ئۇيقۇ سەنئىتى

 سەنئەت بىر پىكىر- ئىدىيە ، ھېس- تۇيغۇنى  ئىپادىلەش شەكلىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن ، بىر ئىشىنى ، بىر ھۈنەرنى ماھىرلىق بىلەن قىلىش قابىلىيتىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىر ئىشنى ئۇستىلىق بىلەن قىلالايدىغانلارغا سەنئەتكار دەيمىز. ئىنسان بۇ دۇنيادا ياشىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ماھارەتلەرنى ئىگىلىشى كېرەك. مەسلەن،  ئوقۇش، يېزىش، ئۈزۈش، ھەيدەش قاتارلىق كۆزى بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ھۈنەرلەرگە  ئوخشاش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيقۇسىنى تەرتىپلەش ۋە ساغلاملىقىنى قوغداشمۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان،  لېكىن ئىگىلەشكە تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم ماھارەتلەردۇر. رىقابەتكە تولغان  ئىش دۇنياسىدا ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۇپ قىلىش،  يەنى شۇ ئىشنىڭ سەنئەتكارى بولۇش مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشنىڭ شەرتى بولۇپ قالغانغا ئوخشاش، ئىنسان ساغلاملىقى ھەر تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان بۇ دەۋردە ھەر بىر ئىنسان ساغلاملىقىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئاسرىشى لازىم.بۇ تېما بىر قانچە يازمىدا تەكىتلىنىۋاتقان ساغلاملىقنىڭ باشلانغۇچى، ساقلىقنىڭ كاپالىتى بولغان ئۇيقۇ بولغاندا،  ئىنسان تېخىمۇ كۈچ سەرپ قىلىشى، ئۇيقۇنى سەنئەتلىك ئۇخلاپ، گۈزەل ئۇيقۇ ۋە ساغلاملىقىنى ئۇخلاپ چىقىشى كېرەك. < ئۇخلاپ چىقىش > قۇلاققا ئاساندەك تۇيۇلسىمۇ، بىر سەنئەتكارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى نەقەدەر تەس بولغانغا ئوخشاش، ئۇيقۇ سەنئىتىنى ئۆگىنىش ۋە ئورۇنداش ئاسان ئەمەس. پەيلاسوپ Friedrich Nietzsche دېگەندەك  « ئۇخلاش ئۇ قەدەر ئاسان بىر سەنئەت بولماستىن، ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن كۈن ئويغاق تۇرۇش كېرەك».

نۇرغۇن ماھارەتلەر تەلىم - تەربىيە بىلەن قولغا كەلگەنگە ئوخشاش، ياخشى بىر ئۇيقۇ ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، بۇ ئارقىلىق سۈپەتلىك ئۇيقۇ ئۇخلاشنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇيقۇمىزنىمۇ تەربىيلەپ چىقىشىمىز لازىم. ئۇيقۇسىنى تەربىيەلەلمىگەن ئادەم، كېسەللىكنى ئۈندۈرۈپ چىقىدۇ. ئۇخلاشنى بىلمىگەن ئىنسان ئويغىنىشنى، بۇ دۇنيادا كۈرەش قىلىشنى بىلمەيدۇ. بۇ ئىشنىڭ يولىمۇ دەسلەپتە مېڭىمزدە ئۇيقۇغا بولغان توغرا تونۇشنى يېتىلدۈرۈش، ئۇيقۇ ئۇقۇمىنى چۈشنىش، ئۇيقۇ بىلەن ساغلاملىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىلىش بىلەن باشلايدۇ. كاللىمىزدىكى تۈگۈن يېشىلمەي تۇرۇپ، شەيتان ئۇيقۇمىزغا تۈگۈنەك باغلايدۇ.  كاللا ھەل بولغاندىن كېيىن، سۈپەتلىك ئۇيقۇ ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى، مەلۇماتلارنى ئىگىلەش، ئۆگىنىش لازىم. ئەڭ ئاخىردا بۇ ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزغا تەدبىق قىلشىمىز كېرەك. ھەر قانداق بىر قىلمىشنى ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن،  ئەڭ ئاز دېگەندە 40 قېتىم ياكى 40 كۈن تەكرارلىشىمىز، سىناق قىلىشىمىز، ئارىلىقتا توختىتىپ قويماسلىقىمىز لازىم. دېيىلگەندەك،  ياخشى ئۇخلاش پېشۋاسى بولۇش ئۈچۈنمۇ سەۋر كېرەك. سەۋەپ قىلساق سېۋەتتە سۇ توختىغاندەك، سەۋر قىلساق كۆزىمىزدە ئۇيقۇ توختايدۇ. تۆۋەندە سىزنىڭ ئۇيقۇڭىزغا ياردەم قىلىدىغان، ئۇيقۇسىزلىقىڭىزغا داۋا بولىدىغان بىر قانچە چارىنى، سىزنى ئۇخلاش پېشۋاسى قىلىدىغان بىر قانچە ماھارەتنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز: 

1. ئوبدان ئۇيقۇ ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلاڭ.  ياتاق ئۆيڭىز ھاۋالىق، ئېلىكترونلۇق ئەسۋابلاردىن ئۇزاق، قاراڭغۇ ۋە جىمجىت بولىشى لازىم. ئەگەر ئازراق ئاۋاز ۋە يورۇقلۇق سىزنى بىئارامىسز قىلسا، كۆزىڭىزگە ئۇخلاش لاتا كۆزەينىكى، قۇلقڭىزغا ئۇخلاش پاختا قۇلاقلىقى تاقىسىڭىز بولىدۇ. كارۋىتىڭىز سىزگە لايىق راھەت بولىشى ، ئۇخلاش كىيىمى، يوتقان - كۆپە، ياستۇقلار تەبئىي پاختا - يۇڭدىن بولىشى لازىم. بۇنداق بولغاندا ھەم تەرنى سۈمۈرۈپ بەدەن تېمپۇراتۇرىڭىزنى تەڭشىسە، يەنە بىر تەرەپتىن بەدەن قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ سىزنىڭ چاپسان ئۇخلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ. ئۆينىڭ تېمپۇراتۇرسى 21 گرادۇسنىڭ ئاستىدا، نەم % 60-40 ئارىسىدا بولىشى ئەڭ ئەلادۇر. ھاۋا ئىسىق مەزگىللەردە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال سوغاق سۇدا مۇنچىغا چۈشۈش، ئۆينى نەم تۇتۇش ئۈچۈن سۇ بار كورىلارنى ئۆيگە سەرەمجانلاشتۇرۇش لازىم.

2. ئوبدان ئۇيقۇ ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى ھازىرلاڭ. ھەر كۈن ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇخلاشقا تىرىشىڭ ۋە بۇ ئارقىلىق مېڭىڭىزگە سىگنال ئەۋەتىڭ. بىر مەزگىلدىن كېيىن مېڭىڭىز ئۇ سائەتنى سىزنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىڭىز سۈپتىدە كودلاپ، پۈتۈن زېھىن ۋە ئۇيقۇ پائالىيەتلىرىنى ، ھورمون سەۋىيەلىرىنى ئۇنىڭغا قارىتا تەڭشەپ، ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئۆزلىگىدىن ئۇخلاشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. كۈنلۈك ئۇخلاش مىقدارى كىشلەرگە نىسبەتەن پەرقلىق بولسىمۇ، سىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئۇيقۇ مىقدارىڭىز تۇراقلىقتۇر. ئەگەر سىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئۇيقۇ ئېھتىياجىڭىز ئەگەر 7 سائەت بولسا، بۇ 7 سائەت ئۇيقۇنى بالدۇر يېتىپ ( كېچە سائەت 11- 10 ئارىسى ) بالدۇر تۇرۇشقا ( سەھەر ۋاقتى 6-5 ئارىسى ) ئادەتلىنىڭ. كۈندۈز ئۇيقۇسى كېچە ئۇيقۇسىدىن كېسىلىدىغان بولغاچقا، كۈندۈز ئۇخلىماسلىققا تىرىشىڭ. ئۇخلاشنىڭ ھەم پايدىسى يوق ، ھەم كېچە ئۇيقۇڭىزنى ھارام قىلىدىغان قۇياش تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىدا ۋە نامازشام ۋاقتىدا ئۇخلىماڭ. ئۇيقۇ سائەتىڭىزنى ئازايتىش ئۈچۈن تەدىرىجىي قەدەم ۋە سىزگە ئۇيغۇن باسقۇچلار بىلەن ئېلىپ بېرىڭ. مەسلەن، 8 سائەتتىن بىراقلا 6 سائەتكە بېلىقچە ئاتلاپ، بېشىڭىزغا تاش تەگمىسۇن. دەسلەپ 7 يېرىم، كېيىن 7 ۋە بۇ تەرىقىدە سالماق قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەڭ.

3. ئوبدان ئۇيقۇ ئۈچۈن بەدىنڭىزنى ھازىرلاڭ. ئەڭ ئاۋۋال ئۇيقۇسىزلىققا سەۋەب بولىدىغان كېسەللىكلەر بار بولسا، مەسلەن نەپەس يوللىرىدا تارىيىش ، بۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ داۋالىتىڭ. بەزى ئىچىۋاتقان دورىلىرىڭىز ئۇيقۇسىزلىقنىڭ سەۋەبچىسى بولىشى مۇمكىن. بۇ تېمىنى دوختۇرىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ.  ئەگەر سېمىزلىك بار بولسا سۈپەتلىك ئۇيقۇ ئۈچۈن ئورۇقلىشىڭىز لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا خورەك ھەم سۈپەتسىز ئۇيقۇڭىزنى كۆرسىتىپ بەرسە، ھەم باشقىلارنىڭ ئۇيقۇسىنى زەھەر قىلىدۇ. تەنھەرىكەت ئىنسانلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ياخشىلايدۇ. ئەمما ئۇيقۇ سائىتىگە يېقىن قىلىنغان تەنھەرىكەت ئۇيقۇڭىزنى قاچۇرىدۇ، دىققەت قىلىڭ.

4. ئوبدان ئۇيقۇ ئۈچۈن روھىڭىزنى ھازىرلاڭ. ئىنساننىڭ مەۋقەسىدە ۋىجدان بار بولغانلىقى ئۈچۈن، كۈندىلىك ھاياتتىكى توغرا  - خاتالار، ئەينى ۋاقىتتا ئىنسان بىر ئىجتىمائىي مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىكى ئېگىز - پەسلىكلەر ۋە  توقۇنۇشلار، بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن خۇشاللىق ۋە خاپىلىق ئىنسانلارنىڭ روھ ھالىتىگە، ھېس - تۇيغۇلىرىغا ئاجايىپ تەسىر كۆرسىتىپ، كېچە ئۇيقۇسى، ھەتتا چۈشلىرىنى بۇزىدۇ. شۇڭا توغرا ئىشلارنى قىلىپ، خاتالاردىن ساقلىنىش، ئورۇنسىز ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا سۆيگۈ - مۇھەببەت ۋە ئەپۇنى دەسسىتىش ئارقىلىق ئۇيقۇمىزنى ياخشىلىيالمايمىز. خۇشال كەيپىيات تەبئىي ئۇخلاش دورىسىدۇر.

5. ئوبدان ئۇيقۇ ئۈچۈن ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. ئەگەر ھاراق، تاماكادەك ساغلاملىققا  زىيانلىق قىلمىشلارنىڭ ئەسىرى بولسىڭىز، بۇلارنى تاشلاپ قىسقا زاماندا بۇلاردىن قۇتىلىشىڭىز لازىم. كەچلىك تاماقنى 7 دىن بۇرۇن يېيىشتەك ئۇيقۇغا پايدىلىق ئادەتنى يېتىلدۈرۈڭ.  چۈنكى كېچە پەقەت ئۇيقۇ ئۈچۈندۇر، كەچلىك تاماقنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن كەچلىك ئىسمېنا ئىشلەش ئۈچۈن ئەمەس. كەچ سائەتلەرگە قەدەر تېلۋۇزۇر كۆرۈشتەك يامان ئادىتىڭىز بار بولسا ئۇنى ئۆزگەرتىڭ. چۈنكى ئېلىكترونلۇق ئەسۋابلاردىن چىققان كۆك نۇرلار قاراڭغۇلۇق ھورمونى مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى بۇزۇش ئارقىلىق،  ئۇيقۇڭىزنى سىزدىن تارتىۋالىدۇ. ئۇخلاشتىن ئاۋۋال چاي، قەھۋە ۋە سۇ ئىچىشتىن ساقلىنىڭ. ئۇيقۇ شەكلىڭىزنى تۈزىتىڭ، نورمالدا ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يان يېتىش، يۈرەككە بولغان بىسىمىنى يەڭگىللىتىپ ئۇيقۇڭىزنىڭ بۆلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

كۆپ ئوقۇلغان ماقالىلەر

سۈنئىي ياغلار، دۈشمەن مايلار

روھ قانداق ساغلام بولىدۇ؟

ساغلاملىقنىڭ ئېنىقلىمىسى