يېشىل چايمۇ ؟ قارا چايمۇ؟

بىز كىچىك چاغلاردا مۇھىت پاكىز، يېمەك- ئىچمەكلەر تەبئىي، تەبىيتىمىز ساغلام ئىدى. بۇ سەۋەپلىك شېكەر، قان بېسىمى،  سېمىزلىك قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ئاز بولغاچقا، كىشلەر ئۇۋۇتۇش تەس بولغان  ئۇ خىش چاينى پەقەت ئۇسسۇزلۇق ۋە خۇمارلىق ئۈچۈن ئىچەتتى. مۇھىت كىرلىنىپ، يېمەك- ئىچمەكلەر تەبئىيلىكىنى يوقىتىپ، مەۋقەيىمىز قېيىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر جىقىيىشقا باشلىدى ۋە ساغلاملىقنى قوغدىغۇچى قەھرىمان سۈپتىدە ھەر خىل چايلار بازارلاردا ئورۇن ئېلىشقا، ئۇلارنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى سىھرىي كۈچى ئېغىزلاردا داستان بولۇشقا، ساغلاملىقنىڭ ئەڭگۈشتەرى سۈپتىدە قەلبىمىزدە تاج قۇرۇشقا باشلىدى. كېسەللەرنىڭ كېسەللىكلىرىدىن تىز ۋە ئاسان يوللار بىلەن  قۇتۇلۇشتەك، بىتاب پسىخىكىسىنى تونۇپ يەتكەن شىركەتلەر چاينى پەدەزلەپ، مۇبالىغلاشتۇرۇپ چاينى خۇددى دورا سۈپتىدە سۇندى ۋە بەزى چايلارنىڭ باھاسى ئالتۇن- كۇمۇش بىلەن بەسلىشىدىغان ھالغا كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئىنسان ھاياتىنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئىنسانلار ئۈچۈن يارىتىلغان تەبئىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، بىرسىنىڭ باشقا بىرسىگە ئۈستۈنلۈكى يوق. ئۈستۈن بولغىنى تەبئىي ۋە بەدەنگە ئەڭ ماس كەلگىنىدۇر. ئالتۇنمۇ بەزىلەرگە رېئاكسىيە قىلغانغا ئوخشاش، بەزىلەرگە پايدا قىلغان بىر ئۆسۈملۈك باشقىلارنى كېسەل قىلىشى مۇمكىن.  تېۋىپ ۋە دوختۇرلار مۇبالىغە قىلغاندەك مەلۇم ئۆسۈملۈكتە ئىنسانغا ئاجايىپ پايدىلىق، كېسەللەرگە شىپا بولىدىغان پەرقلىق بىر ئىلېمىنىتنىڭ بار بولىشى، ئۇنىڭسىز ھاياتنىڭ يوق بولىشى مۇمكىن ئەمەس. چايدىمۇ مەيلى ئۇ قارا چاي ياكى يېشىل چاي بولسۇن، مەيلى ئۇ ئاق چاي ياكى ۋۇلۇڭ  )  Oolong ) چاي بولسۇن ھەممىسى بىر ئائىلىنىڭ قاراقچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى  پەرقلىق بىر شىپا ئىلمېنتىگە ئىگە ئەمەس.

چايلارنىڭ ئىسىمى نېمە بولسا بولسۇن ھەممىسى Camellia sinensis ئائىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلارنى پەرقلىق قىلغان چاي ياپراقلىرى توپلانغاندىن كىيىن، قۇرۇتۇش ۋە ئوكسىدلاش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئۇسۇل پەرقىدىن ئىبارەت خالاس. ئوخشاش بىر ئىنسان قۇياش نۇرى جىق بولغان ئافرىقىدا قارا تەنلىك، قۇياش نۇرى ئاز بولغان ياۋرۇپادا ئاق تەنلىك، قۇياش نۇرى ئوتتۇرىھال بولغان ئاسىيادا سېرىق تەنلىك بولغانغا ئوخشاش ۋە ئۇلارنىڭ يارىتىلىش جەھەتتىن بىر- بىرىگە ئۈستۈنلۈكى بولمىغاندەك، چاي ياپراقلىرىنى ئوكسىدلاش بىلەن قارا چاي ، ئوكسىدلاش ئېلىپ بېرىلمىغاندا يېشىل ۋە ئاق چاي، ئازراق ئوكسىدلاش بىلەن  ۋۇلۇڭ چاي مەيدانغا كېلىدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بەلگىلەيدىغانPolyphenols Theanine, Caffein  ۋە Tannins قاتارلىق تەركىبلەرنىڭ پەقەت مىقدارىدا ئۆزگىرىش مەيدانغا كېلىدىغان بولۇپ، پەرقلىق بىر شىپا ماددىسىنىڭ پەيدا بولىشى مۇمكىن ئەمەس.  Catechins  يېشىل چايدىكى مىقدارى  قارا چايدىن كۆپ بولغان Polyphenols بولۇپ،  ئۇ Epigallocatechin-3-gallate ( EGCG ) شەكىلدە يېشىل چاينىڭ تەركىبىدە ئورۇن ئالماقتا. يېشل چاينىڭ قاندىكى مايلارنى ئېرىتىدىغان ، قاندىكى ئىنسۇلىن سەۋىيەسىنى ياخشىلايدىغان، ھۈجەيرە بۆلىنىشىنى تىزگىنلەش بىلەن راكقا قارشى تۇرۇش ۋە تەبئىي باكتىريىە ۋە ۋىرۇسقا قارشى  تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشى، دەل بۇ EGCG نىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىدىن كېلىپ چىقماقتا.  نۇرغۇن تەجرىبىلەر يېشىل چاينىڭ EGCG مىقدارى قار چايدىن جىق بولغانلىقى ئۈچۈن، يېشىل چاينىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى كۈچىنىڭ قار چايدىن ئازراق كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتماقتا.

قارا چاينىڭ تەركىبىدىكى Theaflavins ئوكسىدلىنىش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ مەيدانغا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ ماددا قان- تومۇرلاردىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان ۋە ئەينى ۋاقىتتا قان- تومۇرنى كېڭەيتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان نىترىت ئوكسىدىنىڭ تەسىرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى چۈشۈرىدىغانلىقى، يۈرەك قان- تومۇر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى، تومۇر قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن مېڭە تىقىلما خەۋپىنى ئازايتىدىغانلىقى تەجرىبىلەردە كۆرسىتىلمەكتە. 230 مىللىلىتىر  يېشىل چايدىكى كوففېئىن (  caffeine )  مىقدارى 35 مىللىگرام بولسا، قارا چايدا 100- 50 مىللىگرام ئارىسىدا بولغاچقا، بۇ يۇقىرى كوففېئىن سەۋەپلىك قارا چاي بەدەندە تېخىمۇ كۆپ Serotonin   ۋە Dopamine ئاجرىلىپ چىقىشقا ۋە بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ زېھنى فۇنكىسىيەسىنى ئاشۇرۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا تېخىمۇ ئويغاق بولۇشىمىزغا تۈرتكە بولماقتا. قەھۋەدە يوق بولغان لېكىن يېشىل چاغدىكى مىقدارى قارا چايغا قارىغاندا جىق بولغان Theanine ، بەدەندە GABA نىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بىلەن كوففېئىننڭ تەسىرىنى تىزگىنلىمەكتە ۋە ئىنسانلارغا راھەتلىك بېغىشلىماقتا.

ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر ئىككى چايدا بار بولغان تاننىك كىسلاتا (tannik acid  ) تۆمۈر قاتارلىق مېنىرال ماددىلارنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە توسالغۇ بولدىغان بولغاچقا، چاينى تاماق ئارىسىدا ئىچىش تىخىمۇ ياخشىدۇر. يۇقىردا كۆرسىتىلگەندەك، يېشىل چاي ۋە قارا چاينىڭ ئىچىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت مىقدارلىرى پەرقلىق بولغاچقا، تەسىرلىرى پەرقلىق. بىرسىنىڭ باشقا بىرسىگە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى يوق. يەنى ئىنسان ساغلاملىقى بىر دېڭىز بولسا، چاينىڭ بۇ ساغلاملىقتىكى رولى ئۇ دېڭىزغا قۇيۇلغان بىر پىيالە چايغا ئوخشايدۇ. شۇڭا ھەر قانداق بىر چاينى مۇبالىغە قىلىش توغرا ئەمەس. مۇھىم بولغىنى بىر پۈتۈن ساغلاملىق بولۇپ، بۇ ساغلاملىق چايغا ئوخشاش ئىنسان ساقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن بىر تامچە سۇلاردىن تەشكىل تاپماقتا.

خالىساڭ يېشىل چاي ئىچ، خالىساڭ قارا چاي ياكى دورا چاي ئىچ، ئەڭ توغرىسى بەدىنىڭ خالىغاننى ئىچ! ئىچىش جەرياندا پو ئېتىپ تىلىڭ كۆيمىسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى