ساقسىز مۇھىتتا ساقلىق، بىر مۇجىزىدۇر

مۇھىت بىر ئىنساننىڭ تېشىدىكى پۈتۈن شەيئىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئىنسان بەدىنىدىن ئىبارەت ئىچكى دۇنيا ئوتتۇرسىدىكى تەڭپۇقلۇقتىن ساغلام بىر ھايات مەيدانغا كېلىدۇ. مۇھىت ساغلاملىق ئۈچۈن ئۇ قەدەر مۇھىم بولۇپ، ناچار مۇھىتتا ئىنساننىڭ كېسەل بولىشى،دوگما ئىدىيە ۋە بەدەنگە ئىگە بولغان ئىنساننىڭ مۇھىتنى كېسەل قىلىشى تۇرغانلا گەپ. نۆۋەتتە تەپەككۈر كۆزى بىلەن ئەتراپقا، مۇھىتمىزغا بىر نەزەر تاشلىساق، ھاۋا، سۇ- تۇپراق، دېڭىز- ئوكيان ، تاغ - بوستان، دەريا - ئۆستەڭ، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، كۆكتات، مىۋە- چېۋىلەرنىڭ ھەممىسى زەھەر- توكسىن بىلەن بۇلغانغان بولۇپ، ھەتتا قەدىردان ئانىلارنىڭ  ئانا سۈتىمۇ بۇ زەھەرلەر بىلەن تولغاندۇر. بەزى تەتقىقاتلاردا ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە كالا سۈتىدىن جىق دېھقانچىلىق دورىسى بايقالغان بولۇپ1، بەزىلىرىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك قېنىدا 200 دىن جىق توكسىن ئۆلچەپ چىقىلغان2. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ھازىر بوۋاقلارنىڭ ئانا سۈتىنى ياراتماسلىقى، ئۇنى ئەممەسلىكى، تۇغۇلۇشىدىن بىتاب بولىشى ناھايىتى تەبئىي بولۇپ، تۇغما كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىنى تەقدىرگە دۆڭگەپ قويۇش ئىنسابسىزلىقتۇر. ئەسلىدە بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ سەۋەبى بولسا ناتەبىيلىكتۇر. شۇڭلاشقا، «ھەكىم ئىزى » نىڭ پەلسەپىسى « ساغلاملىق تەبئىيلىككە يوشۇرۇنغان » بولۇپ، شوئارى بولسا « ساغلام ھايات، ئانا قورسىقىدا باشلايدۇ».

بۇ زەھەر- توكسىن ھەر يەرنى قاپلىغان بولۇپ، بەزىلىرىنى بىز كۆرەلىگەن بىلەن بەزىلىرىنى بىز كۆرەلەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ماسلىشىپ، ھەر كۈنى يېڭى بىر خىل خىمىيەلىك ۋە ناتەبىئىي ماددىلار بىلەن تونۇشىۋاتىمىز، ھەر سېكۇنت ۋە ھەر دەقىقىدە ساغلاملىقىمىز يېڭى تەھدىتلەرگە دۇچار بولماقتا. بىر تەرەپ بۇ يېڭى زەھەر- توكسىننىڭ ئىجاد قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋاپپىقىيەت دەپ تەنتەنە قىلىۋاتسا، يەنى بىر تەرەپ بۇ زەھەرلەردىن كېسەل بولۇپ ساغلاملىقنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن يىغا- زارە قىلماقتا. ئېلېكتر-تور ئالاقىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن  ئاتموسفېرانى قاپلىغان رادىئاتسىيەلەر، قاتناش ئالاقىسنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىۋاتقان زەھەرلىك گازلار، دېڭىز- ئوكيانلارغا تۆكۈلۈۋاتقان كىسلاتالىق سۇلار، ئورمان ئوت ئاپەتلىردىن مەيدانغا كەلگەن زەھەرلىك ئىس- تۈتەكلەر، زاۋۇت- فابرىكىلارنىڭ ئوچاقلىرىدىن چىققان ئاچچىق تۇمان، يېزا- ئىگىلىكتە بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى سۈپتىدە تۇپراقلارغا چىچىلغان خىمىيەلىك دورا ۋە ئوغۇتلار، بۇلارغا چىداملىق گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئۇرۇقلار، ئىچىملىك سۇلىرىمىزنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن قېتىلغان ساقسىز دېزىنفىكسىيە ماددىلىرى ، تېشى پال- پال، ئېچى غال- غال ھەر خىل رەڭگارەڭ سۇلياۋلارغا ئورالغان يېمەكلىكلەر، خاشۇلارغا قاچىلانغان ئىچىملىكلەر،  سىماب، قوغۇشۇن، نىكېل قاتارلىق ئېغىرى مېتاللار بىلەن بۇلغانغان ئۆي جازىلىرى، كىيىم- كېچەك ۋە ئويۇنچۇقلارنىڭ ھەممىسى ساغلاملىقىمىزغا بىر تەھدىت، ھاياتىمىزغا بىر خەۋپتۇر.

ھەر تەرىپىمىزنى قورشىغان بۇ زەھەر- توكسىنلار كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىنسان بەدىنىگە تېرە، ھاۋا يوللىرى، ھەزىم قىلىش يوللىرى، سۈيدۈك ۋە جىنسىي يوللار قاتارلىق تەبىئي يوللار بىلەن ھۇجۇم قىلسا،  بەزىلىرى قان- تومۇرلار، تەكشۈرۈش ۋە ئوپېراتسىيە قاتارلىق سۈنئىي يوللاردىن بەدىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلماقتا. بۇ زەھەر- توكسىنلار ئىچىدە  بەزىلىرىنىڭ زەھىرى كۈچلۈك بولۇپ، تۇيۇقسىز ئۆلۈم ۋە جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلسا، يەنە بەزىلىرى بەدەننى ئاستا- ئاستا زەھەرلەپ ئاستا خارەكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلماقتا. راك، قانسىزلىق، زىققا، ئاللېرگىيە، ھەر خىل قان - تومۇر كېسەللىكلىرى، بۆرەك زەئىپلىشىش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، ، تومۇر ۋە جىگەردە قېتىشىش، چوڭ تەرەتنىڭ قېتىپ قېلىشى، جىنسىي ئىقتىداردا ئاجىزلىشىش، ئاشقازاندا ئىچىشىش، ئۈچەيدە ئاغرىش، تېرىدە قىچىشىش، كەيپىياتتا چۈشكۈنلىشىش، ئاسان ھېرىپ- چارچاش، ئاياللاردىكى ئادەت قالايمىقانلىشىش، تۈغىتى قىيىنلىشىش، زەھەرلىك ئۇپا - ئەڭلىكتىن چىرايى سەتلىشىش، كىچىك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشدىكى بىنورماللىق، تاشقى دۇنياغا تۇيغۇسىزلىق ( Autism ) ۋە سەۋەبى بىلىنمىگەن، ئىسمى قويۇلمىغان ھەر خىل ئۆزئىممۇنىتېت كېسەللىكلەرنىڭ ( Autoimmune Disease )  ھەممىسى،  ئەمەلىيەتتە بۇ زەھەرلەرنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنى ئاجىزلاشتۇرغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن بىنورماللىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

كۆپىنچىمىزنىڭ بۇ زەھەر- توكسىنلارغا تونۇشى سۇس بولغانلىقى ئۈچۈن،  بۇلار خۇددى  كۈندىلىك تۇرمۇشىدا يوقتەك ، شەخسىي ھاياتىدىن بەك ئۇزاقتەك ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ زەھەر- توكسىنلەر ھاياتىمىزغا ئۇ قەدەر سىڭىپ كەتكەچكە، ئۇلار دۇشمەن ئەمەس دوستىمىزدەك كۆرۈنمەكتە. مەسلەن ئاقايتىلغان ئۇنلار، يود قېتىلغان تۇزلار، تاتلىق زەھەر ھېسابلىنىدىغان قەنت - شېكەرلەر، تۇڭلۇق ياغ- سۇلار، قۇتۇلۇق سۈت ۋە مېۋە سۇلىرى، خىمىيەلىك ئوغۇت ۋە پارنىكتا ئۆسكەن كۆكتاتلار، سۈنئىي يەم بىلەن بېقىلغان قوي - كالا ۋە توخو- ئۆردەكلەر، رەڭلىك سېر ۋە بوياقلار، ئەتىر ۋە ناتەبىئىي پۇراقلار، باتارىيە ۋە گازلار، قاچا- قۇچا ۋە قازان -  قومۇچلار، گىرىم ۋە تازلىق بۇيۇملار،  تاماكا - ھاراقلار، نىلون كېيىم- كېچەكلەر، ئېلىكترونلۇق ئەسۋابلار، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ، شاۋقۇن - سۈرەنگە تولغان مەھەللە- كوچىلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى،  بىر خىل زەھەر- توكسىننىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئىنسان بۇلارسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىشى گويا ئىمكانسىزدەك ھېس قىلماقتا. بۇ ئۆمەر ھاييامنىڭ < جاللاتىغا ئاشىق بولسا بىر مىللەت، ئۇنىڭغا ھەقتۇر ھەر تۈرلۈك زىللەت > دېگەن مىسرالىرىدا تەسۋىرلىگەن ئۆزىنىڭ جاللاتىغا ئاشىق بولۇش بۇ بولسا كېرەك. ئەسلىدە بۇ قەدەر زەھەر- توكسىنلارغا تولغان مۇھىتتا ساغلام قېلىش بىر مۆجىزە بولۇپ، بۇنى كۆرگەن ، بۇنى تەپەككۇر قىلىغان ئىنسان، ئادەم بەدىنىنىڭ نەقەدەر مۇكەممەل يارىتىلغانلىقىغا ھەيران قالماي قالمايدۇ. نۆۋەتتە ، بىر تەرەپتىن دۇنيادا ھەممىدىن «تەبىئىي»نى تاپماق تەس بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيا تەبىئىيلىككە يۈزلەنمەكتە. ( مەزكۇر تېمىدىكى يازمىلارغا نەزەر تاشلاڭ )

ساقسىز مۇھىتتا ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى ۋە سىرى تەبىئىيلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدىكى ئىپادىسى ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلش، تەبئىي بۇيۇملارنى ئىشلىتىشتۇر. ئورگانىك دېمەك زەھەر- توكسىنلاردىن ئۇزاق دېمەك بولۇپ، تەبىئىينى تېپىش، تەبئىيلىككە قايتىش ۋە تەبئەتنى سۆيۈش قاتارلىقلار پۈتۈن كېسەللەرگە شىپا، دەردلەرگە داۋادۇر. 

مۇھىت بىر ئىنساننىڭ تېشىدىكى پۈتۈن شەيئىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئىنسان بەدىنىدىن ئىبارەت ئىچكى دۇنيا ئوتتۇرسىدىكى تەڭپۇقلۇقتىن ساغلام بىر ھايات مەيدانغا كېلىدۇ. مۇھىت ساغلاملىق ئۈچۈن ئۇ قەدەر مۇھىم بولۇپ، ناچار مۇھىتتا ئىنساننىڭ كېسەل بولىشى،دوگما ئىدىيە ۋە بەدەنگە ئىگە بولغان ئىنساننىڭ مۇھىتنى كېسەل قىلىشى تۇرغانلا گەپ. نۆۋەتتە تەپەككۈر كۆزى بىلەن ئەتراپقا، مۇھىتمىزغا بىر نەزەر تاشلىساق، ھاۋا، سۇ- تۇپراق، دېڭىز- ئوكيان ، تاغ - بوستان، دەريا - ئۆستەڭ، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، كۆكتات، مىۋە- چېۋىلەرنىڭ ھەممىسى زەھەر- توكسىن بىلەن بۇلغانغان بولۇپ، ھەتتا قەدىردان ئانىلارنىڭ  ئانا سۈتىمۇ بۇ زەھەرلەر بىلەن تولغاندۇر. بەزى تەتقىقاتلاردا ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە كالا سۈتىدىن جىق دېھقانچىلىق دورىسى بايقالغان بولۇپ1، بەزىلىرىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىك قېنىدا 200 دىن جىق توكسىن ئۆلچەپ چىقىلغان2. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ھازىر بوۋاقلارنىڭ ئانا سۈتىنى ياراتماسلىقى، ئۇنى ئەممەسلىكى، تۇغۇلۇشىدىن بىتاب بولىشى ناھايىتى تەبئىي بولۇپ، تۇغما كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىنى تەقدىرگە دۆڭگەپ قويۇش ئىنسابسىزلىقتۇر. ئەسلىدە بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ سەۋەبى بولسا ناتەبىيلىكتۇر. شۇڭلاشقا، «ھەكىم ئىزى » نىڭ پەلسەپىسى « ساغلاملىق تەبئىيلىككە يوشۇرۇنغان » بولۇپ، شوئارى بولسا « ساغلام ھايات، ئانا قورسىقىدا باشلايدۇ».

بۇ زەھەر- توكسىن ھەر يەرنى قاپلىغان بولۇپ، بەزىلىرىنى بىز كۆرەلىگەن بىلەن بەزىلىرىنى بىز كۆرەلەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلىم- پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ماسلىشىپ، ھەر كۈنى يېڭى بىر خىل خىمىيەلىك ۋە ناتەبىئىي ماددىلار بىلەن تونۇشىۋاتىمىز، ھەر سېكۇنت ۋە ھەر دەقىقىدە ساغلاملىقىمىز يېڭى تەھدىتلەرگە دۇچار بولماقتا. بىر تەرەپ بۇ يېڭى زەھەر- توكسىننىڭ ئىجاد قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋاپپىقىيەت دەپ تەنتەنە قىلىۋاتسا، يەنى بىر تەرەپ بۇ زەھەرلەردىن كېسەل بولۇپ ساغلاملىقنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن يىغا- زارە قىلماقتا. ئېلېكتر-تور ئالاقىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن  ئاتموسفېرانى قاپلىغان رادىئاتسىيەلەر، قاتناش ئالاقىسنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىۋاتقان زەھەرلىك گازلار، دېڭىز- ئوكيانلارغا تۆكۈلۈۋاتقان كىسلاتالىق سۇلار، ئورمان ئوت ئاپەتلىردىن مەيدانغا كەلگەن زەھەرلىك ئىس- تۈتەكلەر، زاۋۇت- فابرىكىلارنىڭ ئوچاقلىرىدىن چىققان ئاچچىق تۇمان، يېزا- ئىگىلىكتە بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى سۈپتىدە تۇپراقلارغا چىچىلغان خىمىيەلىك دورا ۋە ئوغۇتلار، بۇلارغا چىداملىق گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئۇرۇقلار، ئىچىملىك سۇلىرىمىزنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن قېتىلغان ساقسىز دېزىنفىكسىيە ماددىلىرى ، تېشى پال- پال، ئېچى غال- غال ھەر خىل رەڭگارەڭ سۇلياۋلارغا ئورالغان يېمەكلىكلەر، خاشۇلارغا قاچىلانغان ئىچىملىكلەر،  سىماب، قوغۇشۇن، نىكېل قاتارلىق ئېغىرى مېتاللار بىلەن بۇلغانغان ئۆي جازىلىرى، كىيىم- كېچەك ۋە ئويۇنچۇقلارنىڭ ھەممىسى ساغلاملىقىمىزغا بىر تەھدىت، ھاياتىمىزغا بىر خەۋپتۇر.

ھەر تەرىپىمىزنى قورشىغان بۇ زەھەر- توكسىنلار كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىنسان بەدىنىگە تېرە، ھاۋا يوللىرى، ھەزىم قىلىش يوللىرى، سۈيدۈك ۋە جىنسىي يوللار قاتارلىق تەبىئي يوللار بىلەن ھۇجۇم قىلسا،  بەزىلىرى قان- تومۇرلار، تەكشۈرۈش ۋە ئوپېراتسىيە قاتارلىق سۈنئىي يوللاردىن بەدىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلماقتا. بۇ زەھەر- توكسىنلار ئىچىدە  بەزىلىرىنىڭ زەھىرى كۈچلۈك بولۇپ، تۇيۇقسىز ئۆلۈم ۋە جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلسا، يەنە بەزىلىرى بەدەننى ئاستا- ئاستا زەھەرلەپ ئاستا خارەكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلماقتا. راك، قانسىزلىق، زىققا، ئاللېرگىيە، ھەر خىل قان - تومۇر كېسەللىكلىرى، بۆرەك زەئىپلىشىش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، ، تومۇر ۋە جىگەردە قېتىشىش، چوڭ تەرەتنىڭ قېتىپ قېلىشى، جىنسىي ئىقتىداردا ئاجىزلىشىش، ئاشقازاندا ئىچىشىش، ئۈچەيدە ئاغرىش، تېرىدە قىچىشىش، كەيپىياتتا چۈشكۈنلىشىش، ئاسان ھېرىپ- چارچاش، ئاياللاردىكى ئادەت قالايمىقانلىشىش، تۈغىتى قىيىنلىشىش، زەھەرلىك ئۇپا - ئەڭلىكتىن چىرايى سەتلىشىش، كىچىك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشدىكى بىنورماللىق، تاشقى دۇنياغا تۇيغۇسىزلىق ( Autism ) ۋە سەۋەبى بىلىنمىگەن، ئىسمى قويۇلمىغان ھەر خىل ئۆزئىممۇنىتېت كېسەللىكلەرنىڭ ( Autoimmune Disease )  ھەممىسى،  ئەمەلىيەتتە بۇ زەھەرلەرنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنى ئاجىزلاشتۇرغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن بىنورماللىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

كۆپىنچىمىزنىڭ بۇ زەھەر- توكسىنلارغا تونۇشى سۇس بولغانلىقى ئۈچۈن،  بۇلار خۇددى  كۈندىلىك تۇرمۇشىدا يوقتەك ، شەخسىي ھاياتىدىن بەك ئۇزاقتەك ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ زەھەر- توكسىنلەر ھاياتىمىزغا ئۇ قەدەر سىڭىپ كەتكەچكە، ئۇلار دۇشمەن ئەمەس دوستىمىزدەك كۆرۈنمەكتە. مەسلەن ئاقايتىلغان ئۇنلار، يود قېتىلغان تۇزلار، تاتلىق زەھەر ھېسابلىنىدىغان قەنت - شېكەرلەر، تۇڭلۇق ياغ- سۇلار، قۇتۇلۇق سۈت ۋە مېۋە سۇلىرى، خىمىيەلىك ئوغۇت ۋە پارنىكتا ئۆسكەن كۆكتاتلار، سۈنئىي يەم بىلەن بېقىلغان قوي - كالا ۋە توخو- ئۆردەكلەر، رەڭلىك سېر ۋە بوياقلار، ئەتىر ۋە ناتەبىئىي پۇراقلار، باتارىيە ۋە گازلار، قاچا- قۇچا ۋە قازان -  قومۇچلار، گىرىم ۋە تازلىق بۇيۇملار،  تاماكا - ھاراقلار، نىلون كېيىم- كېچەكلەر، ئېلىكترونلۇق ئەسۋابلار، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ، شاۋقۇن - سۈرەنگە تولغان مەھەللە- كوچىلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى،  بىر خىل زەھەر- توكسىننىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئىنساننىڭ بۇلارسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىشى گويا ئىمكانسىزدەك ھېس قىلماقتا. بۇ ئۆمەر ھاييامنىڭ < جاللاتىغا ئاشىق بولسا بىر مىللەت، ئۇنىڭغا ھەقتۇر ھەر تۈرلۈك زىللەت > دېگەن مىسرالىرىدا تەسۋىرلىگەن ئۆزىنىڭ جاللاتىغا ئاشىق بولۇش بۇ بولسا كېرەك. ئەسلىدە بۇ قەدەر زەھەر- توكسىنلارغا تولغان مۇھىتتا ساغلام قېلىش بىر مۆجىزە بولۇپ، بۇنى كۆرگەن ، بۇنى تەپەككۇر قىلىغان ئىنسان، ئادەم بەدىنىنىڭ نەقەدەر مۇكەممەل يارىتىلغانلىقىغا ھەيران قالماي قالمايدۇ. نۆۋەتتە ، بىر تەرەپتىن دۇنيادا ھەممىدىن «تەبىئىي»نى تاپماق تەس بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيا تەبىئىيلىككە يۈزلەنمەكتە. ( مەزكۇر تېمىدىكى يازمىلارغا نەزەر تاشلاڭ )

ساقسىز مۇھىتتا ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى ۋە سىرى تەبىئىيلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدىكى ئىپادىسى ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلش، تەبئىي بۇيۇملارنى ئىشلىتىشتۇر. ئورگانىك دېمەك زەھەر- توكسىنلاردىن ئۇزاق دېمەك بولۇپ، تەبىئىينى تېپىش، تەبئىيلىككە قايتىش ۋە تەبئەتنى سۆيۈش قاتارلىقلار پۈتۈن كېسەللەرگە شىپا، دەردلەرگە داۋادۇر.


1. http:// www. bugday.org/article.php?Id= 227

2.http:// www.reports/bodyburden2/execsumm.php

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى