ۋىتامىنسىزلىقنىڭ سەۋەبلىرى

تەبىئەت ئەڭ بۈيۈك دورىخانا بولۇپ، تەبىئەت بىزنىڭ ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ئۈنۈملۈك تەبئىي دورىلار بىلەن تولغاندۇر. تەبئىي يېمەك- ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ تەبئىي دورىلارنىڭ سەركىسى، ساغلاملىقىمىزنىڭ ئۇلتېشى بولغان ۋىتامىنلارنىڭ مەنبەسى بولۇپ، < دورىڭىز ئوزۇقىڭىز بولسۇن، ئوزۇقىڭىز تەبىئىي بولسۇن > شۇئارىمىزنىڭ مەنتىقىسى دەل بۇ يەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ ( تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز مەزكۇر تېمىدىكى يازمىنى ئوقۇپ چىقىڭ ). مەسىلەن 100 گىرام ياڭاقنىڭ تەركىبىدە IU 20 ۋىتامىن A ، 0.3 مىللىگرام ۋىتامىن B1، 0.2 مىللىگرام ۋىتامىن B2 ، 1.1 مىللىگرام ۋىتامىن B3 ، 0.6 مىللىگرام ۋىتامىنB5 ، 0.5 مىللىگرام ۋىتامىن B6 ، 98 مىكروگرام ۋىتامىنB9 ، 1.3 مىللىگرام ۋىتامىن C ، 0.7 مىللىگرام ۋىتامىنE ، 2.7 مىكروگرام ۋىتامىن K ، 39.2 مىللىگرام خولىن بار بولۇپ، ھەقىقىي ساغلاملىق تونۇشى، تەبئىي ئوزۇقلىنىش قارىشى، توغرا تۇرمۇش ئادىتى بولغان بىر ئىنساندا ۋىتامىن كەمچىللىكى مەيدانغا كەلمەيدۇ. ئەمما نۆۋەتتە زامانىۋى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئېڭىنىڭ سۇسلۇقى ، شىپانى دوختۇر ۋە دوختۇرخانىدىن ئىزلەيدىغان ناتوغرا قارىشى، ناتەبىئىي يېمەك- ئىچمەك پىچىمى ۋە ناتوغرا تۇرمۇش ئادىتى تۈپەيلى، بەدىنىمىز قوڭى تۆشۈك تاغا بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، پاتمانلاپ ئالغان ۋىتامىنلار نۆۋەتتىكى ۋىتامىنسىزلىققا چارە بولالمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندە قىسقىچە يىغىنچاقلاپ ئۆتىمىز.

ۋىتامىنسىزلىقنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىپ يېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شۇ نۇقتا كاللىمىزدا ئېنىق بولىشى لازىم. ۋىتامىنلارنى ئېغىزدىن يېيىش باشقا بىر مەسىلە، ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىن شۈمۈرلىشى، ئۇلارنىڭ ھۈجەيرە ئىچىگە كىرىپ فۇنكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشى ئايرىم بىر مەسىلىدۇر. يەنى مەيلى يېمەك- ئىچمەك بولسۇن، ياكى ئىچكەن ۋىتامىن دورىلىرى بولسۇن ئەگەر ئۇلار بەدىنىمىز تەرىپىدىن شۈمۈرلۈپ، ئۆزىگە خاس قوبۇل قىلغۇچلار بىلەن باغلىنىپ ھۈجەيرە ئىچىگە كىرمىگەن تەقدىردە، ۋىتامىنلار رولىنى جارى قىلدۇرالمىغاچقا، چوڭ تەرەتكە ئايلىنىپ قانداق كىرگەن بولسا شۇنداق قايتىپ چىقىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەم ۋاقتىمىز، ھەم پۇلىمىز، ئەڭ مۇھىمى ساغلاملىقىمىز ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ناتەبىئىي ئوزۇق ۋە ۋىتامىن دورىلىرى بىلەن ۋىتامىن تولۇقلاش ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.

يېمەك - ئىچمەك تىجارىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشقا ئەگىشىپ، پەقەت پايدا- مەنپەئەتنى كۆزلىگەن شىركەتلەر، بىزگە كۆرۈنىشى تاماق، ئەمەلىيەتتە ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلاردىن مەھرۇم بولغان ساغلاملىقىمىزغا زىيانلىق نەرسىلەرنى تەقدىم قىلماقتا. ۋىتامىنلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىسسىققا بەرداشلىق كۈچى تۆۋەن بولغاچقا، پەقەت تەمنىلا قوغلىشىپ ناتوغرا پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن ھازىرلانغان تائاملار، ئىستېمال ئۆمۈرنى ئۇزارتىش مەقسىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ھازىر يېمەكلەر، ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقىنى يەككىلەشتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئاسان تىزگىنلەش ئۈچۈن، دۇنيا مىقياسىدا مودا بولىۋاتقان تىز تاماقلاردا بەلكى نەپسىمىزنى خوش قىلىدىغان تەم بولىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلاردا ۋىتامىندىن باشقا ئىنسان ساغلاملىقىغا زىيانلىق پۈتۈن ئامىللار بار. ( تەپسىلاتى ئۈچۈن « تىز تاماق، تىز ئۆلتۈرىدىغان تاماق» دېگەن يازمىغا نەزەر تاشلاڭ ). شۇڭا ئورگانىك يېمەك - ئىچمەكنى تاللاش ۋىتامىنسىز قالماسلىق ئۈچۈن تاشلانغان تۈنجى قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

تاشقى يۈزى 400 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان ھەزىم قىلىش سىستېمىمز، ھەم يېمەك- ئىچمەك توشۇلىدىغان ھەم ۋىتامىن شۈمۈرىدىغان قانال بولۇپ، بۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك جارى بولىشى بەدىنىمىزدىكى ۋىتامىنلارنىڭ تولۇق بولىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ قانالنىڭ قەۋزىيەت بىلەن توسۇلۇپ قېلىشى، ياكى شاتىراق بولۇپ سۇ ئەپكىتىشى قاتارلىقلار ۋىتامىنسزلىققا سەۋەب بولماقتا. شۇڭلاشقا پەقەت زۇۋانىمىز ياخشى كۆرىدىغاننى ئەمەس، ھەزىم يوللىرىمىزمۇ ياخشى كۆرىدىغان تائاملارنى ئىستېمال قىلىشىمىز، تاماق تىزىملىكىمىزنى ئۇلار بىلەن مەسلىھەت قىلىشىمىز لازىم. مەسىلەن تاتلىقنى ئاغزىمىز ياخشى كۆرگەن بىلەن ئاشقازنىمىز ياخشى كۆرمەيدۇ، ئېچىتىلغان كۆكتات تىلىمىزغا ئاچچىق كەلگەن بىلەن ئۈچىيمىزگە تاتلىق بىلىنىدۇ. ئەسلىدە بەدىنىمىزنىڭ بىزگە قىلغان پىچىرلاشلىرىغا قۇلاق سالساق ، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ تاللىشىمىزنى ياخشى كۆرۈپ- كۆرمىگەنلىكىنى ئۇقالايمىز. مەلۇمكى، يېمەك- ئىچمەكلەردىن كېيىن قوساق ئېسىلىش، ئىچىشىش، ئاغرىشى، كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇق، سېسىق كېكىرىش ۋە ئوسۇرۇش، ئىچى سۈرۈش، چوڭ تەرىتىدىن قان كېلىش قاتارلىق ئالامەت ۋە شىكايەتلەر بىزگە ناتەبىئىي يېمەكلەرنى ، ناتوغرا يەپ- ئىچىشتەك قىلمىشىمىزنى خاتىرلاتماقتا، « ئېشەكمۇ بىر پاتقان پاتقاققا ئىككىنچىلەپ كىرمەيدۇ »دەيدىغان ھىكمەتلىك گەپ بار. ئەگەر ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سالساق، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىمىزنىڭ ساپاسىنى ئىلگىرى سۈرسەك، ئۇلارمۇ < ئۈچتە ياخشى> ۋىتامىنلار بىلەن بىزنى تەقدىرلەيدۇ.

ۋىتامىن K، ۋىتامىن B3 ، ۋىتامىن B7 قاتارلىق ۋىتامىنلار ئۇچەيلىرىمىزدىكى باكتىرىيەلەر تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، ئەسلىدە پونى زەي سالماي ئېتىپ يۈرگىنىمىز بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھاياتى كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان < چۈپرەندىلەرگە> باغلىق. ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى بىزنىڭ ساغلاملىقىمزىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ سالامەت بولىشى ئۈچۈن بىزگە ئۈن- تىنسىز، كېچە- كۈندۈز ئىشلەۋاتقان بۇ سۆيۈملۈك جانلىقلارنى تەبئىي جانلاندۇرغۇچلار ( probiotic ) بولغان ئۆيدە ئۇيۇتۇلغان قېتىق، ئۆيدە ئېچىتىلغان كۆكتات ۋە ئاچچىقسۇلار بىلەن ئۇلارنى جانلاندۇرشىمىز، قوزغىتىشىمىز لازىم. بىرنى يۆتەلەپ بولغۇچى، بۇنىمىزنىڭ ماڭقىسى چۇۋۇلۇپ بولغۇچە ياللۇغ قايتۇرغۇچ ئىچىشكە باشلىساق، ئۇچەي يوللىرىمىزدىكى جانلىقلارنىڭ جېنىنى ئۆز قولىمىز بىلەن ئالغان بولىمىز. نەتىجىدە ۋىتامىنلاردىن ۋاز كەچكەن، قېشىنى ئوڭشايمەن، دەپ كۆزىنى ئويغان بولىمىز.

ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار ياغ مەۋجۇت بولمىغان تەقدىردە شۈمۈرۈلمەيدۇ ۋە فۇنكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. شۇڭلاشقا تەبئىي ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋان يېغى ئىستېمال قىلماستىن ۋىتامىنلار ئىشقا يارىمايدۇ. < ياغ ساغلاملىققا زىيانلىق > دېگەن سەپسەتىگە ئىشقنىپ قالغانلار باغدا ئولتۇرغاندەك ۋىتامىن يېسىمۇ پايدىسى يوقتۇر. ساغلاملىققا زىيانلىق بولغان ياغ ناتەبىئىي ياغلار بولۇپ، قۇيرۇق ياغقا ئوخشاش تەبئىي ياغلار بولسا ياغلىق ۋىتامىنلاردۇر. ۋىتامىن B6 بولسا بەدەندىكى 100 گە يېقىن رېئاكسىيەنىڭ كاتالىزاتورى بولۇپ، بۇ رېئاكسىيەلەردە ماگنىيمۇ ئورتاق ئامىل سۈپتىدە رېئاكسىيەگە قاتنىشىدۇ. ئەگەر ماگنىي بولمىسا، ۋىتامىن B6 نىڭ بەك ئۈنۈمى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ۋىتامىن C نىڭ ئاققان دانچىلىرىنىڭ مىكروبلارنى ئۆتىرەش كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقى، مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىمۇ جىق ۋىتامىن C بارلىقى بەرھەق. ئەمما ھۈجەيرە ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن مېۋە شېكىرى بىلەن ۋىتامىن C بىر- بىرى بىلەن بەسلىشىدۇ. چۈنكى ئوخشاش ئېنزىمنى قوللىنىدۇ. ۋىتامىن بار دەپ مېۋىنى جىق يېسەك ھۈجەيرە ئىچىگە كىرىدىغان ۋىتامىن ئازلاپ مىكروبنى ئۆتىرەش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

قىسقىسى ساغلاملىقتا بىرگە بىرنى قوشساق داۋاملىق ئىككى چىقمايدۇ. مەندە پالانچى ۋىتامىن كەمكەن دەپ پۇستانى ۋىتامىن ئىچسەك ۋىتامىنسىزلىقنى داۋالىغان بولمايمىز. ۋىتامىنسىزلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ساغلاملىققا پەقەتلا مەلۇم بىر نۇقتىدىنلا قارايدىغان ئاڭسىزلىقتىن قۇتۇلىشىمىز لازىم.


كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى