راك مىراس قالمىسۇن

 بىزلەرنىڭ راك ئىبارىسى بىلەن تۇنجى تونۇشىشى ھەرھالدا « مەڭگۈلۈك مۇھەببەت » فىلىمىدىكى خەمىت بايۋەتچى ئايالى رۇخسارىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئاڭلىغان چاغدىكى ئۇ ئېچىنىشلىق ۋاقىراشلىرى بىلەن باشلىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇ چاغدا فىلىمنىڭ تىراگېدىيەسىنىڭ تەسىرىدە ئازابلانغان گۈدەك قەلبىم بىلەن دادامدىن « راك ساقايمامدۇ ؟ » دەپ سورغانلىقىم غىل- پال ئېسىمدە. ئۇ كۈندىن باشلاپ دوختۇرلۇق ھاياتىمدا نۇرغۇنلىغان  «خەمىت» بايۋەتچىلەرنىڭ كۆز ياشلىرىغا، نۇرغۇن رۇخسارىلارنىڭ ۋاپاتىغا شاھىت بولدۇم. ئېكرانلاردىن كۆرگەن ئۇ فىلىمنىڭ ئوخشىشىنى ھەققىي تۇرمۇشتا كۆرۈش ئىنساننى تېخىمۇ ئازابلايتتى. مەزمۇنى ئوخشاش، نەتىجىسى ئوخشاش، پەقەت پېرسوناژلار پەرقلىق ئىدى.

راك  ( Cancer )  ئۆسمە كېسەللىكلەرنىڭ ئىچىدىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، گەرچە بۇ كېسەللىكنىڭ دىئاگنوزى ۋە داۋالىشى جەھەتتە نۇرغۇن بۆسۈش خارەكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما راك يەنىلا دۇنيا بويىچە ئىنسانلارنىڭ جېنغا زامان بولىۋاتقان كېسەللەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا كەلمەكتە. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا ئۆلۈملەرنىڭ %16 گە راك سەۋەپلىك بولماقتا. 2018- يىلى دۇنيا مىقياسىدا  1 مىليون 760 مىڭ كىشى ئۆپكە راكىدىن، 860 مىڭ كىشى ئۈچەي راكىدىن، 780 مىڭ كىشى ئاشقازان راكىدىن، 780 مىڭ كىشى جىگەر راكىدىن، 620 مىڭ كىشى ئەمچەك راكىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. خەلقئارا راك تەتقىقات ئورگىنى (The International Agency for Research on Cancer IARC) نىڭ  تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018 - يىلدىلا 18 مىليون كىشىنىڭ راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى، جەمئىي راكتىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانىنىڭ 9 مىليون 600 مىڭ كىشى ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. ئەركەكلەرنىڭ %20 ى، ئاياللارنىڭ %17 ى ھاياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا راك كېسەللىكىگە گېرىپتار بولىدىغان بولۇپ، ئەركەكلەرنىڭ %13 ى، ئاياللارنىڭ % 9 ى راك كېسىلى بىلەن تۈگەپ كېتىدىكەن.

راك ھەر خىل ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ نەتىجىسىدە بەدىنمىزدىكى گېن ۋە گېن ئۈستى ( Epigenetic ) گېنلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىشى يەنى مۇتاتسىيە (Mutation ) سەۋەبىدىن ھۈجەيرىلەرنىڭ يارىتىلىشىدىكى قائىدە – قانۇنىيەتلەرگە  زىت ھالدا  چەكسىز ئاۋۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشى بولۇپ،  بۇ مۇتاتسىيە بىلەن نورمال ھۈجەيرىلەر دۇشمەن ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىدۇ. قان - تومۇر  ۋە لىمفا كانىلى بىلەن ئىنسان بەدىنىدىكى پۈتۈن ئەزالارغا تارقىلىپ ئۇلارنىڭ نورمال فۇنكسىيەسىنىڭ جارى قىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدۇ.  مۇنداقچە ئېيتقاندا، راك بەدىنىمىزدىكى ئۆز ھۈجەيرىمىزنىڭ بىزگە بولغان ئىسيانى بولۇپ، دوست دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ، يەنى بىزدىكى بالا قېرىنداشتىن كېلىدۇ، دېگەن گەپكە نەق توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋەقەگە سەۋەبچى بولغان ئاساسلىق ئامىل ئۆزىمىز بولۇپ ، راكنىڭ پەيدا بولۇشىدا گېن مۇتاتسىيەنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى ناھايىتى تۆۋەن. راكلارنىڭ كۆپى گېن ئۈستى ئۆزگىرىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بىر كېسەللىكنى گېن ئۈستى دېمەك، ئەسلىدە ئىنساننىڭ يەپ - ئىچىشى، يېتىپ- قوپۇشى، تۇرمۇش ئەندىزىسى، پىسخىكىسى، ئائىلە مۇھىتى، جەمئىيەتتىكى ئورنى قاتارلىق ساناقسىز ئامىللار كېسەللىككە سەۋەب بولدى  دېگەنلىك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىزگىنلىمەك ، سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىنى تېپىپ چىقماق ناھايىتى قېيىن دېمەكتۇر.

گېن ۋە گېن ئۈستىنىڭ ھەر مۇتاتسىيەسى راك پەيدا قىلالمايدۇ. چۈنكى ئىنسان بەدىنىدە ساغلاملىقىمىزنى  قوغداش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن بىر بىخەتەرلىك تورى بار بولۇپ، مۇرەككەپلىكى ۋە مۇكەممەللىكى ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىنىڭ تۈرتكىسىدە  مۇتانت ھۈجەيرىلەر( ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىلەر) ئىنسان بەدىنىدىن ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن تازىلىنىپ تۇرىدۇ. ئەمما بەزى راك پەيدا قىلالمايدىغان كىچىك مۇتاتسىيە ئىنساننىڭ گېندە ساقلىنىپ قالىدۇ ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋام قىلىدۇ. ئەگەر 2. ئەۋلادنىڭ  ھاياتىدا راك پەيدا بولۇشىغا پايدىلىق ئامىللار داۋام قىلغان تەقدىردە يىڭى مەيدانغا كەلگەن مۇتاتسىيە بىلەن كونسى قېتىلىپ راك پەيدا بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئادەم پەرزەنتلەرگە پەقەت مال- مۈلۈك مىراس تاشلاپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ناتەبىئىي  يەپ - ئىچىشى، ساقسىز تۇرمۇش ئەندىزىسى سەۋەبىدىن ھاسىل بولغان راك پەيدا قىلىدىغان گېن ۋە راكنىمۇ كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرىدۇ.  شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاشۇ مەسۇم، سەبىي ۋە بىغۇبار بالىلارمۇ راك بولىدىغان بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ دۇنيا راك دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2012- يىلى 165مىڭ بالىلار راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.  ئىنساننىڭ پەرزەنتلىرىگە قالدۇرۇپ كېتىدىغان ئەڭ قىممەتلىك مىراس گۈزەل ئەخلاق - پەزىلەت بولغانغا ئوخشاش، ئەڭ مۇھىم مىراسى ساغلام گېن بولسا كېرەك. چۈنكى يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك راكمۇ مىراس قالىدۇ.  راك پۈتۈن مال- مۈلۈكنى يالماپ يۇتۇپلا قالماستىن بىر ئىنساننىڭ ھاياتىنى، ئۇ ئىنسان تەۋە بولغان ئائىلىنىمۇ ھالەتكە ئىتتىرىدۇ.

بىز ئاتا- ئانىلار تەبىئىي يېمەك - ئىچمەك بىلەن جىسمىمىزنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ساغلام پىكىرلەر بىلەن روھىمىزنى كۈچلەندۈرۈپ ، تەبىئىيتىمىزگە ئۇيغۇن تۇرمۇش ئەندىزىسى بىلەن ساغلاملىققا قەدەم تاشلىشىمىز، ئەۋلادلارغا ساغلام بىر ئىز ۋە راكسىز بىر گېن قالدۇرۇپ كېتىشىمىز لازىم.  ئامانەت بولغان بۇ بەدىنىمىزنى ئوبدان قوغدىشىمىز كېرەك. مىراسىمىز ساغلاملىق ۋە گۈزەل ئەخلاق بولسۇن! 

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى