ئۇيقۇ ۋە ساغلاملىق

 ئۇيقۇ بەدەن ۋە روھنىڭ كۆرۈنمەس ئوزۇقى بولۇپ، سۈپەتلىك ئۇيقۇ  نەتىجىسىدە بەدەن كۈچ - قۇۋۋەتكە، روھ شاد- خۇراملىققا تولىدۇ. شۇڭا كونىلار < ھېلىمۇ كىچە يارىتىلىپ قاپتىكەن، بولمىسا قانداقمۇ قىلاتتۇق؟ > دېيىش ئارقىلىق ئۇيقۇغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۇرىدۇ. ئەمما كىچە يارىتىلىپ ئۇيقۇ ئىنسانلارغا نىمەت سۈپتىدە بېرىلمىگەن بولسا، ئوخشاشلا ئىنسانلىق قانداق قىلاتتى؟ ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى قانداق تەسىرلەرگە ئۇچرايتتى؟ كىچە بولغاچقا ئىنسان ئۇخلامدۇ ياكى ئىنسان ئۇخلايدىغان بولغاچقىمۇ كىچە بولىدۇ؟  ئەسلىدە كىچە بىلەن ئۇيقۇ ئىنچىكە ھېسابلانغان، ئىچىدە ئاجايىپ تەرتىپ يوشۇرۇنغان تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بىر تۇغقان قوشكىزەكلەر ھېسابلىنىدۇ. كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى بىئولوگىيەلىك سائەت ( Circadian rhythm  ) نىڭ باشقۇرۇشىدا  بولىدىغان بولسا، ئۇيقۇ بىلەن ئويغاقلىقنىڭ تەرتىپى ئۇيقۇ ئويغىنىش تەڭپۇڭلىقى (Sleep wake homeostasis  ) تەرىپىدىن كونترول قىلىنماقتا. بۇ ئىككى سىستېمىنىڭ ئۆزىگە خاس ھورمونلىرى بار بولۇپ، ئىنسان بەدەندىكى پۈتۈن فىزىئولوگىيەلىك ھادىسلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ھورمونلارنىڭ باش قوماندانلىقىدا جەريان قىلىدۇ. يەنى بىز دەۋاتقان تەرتىپ، قانۇنىيەتلەر مۇنداقلا ئېغىزدىلا دەپ قويۇلغان گەپ بولماستىن، ئۇنىڭ تېگىدە قان تەكشۈرۈش بىلەن ئۆلچەپ چىققىلى بولىدىغان ھورمون سەۋىيەسى بار. مەسلەن،  بىئولوگىيەلىك سائەتكە قاراپ، كېچە ئۇيقۇ بىلەن تەڭ ئۆستۈرۈش ھورمىنى ( Growth hormone )، ئورۇقلاتقۇچى ھورمون بولغان لېپتىن (leptin )، قاراڭغۇلۇق ھورمونى مېلاتونىن (melatonin ) قاتارلىق ھورمون ئاجرىلىپ چىقىشقا باشلىسا، كۈندۈز ۋە ئويغىنىش بىلەن تەڭ كورتىزون (cortisol ) ئاجرىلىپ چىقىشقا باشلايدۇ. بەدەندە ئادېنوزىن (adenosine ) يىغىلىشى بىلەن ئىنساننىڭ ئۇيقۇسى كەلسە، ئۇنىڭ ئازىيىشى بىلەن ئىنسان ئويغىنىشقا باشلايدۇ.  ئادەم بەدىنى ئۆستۈرۈش ھورمىنى بىلەن يېڭىلانسا، مېلاتونىنىنىڭ تەسىر بىلەن تۇيغۇلىرى تۇراقلىشىپ، ئىممۇنېت سىستېمىسى كۈچلىنىپ كېسەلگە قارشى تۇرۇش قابىلىيىتى ئاشىدۇ. شۇڭا ئۇيقۇ ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى، تۇيغۇلىرىمىزنىڭ تۈۋرىكىدۇر.

ساغلاملىق ئۇيقىدىن باشلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى ساغلاملىقىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇيقۇسىزلىق بولسا كېسەللىكلەرنى پەپىلەيدۇ. ھەممىدىن ئاۋۋال سۈپەتلىك ئۇيقۇ سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سېمىزلىكنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرسى ئۇيقۇسىزلىق بولۇپ، ھەر كۈنى 4 سائەتتىن ئاز ئۇخلايدىغان ياكى سۈپەتلىك ئۇيقۇ مىقدارى 4 سائەتتىن ئاز بولغانلاردا بەدەندە ئاچلىق ھورمونى بولغان ghrelin جىقىيىپ، توقلۇق ھورمون بولغان لېپتىن ئازىيىدىغان بولغاچقا،  ئىنسان بىر تەرەپتىن تويغىنىنى بىلمەي جىق يەپ، يەنى بىر تەرەپتىن جېنى تاتلىق نەرسىلەرنى تارتقاچقا، شېكەرلىك يېمەك - ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ سېمىزلەپ كېتىدۇ. شۇڭا سېمىزلىك ئۇيقۇسىزلىقنىڭ بېشارىتى بولۇپ، سېمىزلارمۇ ئورۇقلاشنى ئالدى بىلەن ئورۇقلاش دورىلىرى بىلەن ئەمەس ، ئۇيقۇدىن باشلىشى لازىم.

 ئۇيقۇ تەبئىي گۈزەللىك مەلھىمى  ۋە ئورگانىك تېرە سىلىقلاشتۇرغۇچ مايدۇر. < گۈزەللىك ئۇيقۇسى > نى ئۇخلىغانلاردا ئۆستۈرۈش ھورمونى ئۇيقۇدا تولۇق ئاجرىلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، تېرە ھۈجەيرىلىرى يېڭىلىنىپ، قورۇقلار، كۆز ئەتىراپىدىكى ئىششىقلار يوقايدۇ. ياخشى ئۇيقۇ بىلەن ئورگانلاردىكى ئاقسىللارنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق تېرىدە يېرىقلار پەيدا قىلىدىغان ، بەدەندىكى ياغلارنىڭ جايلىشىش تەڭپۇڭلۇقىنى ئېگىز- پەس قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئىسكەتىنى بۇزىدىغان كورتىزون ھورمونىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كىچىكىدىغان بولغاچقا، تېرىلەر يۇمشاقلىشىپ چىۋىن قونسا تېيىلىپ كەتكىدەك سىلىقلىشىدۇ. سۈپەتلىك ئۇخلىغان ئىنسانلارنىڭ سۈپەتسىز ئوزۇق بولغان شېكەرلەرگە بولغان زوقى كېمەيگەچكە، قاراڭغۇلۇق ھورمونى مېلاتونىن ئارقىلىق كېسەلگە قارشى تۇرۇش قابىلىيىتى كۈچىيىپ، تېرىلەر دانىخورەك، تېرە ياللۇغلىرىدىن قۇتۇلۇپ يۈزلەر تولۇن ئايدەك پارقىرايدۇ. شۇڭا چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن گۈزەللىك سالۇنىغا بېرىپ ۋاقىت، ئۇپا - ئەڭلىك ئۈچۈن پۇل ئىسراپ قىلىشتىن ئاۋۋال،  ئاسان ۋە ئەزان ئۇيقۇغا كۆڭۈل بۆلۈڭ.

ئۇيقۇ بەدەن ئۈچۈن كوففېئىن (  caffeine ) بولۇپ، كوففېئىن بەدەندە تېخىمۇ كۆپ Serotonin   ۋە Dopamine ئاجرىتىپ چىقىرىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ زېھنى فۇنكىسيەسىنى ئاشۇرۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا تېخىمۇ ئويغاق بولۇشىمىزغا تۈرتكە بولغانغا ئوخشاش،  ئوبدان بىر ئۇيقۇدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ئەقلى، بەدىنى ۋە روھى تەڭ ئارام ئالغانلىقى ئۈچۈن،  ئەتىسى تېخىمۇ سەگەك ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ھاياتقا قەدەم تاشلايدۇ. خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى ئېشىپ، مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش پۇرسىتى ئارتىدۇ. ئەمما ئىنسانلار ئۇيقىسىزلىقتىن مەيدانغا كەلگەن دىققىتىنى يىغالماسلىق، ھارغىنلىق ،  ئۈمىدسىىزلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تاماكىغا، ھاراققا ۋە ھەتتا زەھەرلىك چېكىملىككە بەل باغلاپ ، ئاخىردا بۇلارنىڭ مۇپتىلاسى، جەمئىيەتنىڭ باش بالاسى بولۇپ قالىدۇ.

ئۇيقۇ قان - تومۇرلارنىڭ ياخشى دوستى. بۇرۇنقى يازمىلىرىمىزدا كۆپ قېتىم تەكىتلەپ ئۆتكەندەك،  قېرىش قان- تومۇردىن باشلىنىدۇ. ئەگەر قان- تومۇرلار تارىيىپ، لاي- لاتقا بىلەن توسۇلمىسا، قان - تومۇرلاردا كۆۋەجەپ ئاققان قىزىل قانلار ئورگانلارغا ئوزۇقلۇق توشۇش بىلەن بىرىگە يىغىلغان ئەخلەت- چاۋالارنى بەدەندىن تىزلا بىر تەرەپ قىلىپ، ئەزالىرىمىزنىڭ ياش ۋە ساغلام بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. دۇنيادىكى ئۆلۈملەرنىڭ بىرىنچى سەۋەبى بولغان قان - تومۇر كېسەللىكى دەل بۇ قان - تومۇرلارنىڭ بالدۇر قېتىپ كېتىشنىڭ نەتىجىسى. ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۇيقۇسى ئوبدان ئىنسانلارنىڭ يۈرەك تىقىلمىسى ، مېڭە تىقىلمىسى ، دېۋەڭلىك  قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولمىغانلارغا قارىغاندا، تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئۇيقۇ تۇيغۇ تۇراقلاشتۇرغۇچى بولۇپ، ئۇيقۇدا ئاجرىلىپ چىققان قاراڭغۇلۇق ھورمونى مېلاتونىن بەدەننىڭ ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىنسانلارنىڭ روھ ھالىتىنى، تۇيغۇ - كەيپىياتلىرىنى تەڭشىمەكتە. ئۇيقۇسىزلارنىڭ قېنىدا بۇ ھورمون ئاز بولغاچقا، روھ كېسەللىكلىرىدىن  ئەندىشە، چۈشكۈنلۈك ، ئاسان قورقۇش ۋە روھى ئاجىزلىشىش قاتارلىقلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى جىقايماقتا ياكى ئۇيقۇسىزلىق مەۋجۇت روھ كېسەللىكلەرنىڭ قايتا قوزغىلىشى ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولىشىغا سەۋەپ بولماقتا.

شۇنى تەكىتلەيمىزكى،  ئۇيقۇ ساغلاملىقنىڭ كاپالىتى، تۇيغۇلىرىمىزنىڭ تېرىكى، گۈزەللىكنىڭ سىرى، بەدىنىمىزنىڭ كېسەللىككە قارشى  جان سەپدىشىدۇر. شۇڭا سۈپەتلىك ئۇيقۇ بىلەن ساغلاملىققا ئۇل سالايلى!

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

شېكەر ئەڭ تاتلىق زەھەر

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟