ئۇيقۇ ۋە تۇيغۇ

 ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بوۋاق كارىۋىتى بولغان ئانا بالىياتقۇسىدىكى ئۇيقۇ بىلەن باشلايدۇ. بۇ 9 ئايلىق ئۇيقۇ بىلەن  بىر تېمىم مەنىدىن ۋۇجۇد تاپقان ئۇ تاق ھۈجەيرىلىك تۆرەلمە، كىشنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە تىرىلىيونلىغان ھۈجەيرىلەردىن تەركىپ تاپقان، مۇرەككەپ فۇنكسىيەسى بولغان ئەزالارنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشىدىن تەشكىللەنگەن، ئەقىل قۇۋۋىتىگە ئىگە، ھېسسيات- تۇيغۇلارغا باي بىر ئىنسانغا ئايلىنىدۇ. بۇ مەيدانغا كەلگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بىزگە كۈندىلىك ھاياتىمىزدا ئۇيقۇنىڭ ئىنسان بەدىنى ۋە تۇيغۇسى ئۈچۈن نە قەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ.  مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،  بۇ 9 ئايلىق ئۇيقۇ بىلەن بىر ئۆمۈرلۈك ئويغىنىشنىڭ ئۇلى سېلىنىدۇ. بۇ 9 ئايلىق جەرياندا ئوبدان ئۇخلىمىغان، بالىياتقۇدا ياخشى ياتمىغان بالا بالدۇر ئويغۇنۇپ ئۆلۈم بىلەن دۇنيا ھاياتىغا چىكىت قويغان بولىدۇ. قېنىپ ئۇخلىغانلار بولسا 9 ئاينىڭ ئاخىرىدا ئانىسىنىڭ بالىياتقۇ مۇسكۇللىرىنى قىسقارتىشى،  غىدىقلىشى ۋە بوۋاقنى ئۈنسىز ئويغىتىشى بىلەن چاپاق باسقان كۆزلىرىنى بۇ دۇنياغا ئاچىدۇ.  دەسلەپتە ئانا بالىياتقۇسىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي دۇنياسى ، ئۇيقۇنى بولسا ھايات دەپ بىلىپ قالغان بۇ بوۋاق بۇ دۇنياغا  كۆچۈشنى ۋە  شىددەتلىك ئويغىنىشىنى بولسا ئۆلۈم دەپ ھېس قىلىپ يىغلايدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئويغىنىشنىڭ ئۆلۈم ئەمەس ھاياتلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىپ،  تەشنا بولغان ئانا قۇچىقىدىكى ئىللىق مۇھەببەتنى ھېس قىلغاندىن كىيىن، خۇشاللىقتىن كۈلۈشكە باشلايدۇ ۋە يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم تاشلايدۇ. ئۇ بالىياتقۇدىكى شىرىن ئەسلىمىلىرىنى سېغىنغاچقىمۇ ياكى ئۇيقۇنىڭ سېھرى كۈچىگە مەپتۇن بولغاچقىمۇ، بۇ دۇنيادىمۇ كۈندىلىك ھاياتتا ئاز بولسىمۇ ئۇيقۇدىن ۋاز كەچمەيدۇ. بۇ دۇنيا ھاياتىدىكى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كىيىن، تەكرار مازاردا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا غەرق بولىدۇ. بۇ قېتىم بۇ دۇنيا ھاياتىنى ھەقىقىي ھايات دەپ تونۇپ قالغان ئىنسان ئۇ دۇنياغا كېتىشىنى ئۆلۈم دەپ قورقۇپ يىغلايدۇ. ئەمما ئۆلۈمنىڭ ئۇ دۇنيا ئۈچۈن بىر ئويغىنىشمۇ ؟بۇ ئويغىنىشنىڭ كەينىدىن قايتا ئۇيقۇ بارمۇ؟ ئۇ ئويغىنىشتا ئىنساننى ئىللىق ئانا قۇچىقىمۇ ياكى زىمىستان قىش ئوچاقلىرىمۇ  قارشى ئالىدۇ؟ بۇنىڭغا نۆۋەتتە بىر نېمە دېيىش تەس. دېمەك ئۇيقۇ بىلەن ئويغىنىش، ئۆلۈم بىلەت ھايات بىر تۇغقان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدىكى پەرق بىزنىڭ تۇيغۇلىرىمىزدىن ئىبارەتتۇر.

ئۇيقۇ بىر مۆجىزە بولۇپ ، گەرچە ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلىپ بەزى نۇقتىلار ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ،  نۇرغۇن تېمىلار تېخى بىر سىر سۈپتىدە تۇرماقتا. ئۇيقۇدىكى ئىنسان سىرتتىن قارىغاندا ئۆلۈكتەك ھەرىكەتسىز ياتسىمۇ، ئەسلىدە بەدەندە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر، رېئاكسىيەلەر يۈز بېرىدۇ. ئۇيقۇدا ھەقىقىي ئۇخلايدىغان ئورگان مېڭە بولۇپ، بەدەن ئېنېرگىيەسىنىڭ بەشتە بىرىنى سەرپ قىلىدىغان مېڭىنىڭ دەم ئېلىشى بىلەن ئىقتساد قىلىنغان ئېنېرگىيە بىلەن پۈتۈن ھۈجەيرىلەردە يېڭىلىنىش مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ يېڭىلىنىش دەل ئۇيقۇدا ئاجرىلىپ چىقىرىلىدىغان ئۆستۈرۈش ھورمىنى ( Growth hormone ) تۈرتكىسىدە  ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ياخشى بىر ئۇيقۇدىن كېيىن ئىنسانلار يېڭىلەنگەن بۇ ھۈجەيرىلەر بىلەن تېخىمۇ ياش ۋە شاش تۇرىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇيقۇغا < گۈزەللىك ئۇيقۇسى > دەپ نام قويغان.  گەرچە مېڭە ئارام ئالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، مېڭىدە  ئەستە ساقلاش، تىل تەرەققىياتى قاتارلىق  ئەقلىي پائالىيەتلەر ۋە چۈش، قارا بېسىش قاتارلىق تۇيغۇ دولقۇنلىرى داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئويغاق ئىكەن تاپالمىغان بەزى مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى چۈشىمىزدە تېپىشىمىز بۇنىڭ ئىشارىتى.   ئۇيقۇ REM ( Rapid eye mevement )  ۋە Non- REM دېگەن ئىككى باسقۇچقا، Non- REM بولسا ئۆز ئىچىدىن N1, N2, N3 قاتارلىق ئۈچ بۆلۈمگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ئەستە ساقلاش قاتارلىق پائالىيەتلەر Non- REM  باسقۇچىدا جەريان قىلسا، چۈشلەر REM ئۇيقۇسىدا ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئەمما بۇلارنىڭ نىمىشقا مۇشۇنداق بولىدىغانلىقى، بۇ ئىنچىكە پىلاننىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنىڭ جاۋابى يوق. ئىلىم- پەن بولسا تەس تېمىلارنىڭ ھەممىسىنى گىنغا ئارتىپ قويۇپ،  قېچىپ قۇتۇلۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە.    

ئۇيقۇ بەدەننىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى بولۇپ، بەدەن ۋە روھنىڭ كۆرۈنمەس ئوزۇقى دېيىشكە بولىدۇ. ئىنسان سۇسىزلىق ۋە ئاچلىققا بەرداشلىق بېرەلىگەن بىلەن ئۇيقۇسىزلىققا بەرداشلىق بېرىشى ناھايىتى تەس. شۇڭلاشقا 24 سائەت ئۇيقۇسىز قالغان ئىنسان ھەر قانداق زامان ، ماكان ياكى ھەر قانداق سورۇن بولسا بولسۇن ئۇخلاشقا زار ھالەتتە تۇرىدۇ. قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپ قىسمى شوپۇرلارنىڭ ئۇيقۇسىزلىقىدىن يۇز بېرىدىغان بولۇپ، دۇنيادا ھەر يىل قاتناش ۋەقەسىدە 1 مىليون ئىنسان ئۆلمەكتە. شۇڭا ئۇيقۇسىز يولغا چىققان شوپۇرلارنى يوشۇرۇن قاتىل دىيىشكە بولىدۇ.  ئۆزىنىڭ بۇ قىممەتلىك ئېھتىياجىدىن ۋاز كېچىپ، كېچىنى كېچە دېمەي ئىشلەيدىغان دوختۇر، سېسترا، ئەسكەر ۋە ساقچى قاتارلىق كەسىپ ئىگىلىرى بولسا نامسىز قەھرىمانلاردۇر. ئۇزۇن ئۇيقۇسىز كېچىلەردە بۆشۈك تەۋرىتىپ، سۈت ئېمىتىپ بىزلەرنى چوڭ قىلغان ئانىلار بولسا مۇقەددەسدۇر، مەدىھيەگە مۇيەسسەردۇر.

قىسقىسى، ئۇيقۇ بىر ئاددىي ھادىسە بولماستىن ئىچىگە ئاجايىپ ئىنچكە ھېساب، ساغلاملىق ۋە پەلسەپە يوشۇرۇنغان  بىر كوھىقاپتۇر.  بۇ سىرنى ئۇققان، رېتىمىنى تۇتقان ئىنسانلارغا ئۇيقۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ، گۈزەل تۇيغۇ بىلەن ئىلھام بەخش ئەتسە، بۇ سىرلاردىن بىخەۋەر ئىنسانلارنى ھارغىنلىق، ئۈمىدسىزلىكنىڭ چوڭقۇر ھاڭلىرىغا سۈمۈرۈپ تاشلايدۇ. ئۇخلاشنى بىلمىگەن ئىنسان ئويغىنىشىنى بىلمەيدۇ. ئۇيقۇدىن ئىبارەت نېھمەتنىڭ قەدىرىگە يەتمىگەن ئىنسان كېچىسى يوتقان- ياستۇق بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا، ئەتىسى ئىنسانلار بىلەن جېدەل قىلىشقا باشلايدۇ. شۇڭا ئۇيقۇڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، تۇيغۇلىرىڭىز بۆلۈنمىسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى