سۇنىڭ جىنى بار، جانسىز سۇنىڭ دېغى

 سۇ تەجرىبىخاندا ھېدروگېن گازىنى ئوكسىگېن گازىدا كۆيدۈرۈش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ، بۇ سۇنىڭ خىمىيەلىك فورمۇلاسى  H2O بولۇپ،  بۇ سۇنى ساپ سۇ، دەپ ئاتايمىز. ساپ سۇنىڭ تەركىبىدە باشقا مىنېرال ماددىلار ۋە مەنىۋى ئۇچۇرلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ سۇنىڭ ھەم تەمى يوق ھەم ئىنسان بەدىنىگە پايدىسى . تەبىئەت تەجرىبىخانىسىدا مەيدانغا كەلگەن يامغۇر سۇيى بۇ ساپ سۇغا ئوخشايدىغان بولۇپ، بۇ سۇ ئاسماندىن زېمىنغا چۈشكەندىن كېيىن، دەريا- ئۆستەڭلەردە ئېقىش جەريانىدا تاغ- تۇپراقلارنى ياللاپ،  مىنېرال ماددىلارنى ئۆزىگە قېتىپ، جۇغراپىيەلىك رايونلارنىڭ مۇھىت ئۇچۇرلىرى بىلەن ئوزۇقلانغاندىن كېيىن جانلىنىپ،  ئىنسان بەدىنىگە كەم بولسا بولمايدىغان بىر جانلىق ئوزۇقلۇققا ئايلىنىدۇ ۋە ھەر يۇرتنىڭ ئۆزىگە خاس تەمىنى ئالغاندىن كېيىن يەر ئاستىدا ساقلىنىدۇ. سۆزمۇ سۇغا ئوخشاش ئاغزىمىزدىن يامغۇردەك تۆكۈلىشتىن ئاۋۋال قەلب تۇپرىقىمىزدىكى تۇيغۇ مىنېراللىرى بىلەن يۇغۇرۇلمىغان تەقدىردە، ئادەمگە پايدىسى ۋە تەسىرى يوق جانسىز بىر كەلىمە بولىدۇ، خالاس. لېكىن سۇ ھازىر يۇمشاق تۇپراقلارنى ئەمەس قاتتىق بېتون- تاشلارنى يالايدىغان بولغاچقا، بۇ سۇلارنى ئىچكەن قەلىبلەرمۇ قېتىپ، سۆز تەسىر قىلمايدىغان تاشلارغا ئايلانماقتا. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سۇ مەلۇم رايوننىڭ پۈتۈن مۇھىت ۋە مەنىۋى ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى ساقلايدىغان سۇيۇق شەكىللىك ساقلاش دىتالىدۇر.

سۇنىڭ جېننىڭ بار بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۇ مولېكۇلىسىنىڭ تىترىشىدىن مەيدانغا كەلگەن ئۆزىگە خاس چاستوتىسى بولۇپ، بۇ ئىنسان ھۇجەيرىسىنىڭ چاستوتىسى بىلەن يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن،  ئۇلار ئارىسىدا پەيدا بولغان بئورىزونانىس ھادىسىسى بىلەن بىر- بىرگە تەسىر كۆرسىتىپ، بىر- بىرىگە ئېنېرگىيە ئاتا قىلماقتا. بۇ ئېنېرگىيەنىڭ كۈچى بىلەن ھۈجەيرە تۈزۈلۈشىنى، سۇ بولسا خرۇستال شەكلىنى قوغدىماقتا. سۇنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىشى، ھەر خىل ئاۋازلارنىڭ بۇ سۇ دولقۇنغا بولغان تەسىرىدىن تۈپەيلى،  سۇنىڭ  جېنى سىقىلىپ، چاستوتىسى ئۆزگىرىپ، ئىنسان ساقلىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە. ۋاراڭ - چۈرۈڭ ، شاۋقۇن- سۈرەنگە تولغان شەھەردە ياشىغان ئىنسانلارنىڭ نېمىشقا ھەر خىل كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولىدىغانلىقىنى، يېزا- قىشلاقتىكى سۇنىڭ ئىنسان ساقلىقىغا شىپا،  شارىلداپ ئاققان ئاۋازىنىڭمۇ ئىنسان روھىغا داۋا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى، دەپ قارايمىز.  بۇ دېيىلگەنلەردىن شۇ چىقىپ تۈردىكى،  سۇ جېنى بار بىر تەبئىي ئوزۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەنبەسى، تەركىبى، سۈپىتى ۋە تەبىئىيتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى ئىنسان ساغلاملىقىغا ئاجايىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەركىبى بۇزۇلغان، تەبئىيلىكىنى يوقاتقان، كىرلەنگەن سۇلار بەدەندە دۇغ پەيدا قىلىپ، نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە سەۋەبچى بولماقتا. شۇڭا دەيمىزكى سۇنىڭ جېنى بار، جانسىز سۇنىڭ دېغى.

ئەڭ قىممەتلىك سۇ تاغ چوققىلىرىدىكى قار سۇلىرى ۋە  يەر ئاستىدىكى بۇلاق سۇلىرى بولۇپ، بۇلار ئىنسان بەدىنى ئېھتىياجلىق نۇرغۇن مىنېراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ پايدىلىق سۇلاردۇر. ماگىزىنلاردا سېتىلىۋاتقان سۇلار ھەقىقىي بۇلاق سۇيى بولماستىن، قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن قۇدۇق سۇلىرىدىن ئىبارەتتۇر. پلاستىك قۇتىلارغا قاچىلىغان بۇ سۇلارنىڭ سۈپىتى پىلاستىكنىڭ تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار تۈپەيلى دەخلى تەرۈزگە ئۇچرىماقتا.   سۇلياۋ تۇڭلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى بولغان Bisphenol A ( BPA )  ئىنسان بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمونى (Estrogen ) قوبۇللىغۇچلىرى بىلەن تەسىرلىشىدىغان  بولۇپ، ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردە ئۇنىڭ ياغ ھۈجەيرىسى، كۆپىيىش ئورگانلىرى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى، جىگەر قاتارلىق نۇرغۇن ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، ھەر كۈنى كىلو بېشىغا 50 مىللىگرام BPA نىڭ ئىنسان مېڭە فۇنكسىيەسى، ھەرىكەت تۇتۇملىرى، جىنسى ئىقتىدارى، ئاياللاردا بولسا تۇغۇت ۋە بالاغەت باشلانغۇچىلىرىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. تۇربا سۇلىرىغا دېزىنفىكسىيە قىلىش مەقسىتىدە خلور قېتىلىدىغان بولۇپ، ھەم خلور ھەم نىترات قاتارلىق خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ ئىنساندا راك پەيدا قىلىش خەۋپى يۇقىرى. بۇ سەۋەپلىك ئىچىملىك سۇلىرىمىزنى ئەڭ ياخشىسى كۈپ ۋە ئەينەك شىشىلەردە ساقلىشىمىز، تۇربا سۇلىرىنى بىۋاستە ئىستېمال قىلماي، تەركىبىدىكى خلورنىڭ ئۇچۇپ كېتىشى ئۈچۈن ئاۋۋال قاينىتىپ سوۋۇغاندىن كىيىن ئىچىشىمىز كېرەك.

سۈزگۈچ سىستېمىلىرى بىلەن سۈزۈلگەن سۇلار گەرچە ئېغىر مېتاللار ۋە بەزى توكسىنلاردىن پاكىزلەنگەن بىلەن، ئىچىدىكى پايدىلىق مىنېراللارمۇ بىللە سۈزۈلۈپ يوق بولىدۇ. بۇ سۇلار قايمىقى ئېلىنغان سۈتكە ئوخشاش بولۇپ، زىيىنى يوقىغان بىلەن ئىنسان ۋۇجۇدىغا پايدىسىمۇ يوق.  بۇ خىل سۇلارنى ئىچىدىغانلار كرىستال تۈز بىلەن كەمچىل بولغان مىنېراللارنى تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. سودا سۇلىرى (  soda water  ) ئىچىگە كاربون تۆت ئوكسىد گازى قېتىلغان ناتەبىئىي سۇ بولۇپ ئۇلاردىن ئۇزاق تۇرۇش لازىم. سۇنىڭ ئىسسىق - سوغۇقلۇقى بەدەن تېمپوراتۇراسى بىلەن ئوخشاش بولىشى لازىم. بەك سوغۇق سۇلار قان- تومۇرلارنى تارايتىپ ھۇجەيلىرىمىزنىڭ سۇسىز قېلىشىغا سەۋەبچى بولدۇ. ئىنسان قېنىنىڭ PH  قىممىتى  7.45- 7.35 ئارىسىدا بولۇپ، ئىچىدىغان سۇيىمىزنىڭ PH  قىممىتىمۇ بۇ ئەتراپتا بولىشى لازىم . سۇنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل،  سۇدا ئېرىگەن كالتىسىي ۋە ماگنىي مىقدارى بولۇپ،  تەخمىنەن قاتتىقلىقى fr  10- 5 بولىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا بەك قاتتىق سۇلار ئىنسان بەدىنىدە تاش پەيدا قىلىپ قويىدۇ.   بۆرەك ئىقتىدارىدا بۇزۇلۇش كۆرۈلگەن بىمارلار بۆرەك زەئىپلىكىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،   ساپ مىنېرال سۇ ئىچكەندە دىققەت قىلىشى لازىم. نورمالدا كۈندە ئەڭ ئاز 2 لىتىر سۇ ئىچىش، ئەتىگەندە ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كېيىن ۋە كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش، يېمەكلەرنىڭ قولاي ھەزىم بولىشى ئۈچۈن تاماق بىلەن بىللە سۇ ئىچمەسلىك لازىم. ھەر خىل گازلىق ئىچىملىكلەر ۋە مېۋە سۇلىرى گەرچە ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن بەدەندە سۇسىزلىق سەۋەپ بولىدۇ.

بەدىنىمز سۇدىن، سۇ ساغلاملىقتىن ئىبارەتتۇر.  شۇڭا سۇنى ۋە سۇ ئىچىشنى ئۆگىنىپ ساغلاملىق چۆللىرگە سۇ باشلايلى.   

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى