چايغا مەرھەمەت

 چاي دۇنيا بويىچە سۇدىن قالسا ئەڭ كۆپ ئىچىلىدىغان ئىچىملىك بولۇپ، سۇغا ئوخشاش تەركىبىدىكى تەبئىي ماددىلار بىلەن بىر تەرەپتىن  ئىنسان ۋۇجۇدىغا قۇۋۋەت ، نەپسىگە راھەتلىك بېغىشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن چاڭقىغان ئۇسسۇزلۇققا دەرمان بولىدۇ. مۇشۇنداق بىر تەبئىي ۋە شىپالىق بىر ئىچىملىك بار تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق ناتەبىئىي ۋە ناپاك ئىچىملىكلەرگە ئاشىق بولىشىنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. بەلكى ھەققىي چاينىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن، تەبئىي چاينىڭ تەمىنى تېتىمىغان، ئەڭ مۇھىمى كەيىپ ۋە كەيپىياتىمىزغا چارە بولىدىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۇقمايدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ چايغا بولغان ئىشتىياقىنى قوزغاش، بىر پىيالە چايغا يوشۇرۇنغان مۇھەببەت ھېكايىسىنى ئاڭلىتىش مەقسىتىدە، كەمىنە ئىزچى «چاينىڭ» ئىزىغا چۈشتى.  قېنى چاينىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا مەرھەمەت.

چاي Camellia sinensis دېگەن ئۆسۈملۈك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، چاي ياپراقلىرى يېشىللىقى بىلەن تەبىئەتكە ھۆسىن قوشسا، خۇش پۇرىقى بىلەن دىماقلارغا پىراق، لەززىتى بىلەن قەلىبلەرگە شادلىق بەخش ئەتمەكتە. ئۆزى ئۆسكەن تۇپراقلارنىڭ پەرقلىق ھىدىنى ئالغان چايلارنىڭ تەركىبىدە 4000 دىن كۆپ خىمىيەلىك ئېلمېنېت مەۋجۇت بولۇپ، چاي ياپراقلىرىنىڭ يېتىلگەن زامانى ۋە بىخ ئۇچىدىكى ماكاننىڭ پەرقلىق بولۇشىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ سۈپىتى ۋە تەمى پەرقلىق بولىدۇ. چاي ياپراقلىرى توپلانغاندىن كىيىن،  ئۇلارنى قۇرۇتۇش، قاتلاش ۋە ئوكسىدلاش قاتارلىق جەريانلاردىن كىيىن قارا، يېشىل ۋە ئاق چايلار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. چاينىڭ تەركىبىدىكى Polyphenols, Theanine, caffein  ۋە Tannins  قاتارلىق  تەركىبلەر ئۇنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيەتلىرى  ۋە تەسىرىنى مەيدانغا چىقىرىدۇ. چاي بىر خىل Polyphenols بولغان flavonoids  ئەڭ كۆپ بولغان ئۆسۈملۈك بولۇپ،  ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى ئىنسان بەدىنىدىكى نۇرغۇن پايدىلىق تەسىرنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى.

چاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھايۋان ۋە ئىنسان ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجربىلەرگە قارايدىغان بولساق، چاينىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا ئىجابىي تەسىرلەر ئېلىپ كېلىدىغان ھەممە دەردكە داۋا بىر دورا ئىچىملىك ئىكەنلىكى كۆزگە چىقىلىدۇ. مەسلەن، بۇ تەجرىبىلەر چاينىڭ مىتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەنگە ئېنېرگىيە بېغىشلايدىغانلىقى،  قاندىكى مايلارنى ئېرىتىپ ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغانلىقى ۋە بۇ سەۋەپلىك يۈرەك قان- تومۇر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالدىغانلىقى، قاندىكى ئىنسۇلىن سەۋىيەسىنى ياخشىلاپ، دىئابىت كېسەللەردە قان شېكىرىنى چۈشۈرىدىغانلىقى، تومۇر قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن مېڭە تىقىلما خەۋپىنى ئازايتىدىغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ زېھنى فۇنكىسىيەسىنى ئاشۇرۇپ دىۋەڭلىكنىڭ ئالدىنى ئالدىغانلىقى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ خىزمىتىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى، ھۈجەيرە پارچىلىنىشىنى تىزگىنلەش بىلەن راكقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى، چاينىڭ تەبئىي باكتىريىە ۋە ۋىرۇسقا قارشى  تۇرغۇچ ئىكەنلىكى، بەدەندىكى ھېرىپ- چارچاشنى تۈگىتىپ ھاردۇقىنى چىقىرىدىغانلىقىنى، ئىنسانلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ خۇشاللىق بېغىشلايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ نەتىجىلەرگە قارىغاندا، ھەركۈنى تەرتىپلىك ۋە قەرەللىك ۋاقىتلاردا چاي ئىچكەن ئىنسانلارنىڭ كېسەل بولماسلىقى لازىم . ئەمما دۇنيادا چاينى ئەڭ كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان تۈركىيەدىكى ئەمەلىي ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە.  بۇنىڭ سەۋەبلىرى نېمىدۇر ئەجەبا؟

ئەڭ ئاۋۋال ئىنسان بەدىنى بىر پۈتۈنلۈك مېخانىزمغا ئىگە بىئولوگىيەلىك  بىر جانلىق بولۇپ، ئۇ ئاددىي پارچىلارنىڭ يىغىندىسىدىن مەيدانغا كەلگەن مېخانىك بىر ماشىنا ئەمەس. بىرگە بىرنى قوشساق ئىككى چىقىدۇ دىن ئىبارەت ماتېماتىكىلىق قائىدىلەر ۋە كەمچىل ئەسۋابنى تولۇقلاش ئارقىلىق ماشىنىنى ئەپلەش قاتارلىق فىزىكىلىق قائىدىلىرى، ئىنسان بەدىنىدە بۇ خىل شەكىلدە ئىشلىمەيدۇ. بەزى تەجىربىلەردىكى سان- سىفىرلىق نەتىجىلەر بەدەندىكى كىلىنكىلىق نەتىجىلەردىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھەر بىر ئادەم بىر ئالەم بولغانلىقى ئۈچۈن، مەمەتنىڭ دوپپىسى سەمەتكە، ھاشىخاننىڭ يوپكىسى سارىخانغا توغرا كەلمەيدۇ. نوقۇل تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدى دەپ بىر دورىنى ياكى بىر مەھسۇلاتنى ئىنسان ساغلاملىقى ئۈچۈن، ۋاز كېچىلمەس ئەڭگۈشتەر دەپ كۆرسىتىشنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە ، ئىنسان بەدىنىنىڭ قىممىتىنى ئۇ نەرسىنىڭ قىممىتى ۋە سەۋىيىسىگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئىنسان بەدىنىگە قىلىنغان ئېغىر ھاقارەتتۇر. ئىنساننىڭ بەدەن ۋە روھ ساغلاملىقى  ئۈچۈن، مۇھىم بولغان نەرسە ئىنسان يېمەك - ئىچمەك ئادىتى ، تۇرمۇش ئەندىزىسى ۋە ھايات پەلسەپىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە تەبىئىي ۋە توغرا بولىشى، ساغلاملىقنى قوغداشنىڭ كېسەللىكنى داۋالاشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت قائىدىنىڭ رېئاللىقتا ئەمىلىيلىشىدۇر. مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارىماي  يېتىۋېلىپ چاي ئىچىش ئىنسانغا ساقلىق ئەمەس، بەلكى بىتابلىق ئېلىپ كېلىدۇ. 

ھازىر ئىچىلگەن چايلارنىڭ چاڭقىغان ساغلاملىق سۇسىزلىقىنى قاندۇرالماسلىقىنىڭ  يەنى بىر سەۋەبى چايدا مەيدانغا كەلگەن ناتەبىئىيلىك ۋە ئىنسانلارنىڭ چاي ئىچىشىنى بىلمەسلىكىدۇر. يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان پايدىلىق تەسىرلەر تەبئىي چاينى تەبئىي شەكىلدە ئىچكەندە كۈچكە ئىگە بولۇپ،  مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئۆستۈرۈشتە ھورمونلانغان ۋە دورا سېپىلگەن چايلار، چاينىڭ تەمىگە سۈنئىي تەم قېتىش ئۈچۈن قېتىلغان ناتەبىئىي ماددىلار ۋە  تەدبىقلانغان ناتوغرا ئۇسۇللار، ئاسان ئىستېمال بىلەن كۆپ سېتىش مەقسىتىدە پەيدا بولغان سوغۇق چاي ۋە كىچىك خالتىلىق چايلار ئىنسان بەدىنىگە داۋا ئەمەس دەرد ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چايغا قېتىلغان قەن - ناۋات، ئەبجەش چاي دورىلىرى، چاينى ئاتنىڭ قېنىدەك قاينىتىش چاينى ساقلىققا دورا ئەمەس بىر ئوغىغا ئايلاندۇرىدۇ.  تۈركلەر كۆپ قىسمى  ئەسلىدە چاينى ئەمەس شېكەرنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنى شېكەرسىز چاي ئىچەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچكىنى چاي قېتىلغان تاتلىق سۇ بولۇپ،  شېكەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى چاي بىلەن يېپىشقا تىرىشىدۇ. بىز بولساق مىجەزىنى تەڭشەيدۇ دەپ چايغا بىر مۇنچە ئاچچىق چاي دورىسىنى قېتىپ  ئاچچىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىسسسىقلىق دەپ ناۋات ۋە ھەسەل قېتىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز. يەنە چاي ئىچىشنىڭ ئالدىدا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلاردىن بىرسى چاينىڭ تەركىبىدىكى تاننىك كىسلاتا (tannik acid  ) تۆمۈر ماددىسىغا باغلىنىپ تۆمۈرنىڭ بەدەندىن سۈمۈرلىشىنى توسايدىغان بولغاچقا، تۆمۈر ئازلىقىغا باغلىق قانسىزلىقى بارلار چاينى تاماق بىلەن ئەمەس ، تاماق ئارىسىدا ئىچىشى كېرەك. چاينىڭ تەركىبىدىكى كوففېئىن (  caffeine ) بەزى ئىنسانلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ، ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدىغان بولغاچقا، قېنىق چايلاردىن ئۇزاق تۇرۇشى ۋە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال چاي ئىچمەسلىكى لازىم.

تەبئىي دەملەنگەن بىر پىيالە چايدا ساغلاملىق، راھەتلىك ۋە خۇشاللىق بار بولۇپ، ئۇ ھەققىقەتەن ئىنساننىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ، كەيپىياتىنى كۆتۈرىدۇ.  ئۇنداقتا بىر پىيالە مەينەت ئىچىملىك ۋە مەينىڭ ئورنىغا،  بىر پىيالە چاي ئىچىڭ، ھەم نەپسىڭىز ھەم بەدىنىڭىز ئۇھ دېسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار