۆرسىتىلگەندەك، ئەسلىدە ئۇلار ئاللىقاچان نەپسىنىڭ ئارقىسدا تىمسىقلاۋاتقان بىر چاشقانغا، كېسەللىكلەر بولسا بۇ چاشقاننىڭ كەينىگە چۈشكەن مۈشۈككە ئايلانغان بولۇپ، مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قېيىن!

بۇيەردە تەكىتلەپ ئۆتەشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر نۇقتا، ئىنسان ئىنسانغا ئوخشىمىغانغا ئوخشاش، ياغلارنىڭمۇ دوست- دۈشمىنى بار. بىزنىڭ دەيدىغىنىمىز تەبئىي ياغلار بولۇپ، شېكەردىن ئۇزاق تۇر، ياغ چايناپ باغ ئوينا!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى