ساغلاملىق مەسئۇلىيەتتۇر
ساغلاملىق ئەركىنلىك ۋە ھۆرىيەتتۇر. ساغلاملىق ھەققى تۇنجى قېتىم 1946 - يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسى قانۇنىدا < مۇمكىن بولىدىغان ئەڭ يۈكسەك ساقلىق ئۆلچىمىگە ئىگە بولۇش، ئىرىق ، دىن ، سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنى نېمە بولسا بولسۇن، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقىدۇر > دەپ تەرىپلەنمەكتە. بۇنىڭغا ئوخشاش خەلقئارالىق ۋە ئۇنىۋېرسال قانۇنلار گەرچە ساغلاملىق ھەققىنى ئىنسان ھوقۇقى كاتېگورىيەسىدە تەھلىل قىلسىمۇ، بۇ قانۇن- تۈزۈملەرنىڭ ئەمەلىي ھاياتتىكى ئىجراسىنى بىر تەرەپكە تاشلاپ قويساق، كىشىلەر ساغلاملىق ھەققىنى < كىشىنىڭ داۋالىنىش پۇرسىتى ۋە پاراۋانلىقىدىن باراۋەرلىك پرىنسىپى ئاساسىدا بەھىرلىنىشتۇر > دېگەندەك تار مەنادا چۈشۈنۈپ قالماقتا. ئەمەلىيەتتە ساغلاملىق بىر ئەركىنلىك بولۇپ، ھېچقانداق كېسەللىك، دورا ۋە دوختۇرخانىغا بېقىندى بولۇپ قالماستىن، ھاياتىنى سۈپەتلىك ۋە ئەركىن ياشاشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇ ئەركىنلىكنىڭ چەك - چېگرىسىنى بەلگىلەيدىغان مەسئۇلىيەتلەرنى ئاۋۋال ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن مەسئۇلىيەتلەرنى بىجانىدىل ئورۇنداش بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. چۈنكى مەسئۇلىيەت ئەركىنلىكنىڭ كاپالىتى، ئەركىنلىك بىلەن مەسئۇلىيەت ياغ بىلەن بۆرەكتەك بىر تۇغقاندۇر. ئىنسان قانچە مەسئۇلىيەتچان بولسا شۇنچە ئەركىن بولالايدۇ. پەيلاسوپلارمۇ ئىنسان ئۇقۇمىنى مەسئۇلىيەت ئۇقۇمى بىلەن زىچ باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەڭ مەسئۇلىيەتچان ئىنسان ئەڭ ئەركىن ۋە ھۆر بولغان ئىنساندۇر.
مەسئۇلىيەت
قىلىشقا تىگىشلىك بۇرچ بولۇپ، بۇ ۋەزىپە ئورۇندالماي تۇرۇپ بەزى ھوقۇق ۋە
ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش مۇمكىن ئەمەس. ئىنسان سوئال سوراش، تەكشۈرۈش ۋە ئىزدىنىش
ئارقىلىق مەسئۇليەتلىرىنى بىلەلەيدۇ، ئويلىنىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن تۇغۇلىدىغان
ھۆرىيەت ۋە ئەركىنلىكنى ئۇقالايدۇ، تەپەككۇر بىلەن ئەركىنلىك ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا
ئىگە بولۇش ئارقىلىق، كېرەكلىك گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. بۇ جەرياندا ئاڭ
شەكىللىنىدىغان بولۇپ، ئەسلىدە ئاڭلىق ئىنسان دېمەك ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە ئەركىنلىكىنى
ئاڭقىرالايدىغان ئەخلاقلىق ئىنسان دېمەكتۇر. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان
ئىنساننىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەش قابىلىيىتى يۈكسەك بولۇپ، قەلبىدە مەسئۇلىيەتلىرىنى
ئەسلىتىپ تۇرىدىغان، بۇرچىنى ئورۇندىيالمىغاندا كۆڭلى يېرىم بولىدىغان بىر
مېخانىزم شەكىللىنىدۇ. بىز بۇنى ۋىجدان دەيمىز. بۇ ۋىجداننىڭ ئىنسانلارنى
تىزگىنلەش كۈچى قانۇن - تۈزۈملەرنىڭ جازالاندۇرۇش كۈچىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك
بولۇپ، بۇنى پەقەت مەكتەپلەردە ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئارقىلىق يېتىلدۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.
چۈنكى جەمئىيەت ئوقۇغان مەسئۇلىيەتسىز، ئاڭسىز ئىنسانلار بىلەن تولۇپ تاشقاندۇر.
دېمەك، ئومۇمى قانۇنىيەت سۈپتىدە مەسئۇلىيەت ۋە ئەركىنلىك تۇيغۇسى بولمىغان
ئىنساننىڭ ئەخلاقلىق ۋە ئاڭلىق بولىشى، ئاڭسىز كىشىدە ۋىجدان بولىشى مۇمكىن ئەمەس.
بۇ قانۇنىيەتنى ساغلاملىققا تەتبىقلىساق، ساغلاملىق مەسئۇلىيەتنى ئىجرا قىلمىغان
كىشىنىڭ ساغلاملىق ئەركىنلىكىگە ئىگە بولىشى، ساغلاملىق ئېڭى شەكىللەنمىگەن
ئىنساننىڭ ساغلام ، خۇشال ۋە ئەركىن ياشىشى مۇمكىن ئەمەس.
بىر
پۈتۈن ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىنسان ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، جەمئىيەتكە،
دۆلەتكە، ھەتتا تەبىئەت ۋە كائىناتقا بولغان مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇشى ۋە ئورۇندىشى
لازىم. ئىنسان شەخسى ساغلاملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تەبئىي يېمەك-
ئىچمەك ئۇسۇلىنى، توغرا تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك . يېمەك- ئىچمەكتە
ئورگانىك مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىش، كۈندىلىك ھاياتتا تەبىئىتىگە ئۇيغۇن ئىش-
ھەرىكەتلەرنى قىلىش ناھايىتى مۇھىم. بۇنى بەدەن ۋە روھ ساغلاملىق ئۈچۈن بىر
مەسئۇلىيەت، دەپ تونۇپ يېتىپ ئىجرا قىلمىغاندا ھەر خىل كېسەللىكلەر ساغلاملىق ئەركىنلىكىمىزنى
قولىمىزدىن ئالىدۇ. كۆڭلىمىز تارتقان تېشى پال- پال ، ئىچى غال- غال ناتەبىئىي
يېمەك- ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش، خوش ياقمىدى، دەپ توغرا تۇرمۇش ئادىتىدىن قېچىش،
چىرايلىق قىلىپ ئېيتقاندا مەسئۇلىيەتسىزلىك، قوپالراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئاڭسىزلىق
ۋە ئەخلاقسىزلىقتۇر. كېسەللىك دەل بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدۇر.
نۇرغۇن
كېسەللىك ئىرسىي بولماستىن ئائىلىۋىيدۇر. پەرزەنتلەرنىڭ سېمىز بولىشى ياكى بەزى
ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىشى گېنېتىك ئەمەس بەلكى تەبئىي
يېمەك- ئىچمەك ئۇسۇلى ۋە توغرا تۇرمۇش
ئادىتىدىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتى ھالىغا كەلمەسلىكتىن ۋەياكى
ئائىلە تۈزۈمى شەكلىدە ئىجرا قىلىنماسلىقتىن مەيدانغا كەلمەكتە. نۇرغۇن مەسئۇلىيەت
تۇيغۇسى ئائىلىدە شەكىللەنمەكتە. ئاتا- ئانىسى تاماكا چەكمەيدىغان ئائىلىدىن كېلىپ
چىققان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى تاماكا چەكمىگەنگە ئوخشاش، پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىسىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزلىرىگە
يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆزلىگىدىن ئۆگەنمەكتە. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئۇسۇلىنى ۋە
تۇرمۇش پىچىمىنى گېنىغا كودلىماقتا. بۇ گېن ئۈستى (Epigenetic ) بىر ھادىسە بولۇپ،
نۇرغۇن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ گېن ئۈستى دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى بۇدۇر.
شۇڭا ئاتا- ئانا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ ساغلاملىقىدىن مەسئۇل
بولۇپ، مەسئۇلىيەتسىز ئاتا- ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ كېسەل بولىشىغا شىرىكتۇر.
بىر
ئىنسان ياشاۋاتقان جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئۇ ئىنساننىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر
كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرسى. بولۇپمۇ بىر پۈتۈن ساغلاملىقنىڭ مۇھىم
تەركىبى قىسمى بولغان مۇھىت ساغلاملىقى ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىق ئۇ جەمئىيەت ۋە
دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت (culture ) ۋە مەدەنىيلىك (civilization ) ساپاسىنى بەلگىلەيدىغان ئىنسانلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن زىچ
مۇناسىۋەتلىك. مەسلەن، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى كۈچلۈك جەمئىيەتتە ياشىغان
ئىنسانلارنىڭ چۈشكۈنلۈككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولسا، يالغۇزلۇققا مەھكۇم
بولغان جەمئىيەتتە ياشايدىغانلاردا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش كۆپ كۆرۈلمەكتە. يەنە
شۇنداقلا نامرات دۆلەتتە ياشاۋاتقان بالىلار ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتقان بولسا، باي
دۆلەتتە ياشاۋاتقان بالىلار سېمىزلىكتىن ئۆلمەكتە. ئىنسانلار جار سېلىۋاتقان
مىللەتپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك دەل مىللىتىگە ۋە ۋەتىنىگە بولغان مەسئۇلىيەت
تۇيغۇسىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر خىل بەدەن ، روھ، ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت كېسەللىكلىرى
ئەۋج ئالغان بىر جەمئىيەتتە ياكى
مەملىكەتتە مىللەتپەرۋەر ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئىنسانلار يوق دېيەرلىك دېمەكتۇر. بۇ خىل
جەمئىيەت ۋە مەملىكەتتە ئەركىنلىك ۋە ھۆرىيەتتىن ئېغىز ئېچىش ئۇخلىماي چۈش
كۆرگەنلىكتۇر.