ۋىتامىن

 ۋىتامىنلار بەدىنىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ،بەدىنىمىزدە ھەر مىنۇت -  سېكۇنت يۇز بېرىۋاتقان ئون مىڭلىغان خىمىيەلىك رېئاكسىيەلەرنىڭ ياردمچى كاتالىزاتورى، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزدىن ئىبارەت قەلئەنىڭ ئۇلتېشى، نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئاكتىپ مولىكۇلالاردۇر. ئىنسان بەدىنىدە مەۋجۇت ۋىتامىنلارنىڭ سانى 13 بولۇپ، ئۇلار، ۋىتامىن A ( Retinols )، ۋىتامىن B1 ( Thiamine ) ، ۋىتامىن B2 ( Riboflavin )، ۋىتامىن B3 ( Niacin )، ۋىتامىنB5 ( Pantothenic acid )، ۋىتامىنB6 ( Pyridoxine )، ۋىتامىنB7 ( Biotin )، ۋىتامىنB9 (Folic acid  )، ۋىتامىنB12 (Cobalamins )، ۋىتامىن C ( Ascorbic acid ۋىتامىن D ( Calciferol )،  ۋىتامىنE ( Tecopherols/ Tecotrienols )، ۋىتامىن K ( Phylloquinones ) دىن ئىبارەت بولۇپ، بەزىلەر خولىن ( Choline ) نىمۇ ۋىتامىن دەپ قارىماقتا.  بۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر خىل مولىكۇلا بولماستىن، بەزىلىرى بىربىرىگە ئوخشىغان بىر قانچە مولىكۇلالاردىن تەشكىل تاپماقتا.

بىر- بىرىدىن پەرقلىق بۇ  ۋىتامىنلارنىڭ ئورتاق فۇنكسىيەسى بەدەندىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە بەدەندىكى زەھەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى بەدىنىمىزنى داتلىشىشتىن قوغدايدىغان كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچلار (  Antioxidants ) ۋە  زەھەر قايتۇرغۇچلاردۇر. بۇنىڭ  بىلەن بىرگە بۇلارنىڭ ھەر بىرسى ئۆزىگە خاس فۇنكسىيەسى بار بولۇپ،  ۋىتامىن A كۆزىمىز ۋە كۆرۈش ئىقتىدارى ئۈچۈن مۇھىم بولسا، ۋىتامىن B ئېنزىملارنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن،  ۋىتامىن C تېرە ۋە يۇمشاق توقۇلمىلار ئۈچۈن، ۋىتامىن D سۆڭەك ۋە مىڭىمز ئۈچۈن، ۋىتامىنE نىرىپ ۋە قان- تومۇرلىرىمىز ئۈچۈن، ۋىتامىن K بەدىنىمىزنىڭ قان قېتىشىش سىستېمىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا بۇلارنى بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر ماددىلار دېسەك، ناھايىتى توغرا بولىدۇ.

ئىنسان ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇھىم بولغان بۇ ۋىتامىنلار تەبىئەت دورىخانىسىدا ئۇ قەدەر كۆپ يەر ئالغان بولۇپ، تەبئىي ئوزۇقلىنىش شەكلى، توغرا تۇرمۇش ئادىتى بولغان بىر ئىنساندا ۋىتامىنسىزلىقنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئادەم ۋە ئالەم مۇناسىۋىتىدە ئالەم خۇددى ئادەم ئۈچۈن لايىھىلەنگەندەك، ئادەم بالىسى ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان نەرسىلەر يوشۇرۇن تەڭپۇڭلۇق قانۇنيىتىگە بىنائەن ئەڭ كەڭرى تەرىقىدە ، ئەڭ ئەزان بىر باھادا ئىنسانلارغا تەقدىم قىلىنماقتا. بىز ئىستېمال قىلىۋاتقان بۇغداي، ئارپا، گۈرۈچ، كۆكتات، مېۋە - چىۋە ، نوقۇت- ماش، قوي- كالا گۆشى ، ئۇچار- قانات ۋە تۇخۇملىرى، سۇت - قايماق، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ۋە كاللا - پاچاقلىرى، گازىر- پۇرچاق، ياڭاق- بادام ، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋان ياغلىرى، بىز بىكارلىق بەھىرلىنىۋاتقان قۇياش نۇرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر ۋىتامىن مەنبەسى بولۇپ، ھەر بىر خىل يېمەك - ئىچمەكتە يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن ۋىتامىنلاردىن بىر قانچىسى بىللە مەۋجۇت. ئەتراپىمىزدا بۇ قەدەر تەبئىي ۋىتامىنلار بار تۇرۇپ،  ئىنسانلارنىڭ ۋىتامىنسزلىقتىن قاخشىشى ، قىممەت، ناتەبىئىي ۋىتامىن دورىلىرى ئۈچۈن دورىخانلارغا يۈگۈرىشى ناھايىتى ئەجەبلىنەرلىك بولۇپ، ئىنسان «تۆۋە» دەپ ياقىسىنى چىشلىمەي تۇرالمايدۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن ۋىتامىنسىزلىق بار بولسا، دېمەك يا يېمەك- ئىچمەك ساختا، يا تۇرمۇش ئەندىزىسى خاتادۇر!

ئىنسان ئەزالىرىنىڭ ۋىتامىنلارغا بولغان ئېھتىياجى پەرقلىق بولغانغا ئوخشاش، ئوخشاشمىغان ئوزۇقلاردىكى ۋىتامىنلارنىڭ تەركىبىي ۋە مىقدارىمۇ ئوخشاش ئەمەس. تېرىمىز قۇياش نۇرىدىن ۋىتامىن D نى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ۋىتامىن B3، ۋىتامىنB7 ، ۋىتامىن K  قاتارلىقلار ئۇچەي يوللىرىمىزدىكى دوست باكتىرىيەلەر تەرىپىدىنمۇ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ۋىتامىنB12 بولسا ھايۋان ۋە ئىنساننىڭ چوڭ ئۈچىيىدىكى باكتىرىيىدىن ئىشلەپچىقىرىلسىمۇ، ئامما ئىنسان بەدىنىدىكى ۋىتامىنB12 نىڭ قوبۇل قىلغۇچىسى (Receptor ) ئىنچىكە ئۈچەيگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ھەمدە ئۆسۈملۈكلەردە ۋىتامىنB12 بولمىغانلىقى سەۋەپلىك، ئىنساندا ۋىتامىنB12 كەمچىللىكى كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن گۆشكە مۇھتاج. (ئوتخورلۇق مۇ ؟ گۆشخورلۇق مۇ؟ دېگەن  تېمىدىكى يازمىنى ئوقۇپ چىقىڭ ).  ئىنسان ساغلاملىقى ئۈچۈن پۈتۈن   ۋىتامىنلارغا ئېھتىياجى بار بولۇپ، ۋىتامىنلار ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز- ئارا ھەمكارلىققا، ئۆز- ئارا ياردەمگە ئېھتىياجى بار. شۇڭا يېمەك - ئىچمەكتىكى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى سەرخىللىق ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى، تاق خىللىق بولسا ساغلاملىقنىڭ قىيامىتى.

ۋىتامىنسىزلىق ئىنسان بەدىنىدە نۇرغۇن بىئارامچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، بەزىدە باشلانغۇچ مەزگىلىدە بۇلارنى قان ئۆلچىمى بىلەن تەكشۈرۈپ چىقماق تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىتامىنلارنىڭ فۇنكسىيەسى گىرەلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، بەزىدە بىر خىل ۋىتامىنىڭ كەمچىلىكى  بەدەندىكى نۇرغۇن ئەزادا مەسىلە پەيدا قىلسا ، بەزىدە بىر بىئارامسىزلىق نۇرغۇن ۋىتامىنلارنىڭ  كەمچىلىكىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. بەزىدە بولسا ۋىتامىنسىزلىق بىر كېسەللىكنىڭ سەۋەبى بولسا، يەنە بەزىدە ۋىتامىنسىزلىق كېسەللىكنىڭ نەتىجىسى بولىشى مۇمكىن.  ۋىتامىنسىزلىق ئىنساندا بەزىدە ئاسان ھېرىپ- چارچاش، ئاسان تېرىكىش، ئۇنۇتقانلىق، بەدەن قىچىشىش، تېرىسى يىرىلىش ۋە كۆكۈرۈش قاتارلىق يىنىك ئالامەتلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقسا، بەزىدە تۇغماسلىق، بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى بىنورمالىق، قانسىزلىق، پالەچ ۋە ھەتتا ئۆلۈم قاتارلىق ئېغىر كلىنىكىلىق ئاقىۋەتلەرگە يول ئىچىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ۋىتامىنلارنىڭ رولىنى تونۇش، ۋىتامىنسىزلىقتىن قانداق ساقلىنىش لازىملىقىنى بىلىش لازىم.

ۋىتامىنلار ساغلاملىق دېڭىزدىكى ئۈنچە- مارجانلار بولۇپ، گەرچە ئۈنچە- مارجاندەك قىممەتلىك ۋە بىباھا بولغىنى بىلەن، ئۈنچە- مەرۋايىتتەك تېپىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس. ھەر تەرىپىمىز ۋىتامىنلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، بايلىق ئۈستىدە تىنەپ يۈرگەن تىلەمچى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنايلى!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى