ئۇيقۇسىزلىق

 ئۇيقۇ ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى بولغاندەك،  ئۇيقۇسىزلىق تۇرمىشىمىزنىڭ كاساپىتىدۇر. ئۇيقۇسىزلىق پەقەت بەدەن ساغلاملىقىمىزغا تەسىر قىلىپ قالماستىن، ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇيقۇسىزلىق روھ ساقىلىقىمىزغا ئېلىپ كەلگەن زىيانلار بىلەن ھاياتىمىزنى زىندان قىلىدۇ. شۇڭا ئېينىشتېين : « ئۇيقۇسىزلىق ئەقىللىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتى» دېگەنىدى. ئۇيقۇسىزلىق بەك كەڭرى بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ پەقەت بىر ئۇخلىيالماسلىق مەسىلىسى بولماستىن، كېچىچە خورەك تارتىپ ئۇخلىغان بىلەن سۈپەتسىز ئۇيقۇ سەۋەپلىك،  ھەر خىل كېسەللىكلەرگە سەۋەبچى بولىدىغان  < ئۆلۈم ئۇيقۇسى >  مۇ ئەسلىدە بىر ئۇيقۇسىزلىقتۇر. ئۇيقۇسىزلىق پەقەت ئۇيقۇ ۋاقتىنىڭ قىسقا بولىشىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، جىق ئۇخلاشمۇ ئۇيقۇسىزلىقنىڭ كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ. ساغلاملىق نورماللىقتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغان بولغاچقا،  چوڭلارغا نىسبەتەن ئۇيقۇسى 6 سائەتتىن قىسقا بولغانلارنىڭ يۈرەك- قان تومۇر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ۋە بۇ سەۋەپلىك ئۆلۈش خەۋپى يۇقىرى بولغانغا ئوخشاش، كۈندە 9 سائەتتىن ئۇزۇن ئۇخلىغانلارمۇ ئوخشاشلا يۈرەك- قان تومۇر كېسەللىكلەر نۇقتىسىدىن خەتەرلىكلەر سېپىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئۇيقۇسىزلىق پەقەت ئۇيقۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەردىن پەيدا بولمايغان بولۇپ، ئۇيقۇسىزلىققا سەۋەب بولىدىغان بەدەن، روھ ، يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا - دەرمەككە ئوخشاش مىڭلىغان سەۋەبلىرى بار.  شۇڭا ئۇيقۇسىزلىق ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ ئەقلىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇيقۇسىنى قاچۇرىۋېتىدىغان ھادىسىدۇر.

 كېچە ئۇيقۇ سائەتلىرى ياشقا، كىشىگە، زامانغا، ماكانغا ۋە پەسىلگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. ئۇيقۇ سائەتلىرى بوۋاقلىق مەزگىلىدە ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇيقۇغا بولغان ئېھتىياج ئازىيىپ بارىدۇ. ئەڭ سۈپەتلىك ئۇيقۇ سائەتلىرى كىشىگە خاس بولۇپ، بەزى ئىنسانلاردا ئىرسىي سەۋەبلىك كۈندە 3-4 سائەت ئۇيقۇ ئۇلار ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. دەل بۇ نۇقتىدا ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك ئۇيقۇ سائىتىنىڭ ئۆلچىمى، كىشىنىڭ كېچە  ئۇيقۇسىدىن كىيىن كۈندىلىك تۇرمۇشى، خىزمىتى، ساغلاملىقى قاتارلىقلار سەلبىي تەسىرگە ئۇچىرىمىغان بولىشى كىرەك. بەزى كىشلەر ئورۇن ئالماشتۇرغاندا ، ساياھەت قىلغاندا، بىرسىگە ئاشىق بولغان مەزگىللەردە ئۇيقۇ سائەتلىرى ۋاقىتلىق ئازىيىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئۇيقۇسىنى تېخىمۇ قاچۇرۇشنىڭ ئورنى يوق. ئەكسىنچە ئۇيقۇسىنى قاچۇرمىغان ئاشىق - مۇھەببەتتىن، داۋا - دەستۇردىن شۈبھە ھېس قىلىشى كېرەك. قىشتا كېچىنىڭ ئۇزۇن  بولىشى سەۋەپلىك، ئىنسانلارنىڭ ئۇيقۇسى باشقا پەسىللەرگە قارىغاندا ئۇزۇن بولىدۇ.

ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئالامەتلىرى قاتارىدا كېچىلىرى تەس ئۇخلاش، قاتتىق ئۇخلاش، قالايمىقان چۈش كۆرۈش، خورەك تارتىش، ئۇيقۇدا نەپسى توختاپ قىلىش ياكى بىنورمال نەپىس ئېلىش، ئۇيقۇدا بەدەننى  بىنورمال ھەرىكەت قىلدۇرۇش، كېچىدە كۆپ ئويغىنىش، كېچىدە تەرلەش، ھاجەتكە جىق تۇرۇش،  كۈندۈزى ھارغىن ئورنىدىن تۇرۇش، كۈندۈزى مۈگدەش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىش، ئاسان تىرىكىش ۋە ئەندىشە قىلىش، ئىش ۋە جىنسىي ئىشتىياق تۆۋەنلەپ كېتىش، ئۇنۇتقانلىق، چۈشكۈنلۈك، كۆڭلى تاتلىق نەرسىلەرنى تارتىش، جىق يېيىش ۋە سەمىرىپ كېتىش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ ئالامەتلەر ئوخشاش بولمىغان ئىنسانلاردا ئوخشاش بولمىغان تەرىقىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بەزى ئالامەتلەر ئۇيقۇسىزلىققا خاس ئالامەتلەر بولسا، نەپەس سىقىلىش،  ھاجەتكە جىق تۇرۇش قاتارلىقلار يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبلىك پەيدا بولۇپ،  ئىنسانلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى بۇزۇۋاتقان بولىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇيقۇسىزلىقنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشى ئۈچۈن، كېسەللەردە پەيدا بولغان ئالامەتلەر ۋە ئۇيقۇ كۈندىلىك خاتىرىسى بەك  مۇھىم.

ئۇيقۇسىزلىققا سەۋەب بولىدىغان نوقۇل ئۇيقۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، يېڭى كاتېگورىيەگە ئاساسلانغاندا، ئۇيقۇ كېسەللىكلىرى 7 كاتېگورىيە بويىچە، 83 خىل كېسەللىكلەردىن تەشكىل تاپماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە  ئۇخلىيالماسلىق (insomnia  ) جىق ئۇچرايدىغان بىر كېسەللىك بولۇپ، ئەگەر بۇ ئەھۋال بىر ئايدىن ئۇزۇن داۋاملاشسا،  ئاستا خاراكتېرلىك ئۇخلىيالماسلىق دىئاگنوزى قويۇلىدۇ. بۇ كېسەللىك ئاياللاردا ۋە قېرىلاردا جىق كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بالدۇر بايقىلىپ بالدۇر داۋالانمىغان تەقدىردە،  سالامەتلىككە ئېغىر تەسىرلەر ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيقۇ نەپەسسىزلىكى (sleep apnea ) ئۇيقۇدا نەپسىنىڭ توختاپ قېلىشى بولۇپ، بۇ بەزىدە بىر قانچە سېكۇنت بەزىدە بىر قانچە مىنۇتقىچە داۋام قىلىشى مۇمكىن. بۇ نەپەسسىزلىكتىن بەزىلەر ئويغۇنۇپ كەتسە، يەنە بەزىلەرنىڭ بۇنىڭدىن ھىچ خەۋىرى بولمايدۇ. بۇ بىر < ئۆلۈم ئۇيقۇسى > بولۇپ، پالەچلىك، يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ جىقى، بۇ نەپەسسىزلىكتىن ئورگانلاردا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ كېسەللىك يا ئۇيقۇ سەۋەپلىك ياكى ھاۋا يولدىكى تارلىق تۈپەيلى مەيدانغا كېلىدۇ. غەيرىي ئۇيقۇ كېسەللىكلەردە (parasomnias ) ئۇيقۇ سەيلىسى، ئۇيقۇدا جۆيلۈمەك، ئۇيقۇدا چىشىنى غۇچۇرلىتىش، قارا بېسىش، يوتقانغا خەرىتە سىزىش قاتارلىقلار كۆرۈلمەكتە. ئۇيقۇسىراش ( narcolepsy ) ئويغاق تۇرۇپ ھىچ سەۋەبسىز قاتتىق ئۇيقۇسى كەپ كېتىش بولۇپ، بۇ كېسەللەر ئۆرە تۇرۇپمۇ ماشىنا ھەيدەۋېتىپمۇ ئۇخلاۋېرىدۇ. بەزىدە ئۇيقۇدىن پالەچ بولۇپ قالغان ھالەتتە ئويغىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئۇيقۇ كېسەللىكلىرىدىن باشقا بەدەندىكى باشقا ئەزا ۋە ئورگاننىڭ كېسەللىكلىرىمۇ ئۇيقۇسىزلىقنىڭ سەۋەبى بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ئەزالارنىڭ تەقدىرى بىر تۇتاش بولۇپ، بىرىدىكى كېسەللىك باشقىسىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. مەسلەن پۇت - قول ، بەل ئاغرىقلىرى، بۇرۇن قۇرۇقلۇقى ، ھاۋا يولى تارلىقى، يۆتەل، ئاغزىدىن ئاچچىق سۇ كېلىش، نەپەس سىقىلىش، مەزى بىزى ۋە دىئابىت كېسەللىكىدىن ھاجەتكە جىق چىقىش، چۈشكۈنلۈك، باشقىلارنى ئەپۇ قىلالماسلىق قاتارلىق بەدەن ۋە روھ بىئارامىسزلىقلىرىمۇ ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇلارنى بىر- بىرىدىن ئايرىپ چىقىش ئۈچۈن بىر قانچە بۆلۈمنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن دوختۇرلار ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. بەزىدە ئۇيقۇ تەجرىبىخانلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيقۇ خاتىرلىغۇچ (polysomnography ) ئەسۋابى  بىلەن ئۇيقۇدىكى مېڭە دولقۇنلىرىنى، كۆز ھەرىكەتلىرىنى ۋە مۇسكۇل ھەرىكەتلىرى ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئۇيقۇمىز ۋە تۇرمۇشىمىزنىڭ تەمىنى قاچۇرۇش، ساغلاملىقىمىزنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇشتىن ئاۋۋال، ئۇيقۇغا بولغان تونۇشىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئۇيقۇسىزلىققا بولغان دىققىتىمىزنى كۈچەيتىپ، ئەگەر ئۆزىمىز ھەل قىلالمىساق دوختۇرغا بېرىشقا سەل قارىماسلىق لازىم. ئۇيقۇسىزلىق ئۈمىدسىزلىك ۋە ساقسىزلىققا يول ئاچمىسۇن!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى