تەبىئىي زەھەر قايتۇرغۇچلار

ئالدىنقى يازمىدا قەيت قىلىپ ئۆتۈلگەندەك،  پۈتۈن ئەتراپىمىز زەھەر- توكسىن بىلەن بىلەن قورشالغان بولۇپ، بۇ دۈشمەنلەر بەدىنىمىزگە ھاۋادىن، سۇدىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلماقتا. ۋۇجۇدىمىزدىكى مۆجىزىۋى سىستېما بولغان ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بۇلار بىلەن تىنىمسىز كۈرەش قىلىپ ساغلاملىقىمىزنى ، ھاياتىمىزنى قوغداۋاتقان نامسىز قەھرىماندۇر. خۇددى تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ تۇن نىسپىدىن باشلىغان پىداكارانە خىزمىتى بولمىغان تەقدىردە كوچىلىرىمىز ئەخلەتلەرگە توشۇپ، ئەتراپ سېسىق پۇراقلارغا تولۇپ كېتىدىغانغا ئوخشاش، ئەگەر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ قەدىرگە يېتىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ- قۇۋەتلىمىسەك ، بەدىنىمىز زەھەرلەرگە تولۇپ، كېسەللىكنىڭ سىېسىق پۇراقلىرىنىڭ تارقىلىشىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش تەس. بۇ كۈرەشنىڭ ئەڭ قىيىن تەرىپى بولسا بىز بۇ دۈشمەنلەرنى جىن- شەيتانلارغا ئوخشاش ھېس قىلالماسلىقىمىز ، ھەتتا بۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىنمۇ خەۋەرسىز ھالەتتە ياشىشىمىزدۇر.  ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇتقىلى ۋە كۆرگىلى بولىدىغانلارنىڭمۇ ئۈستى ھەرخىل نەيرەڭلار ۋە كۆرۈنمەس چۈمپەردە بىلەن پەردازلانغان بولغاچقا، كۆزىمىزدىن ئاسانلا قېچىپ قۇتۇلماقتا. مەسىلەن، تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ بىر نومۇرى بولغانغا ئوخشاش، بۇ زەھەر- توكسىنلارنىڭمۇ ھەر بىرسىگە قويۇلغان نومۇرلىرى بار بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بۇلارنىڭ ئىسمى ئورنىغا بۇ نومۇرى بىلەن خىتاب قىلىنماقتا. ئادەم بەدىنىدە راك پەيدا قىلىدىغان، ھازىر يېمەكلەرگە لەززەت قاتىدىغان Mono sodyum glutamat ( MSG ) نىڭ مەخپى نومۇرى E621  بولۇپ، شېكەردىن 100 ھەسسە تېخمۇ تاتلىق بولغان تېتىتقۇ Aspartam نىڭكى E951   ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئون مىڭلىغان زەھەر- توكسىنلار يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ قۇتىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىدە بۇ سان- سىفىرلار بىلەن ئورۇن ئالغاچقا، ئۇلار ئاسانلىقلا كۆزىمىزدىن ساقىت بولماقتا.  

مەيلى كشىلەر، مەيلى كوللېكتىپ ياكى دۆلەت سەۋىيەسىدە كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ پرىنسىپى ئەڭ ئاۋۋال ساغلاملىقنى قوغداش بولۇپ، ساغلاملىقىمىزنى قوغداشتا، بۇ زەھەر- توكسىندىن ئۇزاق تۇرۇش، زەھەرسىز ئورگانىك يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش، توكسىنسىز تەبىئىي بويۇملارنى ئىشلىتىش ۋە توغرا تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ئاساستۇر. ئەمما ئەتراپىنى زەھەر- توكسىن ، جەمئىيەتنى يالغانچى- ساختىپەزلەر قاپلىغان، دۇنيا ئىنسانلارنىڭ پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى مەنپەئەت ئۈچۈن تالان - تاراج قىلىنىۋاتقان بۇ قاتتىق ھايات ۋە قانخور دۇنيادا، تەبىئىي مەھسۇلاتلارنى تېپىش، تەبىئىيتى ساغلام ئىنسانلارنى ئۇچۇرتۇش ۋە بۇلغانمىغان تەبىئەتتە ياشاش، گويا چۆلدىكى بىر تامچە سۇدەك ، رېئاللىققا ئايلانمايدىغان چۈشتەك تەس بولۇپ كەتتى. بۇلاردىن ئۆزىمىزنى قوغداش تەس بولغاچقا، بەزەن خالىمىساقمۇ بەدىنىمىزگە بۇ زەھەر- توكسىنلار ئاياق باسماقتا. بۇ خىل ۋەزىيەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز، بۇ زەھەر- توكسىنلارنى بەدىنىمىزدىن ھەيدەشتۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە < تامچىغان سۇ تاشنى تېشەر > مىسالى قورغىنىمىز قانچە مۇستەھكەم بولسا بولسۇن، زەھەر- توكسىنلارنىڭ يىللار بويى ھۇجۇمى ئاستىدا بۇ قورغان بۇزۇلۇپ، كېسەللىك ۋۇجۇدىمىزنى ئىشغال قىلىدۇ. تۆۋەندە بۇ تەبىئىي زەھەر قايتۇرغۇچلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى :

1- ئەڭ ئاۋۋال بۇ زەھەر- توكسىن بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولغان  ئاشقازان- ئۇچەيلىرىمىزنىڭ شىللىق پەردىسىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى قوغدىشىمىز، بۇ ئالدىنقى سەپتە بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىۋاتقان پىدايى ئۈچەي باكتېرىيەلىرنى جىقايتىشىمز لازىم. ئاشقازان - ئۈچەي دورىلىرى ۋە ئاغرىق توختاتقۇچلار ئەمەلىيەتتە بۇ ئالدىنقى سەپ ئىستىھكامىنى بۇزىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرى بولۇپ، بۇلاردىن ئۇزاق تۇرۇشىمىز لازىم. ئۈچەيلىرىمىزدىكى 2- 1.5 كىلوگرام بولغان بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ ساغلاملىقى بىزنىڭ ساقلىقىمىزنىڭ تۈپ ئاساسى بولۇپ، بۇلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن تەبئىي قېتىق، ئاچا  كۆكتات ۋە ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىشىمىز كېرەك.

2- بۇ توكسىنلارنىڭ بەدىنىمىزدىن تولۇق چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن، ئەۋرەز يوللىرىمىزنىڭ ئوچۇق بولىشى ، چوڭ - كىچىك تەرەتىمىزنىڭ راۋان بولىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن قەۋزىيەتتىن ساقلىنىش، تالالىق يېمەكلىكلەرنى يېشىمىز ۋە ھەر كۈنى ئەڭ ئاز 2000 مىللىلېتىر سۇ ئىچىشىمىز لازىم. تېرىمىزمۇ زەھەر ھەيدەيدىغان ئەزالىرىمىزدىن بىرى بولۇپ، تېرىمىزدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ۋۇجۇتتا  زەھەر- توكسىن بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

3-بەدىنىمىز نۇرغۇن زەھەر قايتۇرۇش سىستېمىسى ( Chelation ) بىلەن قوراللانغان بولۇپ، مېتىللىشىش ( Methylation ) ، مېتال گۇڭگۇرت ئاقسىلى ( Metallothionein - MT  )  قاتارلىقلار بۇلاردىن بىر قانچىسى. بۇ سىستېمىلارنىڭ نورمال فۇنكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرالىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلارغا ئېھتىياجى بار. بۇ  ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى خلوروفىل مول بولغان يېشىل كۆكتاتلار ۋە يوسۇنلار بولۇپ، بۇلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم.

4- يۇقىردا دەپ ئۆتۈلگەندەك مېتال گۇڭگۇرت ئاقسىلى مۇھىم زەھەر ھەيدىگۈچ بولۇپ، ئۇ سىماب، ئارسېن، نىكېل، قوغۇشۇن، ئاليۇمىن ۋە كادمىي قاتارلىق ئېغىر مېتاللارنى بىۋاستە باغلاپ ئۇلارنىڭ سىرىتقا ئاتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ئاقسىلنىڭ ئېغىر مېتاللارنى باغلاش كۈچنى ئاشۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل تەركىبىدىكى گۇڭگۇرتتۇر.  سامساق ، پىياز، تۇرۇپلارنىڭ تەركىبىدە گۇڭگۇرت مىقدارى كۆپ بولغان شىپالىق كۆكتاتلار بولۇپ، ئەلمىساقتىن كېسەللەرگە شىپا بولۇپ كەلمەكتە.

خۇلاسىلىغاندا، گەرچە ئەتراپىمىز زەھەرلەر بىلەن تولغان بولسىمۇ، ئەمما بىزگە بىرىلگەن زەھەر قايتۇرغۇچلارمۇ ئاز ئەمەس. بىز سەل قارايدىغان سۇ، قېتىق، ئاچچىقسۇ، ئاچا كۆكتات، يېشىل كۆكتات، سامساق، پىياز ۋە تۇرۇپلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئۈنۈملۈك زەھەر قايتۇرغۇچ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا تۆگىگە مىنىۋېلىپ تۆگە ئىزلەپ يۈرمەيلى.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى