قۇياش ۋىتامىن چاچىدۇ، ئىنسانلار ئاپتاپتىن قاچىدۇ

 ئالدىنقى يازمىلىرىمىزدا ۋىتامىنلارنىڭ ئىنسان ساغلاملىقى، خۇشاللىقى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. بۇ ۋىتامىنلارنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن D ( Calciferol ) ئۆزىگە خاس خاراكتېرى ۋە رولى جەھەتتىن ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى ۋىتامىنلارنىڭ پادىشاھى ۋە چولپىنى دېسەك، مۇبالىغلاشتۇرغان بولمايمىز. ۋىتامىن D تۈرتكىسىدە سۆڭەكلىرىمىزنىڭ خام ماددىسى بولغان كالتىسىي ۋە فوسفور ئۈچەيلىرىمىزدىن شۈمۈرلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭسىز ئىچىلگەن قىممەت باھالىق كالتىسيلەر، غاجىلانغان سۆڭەكلەر ھاجەتخاننىڭ يولىنى تۇتىدىغان بولغاچقا، سۆڭەكلىرىمىز سېمونت قويمىغان قۇمدەك، سامان ئارىلاشتۇرمىغان لايدەك يۇمشاق ۋە چۇۋۇق بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۆڭەك شالاڭلىشىش مەيدانغا كېلىپ، ئازراق مىتكوت كەتسە سۆڭەكلىرىمىز شالاقشىپ، موسكۇللىرىمىز بوشىشىپ، ئۇستىخانلىرىمىزدا سۇنۇق، بوغۇملىرىمىزدا چىقىق پەيدا بولىدۇ. ئىنسان  قېرىغانسىرى بويىنىڭ پاكارلاپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرسىمۇ سۆڭەك شالاڭشىشتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا سۆڭەكلەردە پەيدا بولغان سۆڭەك تىكەنلىرى  پەيدا قىلغان ئاغرىقىنىڭ دەردىنى سۆيۈملۈك ئاپام ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. بالىلىق مەزگىلىدىكى ۋىتامىن D كەمچىللىكىنىڭ ساغلاملىققا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى تېخىمۇ چوڭ  بولۇپ، سۆڭەك تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش نەتىجىسىدە نورمال ئىسكىلىت تۈزىلىشى بۇزۇلۇپ، توخۇ كۆكرەك، قاچىسىمان پاچاقتەك غەيرىيلىك بىلەن ئىسكىلىت شاھلار پەيدا بولىدۇ.   

ۋىتامىن D نىڭ سۆڭەك - مۇسكۇللارنىڭ ساغلاملىقىدىن باشقا، نۇرغۇن ئەزالىرىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن فۇنكىسىيەسى بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى ۋىتامىن ئەمەس ھورمون دېمەكتە. بەدىنىمىزدىكى گىنلارنىڭ ساغلام خىزمەت قىلىشى ۋىتامىن D غا باغلىق بولۇپ، گىنلارنىڭ بىنورمال خىزمىتى راك دېمەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋىتامىن D راك قارشى بىر قالقاندۇر. ۋىتامىن D بەدىنىمىزدىكى كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچ (  Antioxidants ) بولغان گىلۇتاتيونىڭ ( GSH ) سەنتەزلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ مېڭىمىزدە ئوكسىدلىنىشتىن مەيدانغا كېلىدىغان زىياننى ئازايتماقتا، ۋىتامىن D كەمچىل بولغان ئىنسانلاردا بولسا چۈشكۈنلۈك، چۇسلۇق جىقايماقتا. ۋىتامىن D ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ تەتقىقاتلاردا، ۋىتامىن D كەمچىللىكىنىڭ نۇرغۇن كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋىتى كۆرسىتىلىپ بېرىلگەن. بۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئىچىدە ئۆز ئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرى، زىققا، تۇغماسلىق، سېمىزلىك، ئاق كېسەللىكى، ھەر خىل ئاللىرگىيەلەر، ئادەت ئاغرىقلىرى، دىئابىت، ئۈچەي ياللۇغى، ھامىلىلەردىكى بىنورماللىق، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ۋە باشقا كېسەللىكلەر بولۇپ، گەرچە بۇ ۋىتامىن D كەمچىللىكى بۇ كېسەللىكلەرنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ كېسەللىكلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ساقىيشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

بۇ قەدەر مۇھىم ، بۇ قەدەر قىممەتلىك ۋىتامىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنبەسى  بولسا قۇياش نۇرى بولۇپ، « قۇياش نۇرى كىرگەن ئۆيگە كېسەل كىرمەيدۇ » دېگەن ھىكمەتلىك سۆز ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان سۆزدۇر. شۇڭا دەيمىزكى، قۇياش كائىناتقا ھاياتلىق، ئىنسانلارغا ساغلاملىق ۋە شادلىق بېغىشلايدىغان پەپىلىشى تاتلىق، قۇچىقى ئىللىق بىر ئانا. گەرچە ۋىتامىن D بەزى بېلىق تۈرلىرى ، كالا جىگىرى ۋە تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلاردا بولسىمۇ، ئەمما ۋۇجۇدىمىزنىڭ  يېتەرلىك مىقداردا ۋىتامىن D غا ئىگە بولىشى ئۈچۈن، بۇ تۈر يېمەكلىكلەرنى ھەركۈنى يېيىشى كېرەك. بۇ دۇنيادىكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىدا مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بەدىنىمىزگە ئەڭ ئاسان ، ئەڭ ئەزان تەرىقىدە ۋىتامىن D غا ئېرىشىشتەك بىر سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ،  ئۇ بولسىمۇ قۇياش ۋە تېرىمىزدۇر. قۇياشتىن كەلگەن ئۇلترا بىنەپشە B ( UVB ) نۇرى تېرىمىزغا چۈشكەندىن كېيىن، تېرە ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىدىكى خولېستېرىن  (cholesterol ) دىن ۋىتامىن D ئىشلەپچىقىرىلماقتا.   ۋىتامىن D ئۆزىمۇ ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن بولغاچقا، مەيلى يېمەكلىكلەردىن تولۇقلانسۇن، ياكى قۇياشتىن ئىشلەپچىقىرىلسۇن، ۋىتامىن D ئۈچۈن  بەدىنىمىزدە ساغلام ياغلار بولىشى شەرت. تېرىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋىتامىن D ئاكتىپ ھالەتكە كېلىشى ئۈچۈن، جىگەر ۋە بۆرەكلەردە  بەزى ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈشى لازىم. شۇڭلاشقا توختىماي تەكىتلەپ كېلىۋاتقان نۇقتا، ساغلاملىق بىر پۈتۈنلۈك ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، يەككە ئامىل ۋە ئىكسىر بىزگە ھەققىي ساغلاملىق بېغىشلىيالمايدۇ.

قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرىدىن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىشنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى 11-13    سائەتلىرى بولۇپ، بۇ ۋاقىتلاردا ھەم قۇياش نۇرى ئەڭ كۈچلۈك بولغاچقا قىسقا ۋاقىتلاردا كۆپ ۋىتامىن D ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ھەم بەدىنمىزمۇ بۇ ۋاقىتلاردا ۋىتامىن D ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن ئەڭ ھازىردۇر. نورمالدا ئاق تەنلىك بىر ئىنسان ئۈچۈن، ياز كۈنلىرى ھەپتىدە ئۈچ قېتىم 10-30 مىنۇت ئاپتاپقا قاقلىنىشنىڭ يېتەرلىك بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. قويۇق تەنلىك ئىنسانلارنىڭ تېرىسىدە قارا پىگمېنت (melanin ) كۆپ مىقداردا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار تېخىمۇ ئۇزاقراق قاقلىنىشى لازىم. دوختۇرلار كېسەللەرگە كۈندە 600 بىرلىك ۋىتامىن D ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىدىغان بولۇپ، 10-30 مىنۇت ئاپتاپقا قاقلىنىش ئارقىلىق 10000 - 20000 بىرلىك ۋىتامىن D قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن.  ئۇلترا بىنەپشە B  نۇرى دېرىزىلەرنى كىسىپ ئۆتەلمەيدىغان بولغاچقا، ئۆيىڭىزگە دېرىزىلەردىن  قۇياش نۇرى چۈشكەن تەقدىردىمۇ يېتەرلىك مىقداردا ۋىتامىن D ئىشلەپچىقىرالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ۋىتامىن D كەمچىللىكى مەيدانغا كېلىشى ئېھتىماللىقى بار. پەنشۇناسلار قۇياشتىن تولۇق ۋىتامىن D ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن، تېرىمىزنىڭ ئۈچتە بىر قىسمىنىڭ ئاپتاپقا قاقلىنىشىنىڭ لازىملىقىنى ئېيتماقتا. شۇڭا چوڭلارنىڭ بىزنى قىپيالىڭاچ ئاپتاپتا شاقىداپ قويۇشى، تىقىمىمىزنى قۇيرۇق مايدا مايلاپ قويۇشى بىكار ئەمەسكەندە!؟ مىس رەڭلىك تېرەم بولسۇن دەپ قۇياش مايلىرى بىلەن ھەددىدىن زىيادە ئاپتاپقا قاقلانماق تېرە راكى قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرگە يول ئاچىدۇ. ۋىتامىن D ئالىمەن دەپ قۇياشتا مەدەك بولۇشتىن ساقلىنىڭ.  ساغلاملىق نورماللىقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

ئاپتاپقا قاقلانماق، ۋىتامىن D ئىچمەك بولۇپ، ساغلاملىق دەپ ۋىتامىن D نىڭ دورىسىنى ئىچىش، قۇياشقا قىلىنغان نانكورلۇقتۇر. قۇياشنى قۇچاقلايلى، ۋىتامىن D نى تولۇقلايلى، بۇ ئارقىلىق ساغلاملىققا قەدەم تاشلايلى!


كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى